تۇردىبەگ مۇھەممەدبەگ 1979- يىلى ئاقتۇ ناھيىسىنىڭ تار تاجىك مىللى يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1999-يىلى قىزىلسۇ دارىلمۇئەللىمىننى پۈتتۇرۈپ ئۆز يۇرتىدا ئوقۇتقۇچى بولغان، 2006- يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتوتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتىتىنى پۈتتۈرگەن، 2007-يىلى 7- ئايدىن باشلاپ ئاقتۇ ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ 2001- يىل 7- ئايدا شىنجاڭ ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە، 2009- يىلى 9- ئايدىن 2010- يىلى 1- ئايغىچە لۇشۇن ئەدەبىيات ئىنىستىتوتىدا تەربىيلەنگەن. ئۇنىڭ ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەر قايسى نەشىر ئەپكارلىرىدا 800 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.53 پارچە ئەسىرى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنغان.13 پارچە ئەسىرى قازاق ، موڭغۇل، قىرغىز تىللىرىدا ئېلان قىلىنغان. 2008- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزالىققا قۇبۇل قىلىنغان .
|