كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 10

« ئېھ ، توپىلىق يول » ھېكايىسىنىڭ يېزىلىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 09:09:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« ئېھ ، توپىلىق يول » ھېكايىسىنىڭ يېزىلىشى
ئابدۇرېشىت ئوسمان


بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخىدىكى نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدىغان « ئىھ ، توپىلىق يول » ناملىق ھېكايە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلىرى ئىچىدە ناھايتى تىپىك ئىجادىيەت تارىخىغا ئىگە. شۇڭا بۇ ئەسەر « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 1985- يىللىق 1- سانىدا ئىلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا سازاۋەر بولدى. ئەدەبىيات ئاشنالىرىنىڭ مۇھاكىمە ، مۇلاھىزىلىرىنىڭ ئوت پىلتىسى بولدى. بىر قىسىم ژۇرناللار بۇ ئەسەرنى كۆچۈرۈپ باستى. قازاقىستان « مەكتەپ » نەشىرىياتى 2003- يىلى نەشىر قىلغان ئىجتىمائىي - گۇمانتارلىق ئوقۇشلۇقىنىڭ تىل - ئەدەبىيات 11- قىسىم كىتابىنىڭ « زامانىۋى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» بۆلىكىگە كىرگۈزدى .

يازغۇچى زوردۇن سابىر « ئېھ، توپىلىق يول » ناملىق بۇ ھېكايىسىنى 1984- يىل 6- ئايدا مەكىتتە يازغان. 1984- يىل 10- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچىدە قايتا ئۆزگەرتكەن. 1985- يىلى « تارىم » ژۇرنىلىنىڭ 1- سانىدا ئېلان قىلىنغاندا ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدە قىلغان . چۈنكى يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ ھېكايىسىدە بىر قىسىم بېيىغان دېھقانلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى ناچار ئىللەت، نۇقسان، يېتەرسىزلىكلىرىنى دادىللىق بىلەن تەنقىد قىلغان. « ئېھ ، توپىلىق يول » ناملىق بۇ ھېكايىدە يارىتىلغان پېرسۇناژ گۈلئايشەم بىلەن روزەك بەز رۇشەن خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بەدئىي ئوبراز بولۇپ، ھەر ئىككىلا پېرسۇناژ پروتوتىپ ئاساسىدا يارىتىلغان. بىز ئالدى بىلەن ھېكايىدىكى پېرسۇناژ روزەك بەزنىڭ پروتوتىپى ئۈستىدە توختىلايلى :

مەكىت ناھىيىسى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تۇرمۇش ئۆگۈنۈش بازىسىنىڭ بىرى بولۇپ ، 1983- يىلى 7- ئايدا يازغۇچى زوردۇن سابىر مەكىتكە ئىككىنچى قىتىم كەلگەندە « ئېھ ، توپىلىق يول » ناملىق ھېكايىسىنى يازغان. يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ « يۈرىكىم يىغلايدۇ» ناملىق ئەسلىمىسىدە يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئېھ ، توپىلىق يول » ناملىق ھېكايىدىكى روزەك بەز ئوبرازىنى يانتاق يېزا جەرەندۆڭ كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق باي دېھقان توختى ھىيتنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆگىنىش ئاساسىدا ياراتقانلىقى ھەققىدە ناھايتى تەسىرلىك ۋەقە - تەپسىلاتلار بار. بۇ ھېكايىنىڭ يىزىلىشى ھەققىدە يەنە مۇتەللىپ سېيىتنىڭ « شىنجاڭ مەدەنىيىتى » ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 6- سانىدا ئىلان قىلغان « ‹ئېھ ، توپىلىق يول› پاجىئەسى» ناملىق ئەسلىمە ماقالىسىدا مۇنداق تەپسىلاتلار بار :

« ...... كىچىدە قارىسام زوردۇنكام يىزىقچىلىققا ئولتۇردى، مەن : ‹ زوردۇنكا نىمە يازىسىز ؟ › دەپ سورىدىم . زوردۇنكام ماڭا : ‹ ئەسلىدە بىر نەرسە يېزىش نىيىتىم يوق ئىدى، لېكىن توختى ھېيتنىڭ بىر ئېغىز سۆزى مېنى بىر ھېكايە يېزىشقا ئۈندىدى › دېدى. مەن ھەيران  قالدىم ، .... ئۇ كۈندىكى ئەھۋالنى ئۇققان يانتاق بازىرىدىكى ياشلار توختى ھېيتنى يانتاقلىقنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۋەتكەن ‹ توختەك بەز › دەپ تىللىغان ئىدى. ....

زوردۇنكام كۆز ئەينىكىنى سۈرتۈپ ماڭا قاراپ :‹ - مۇتەللىپ، سىلەر سەزمىدىڭلار ، بىرىنىڭ : توختى ھېيتقا پۇل تېپىش ، باي بولۇشنى ئۈگەتكەن ھۆكۈمەت پۇل خەجلەشنى ئۈگىتەر، دېگەن مۇشۇ سۆزى بىر قانچە كۈندىن بېرى كاللامدىن كەتمىدى. نېمە دېگەن ساپ نىيەتلىك سۆز،مانا مۇشۇنى دېھقان قەلبىدىكى ساپ سۆز دەيمىز . مۇشۇ بىر ئېغىز سۆز مېنى ئىسلاھات ئېچۋىتىشنى يولغا قويغاندىن كېيىن كۆزى ئېچىلىپ باي بولۇشنى ھاللىق سەۋىيەگە يىتىشنى كۆزلەپ كېچە - كۈندۇز دۇم يىتىپ، دۇم قوپۇپ ئوماچتەك لاي سۇ ئېچىپ، قاتتىق زاغرا يەپ ئىشلەۋاتقان ئاق كۆڭۈل، ساددا دېھقان خاراكتېرىنى يارىتىشقا ئۈندىدى » .

دېمەك، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئېھ ، توپىلىق يول » ناملىق ھېكايىسىدە ئۇستىلىق بىلەن يارىتىلغان روزەك بەز ئوبرازى يازغۇچىنىڭ بەدئىي غايىسى بولۇپ، ھېكايىدىكى روزەك بەز پۇل تېپىشنىلا بىلىپ، پۇل خەجلەشنى بىلمەيدىغان خاراكتېردىن گۈلئايشەمنىڭ مېھرى- مۇھەببىتى، ئائىلە ئىللىقلىقى سەۋەبىدىن ھەم پۇل تېپىشنىمۇ بىلىدىغان، ھەم پۇل خەجلەشنىمۇ بىلىدىغان خاراكتېرىگە ئۆزگەرگەن دېھقان ئوبرازىدىن ئىبارەت.

ئەمدى « ئېھ ، توپىلىق يول » ناملىق ھېكايىدىكى پېرسۇناژ گۈلئايشەمنىڭ پروتوتىپى ئۈستىدە توختىلايلى :

يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ 3- خاتىرە دەپتىرىدە ھەر خىل تۇرمۇش كەچۈرمىشىگە ، سەزگۈزەشتىگە ئىگە ئۈچ ئايال بىلەن ئۆتكۈزگەن قىسقىچە سۆھبەت خاتىرىسى بار . بۇ سۆھبەت خاتىرىسى تۆۋەندىكىچە :




  

يەنە مۇتەللىپ سېيىتنىڭ « شىنجاڭ مەدەنيىتى ژورنىلىنىڭ 2001- يىللىق 6- سانىدا ئېلان قىلغان ‹ ئېھ ، توپىلىق يول ›پاجىئەسى ناملىق ئەسلىمىسىدە مۇنداق بىر تەپسىلات بار :

« زوردۇنكام كۈلۈپ كېتىپ :

   ـــ يەنە بىرى ناھىيىلىك مېھمان كۈتۈش قورۇلىشىدا لاي زەمبىلنى كۆتۈرۈپ ، ناخشا ئېيتىدىغان ھىلقى چوكان، - دېدى.  

بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت مېھمانخانىسىنىڭ قورۇلىشىدا ئىشلەۋاتقان بۇغداي ئۆڭلۈك ، زىلۋا بوي، ئۇزۇن چاچ ، كېلىشكەن بىر چوكان يادىمغا كەلدى. زوردۇنكام ناھيىدە ياتقان ياتاقنىڭ كەينىدە قورۇلۇشچىلار لاي ئازگىلى كولىغان بولۇپ ، بىر توپ ئۇيغۇر ، خەنزۇ ئىشلەمچى قورۇلۇش ئورنىدا سېغىزدىن ئىتىلگەن لاي توشۇيتتى . شۇلار ئىچىدە بىر ناخشىچى چوكان بولۇپ ، لاي ئۇسىغان زەمبىلنى كۆتۈرگەن ھامان ناخشىنى باشلايتى . زوردۇنكام ئەمدى قولىغا قەلەم ئېلىشى بىلەن ھىلقى چوكاننىڭ ناخشىسى باشلىناتتى . زوردۇنكام قەلەمنى قويۇپ ناخشا تىڭشايتتى. بۇ چوكاننىڭ ناخشىسىنىڭ زوردۇنكامغا شۇنچە يىقىملىق ئاڭلىنىشىدىكى سەۋەپ ، ئۇنىڭ قەشقەر خەلق ناخشىلىرى بىلەن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشى ئىدى، بەزىدە ئىلى خەلق ناخشىلىرى باشلىنىشى بىلەن زوردۇنكام ياتاقتا تۇتۇپ قوشۇلۇپ ئېيتىپ كىتەتتى .....

ـــ مۇتەللىپ ئاشۇ چوكاندا بىر سىر بار ، ئۇقۇشۇپ كۆرەيلى بەلكى بىر پارچە ھېكايىگە خام ماتىرىيال بولار ، - دېدى . كېيىن زوردۇنكامنىڭ ماڭا دەپ بېرىشىچە، زوردۇنكام شۇ چوكان بىلەن مۇڭدىشىپتۇ ، ئۇ چوكان مەكىتنىڭ بازار جامىئە يېزىسىدىن بولۇپ، ناھىيەلىك ماشىنا ئەترىتىدىكى بىر شوپۇرغا كۆيۈپ قىلىپ، دېھقان ئېرىدىن ئاجرىشىپ شوپۇر بىلەن ئۈرۈمچى ، كورلا ، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلارغا بارغان ئىكەن. كېيىن ئۇ شوپۇر توقسۇنلۇق بىر ئاشپەز ئايالنى تىپىۋېلىپ ئۇنى تاشلىۋەتكەندىن كېيىن غۇلجىدا ئۈچ يىل تۇرغان ئىكەن، دادىسى ئېغىر كېسەل بولۇپ، باققۇچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن يۇرتىغا كېلىپ دادىسىنى بېقىۋېتىپتۇ. ئائىلە كىرىمى بولمىغاچقا ، قۇرۇلۇش ئورنىدا لاي توشۇپ، كۈندىلىك تاپقان پۇلى بىلەن دادىسىنى بېقىۋېتىپتۇ. لېكىن يەنىلا ھېلقى شوپۇرنى ئەسلەيدىكەن. ئىلى ناخشىلىرىنى ئېيتىشنى غۇلجىدا بىر ئاشپۇزۇلدا ياللىنىپ ئىشلىگەندە ئۆگىنۋالغانىكەن .... ھېلىقى چوكاننىڭ ناخشىسى بىلەن بېشىدىن ئۆتكەن سەزگۈزەشتىلىرى زوردۇنكامنى بىر ھېكايە يېزىشقا ئۈندەپتۇ. .... ھېلىقى چوكاننىڭ ئىسمىنى ئايشەمگۈلگە ئۆزگەرتىپ ‹ ئېھ توپىلىق يول › ناملىق ھېكايىسىنى پۈتتۈرۈپ بوپتۇ. مەن ھېكايىنى كۆرگەندىن كېيىن زوردۇنكامنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتىگە ، تىپىك ئوبراز يارىتىش ماھارىتىگە قايىل بولدۇم. ئەختەم ئۆمەرمۇ ھېكايىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن ناھايتى خۇشال بولدى . »

دېمەك ، يازغۇچى زوردۇن سابىر « ئېھ ، توپىلىق يول » ناملىق ھېكايىسىدىكى پېرسوناژ گۈلئايشەم ئوبرازىنى ئەنە شۇ زورىخان، پاتىگۈل، ئايتىللاخان ۋە ھېلىقى ناخشىچى چوكانلارنى پروتوتىپ قىلىپ ياراتقان.

زوردۇن سابىر « تارىم » ژورنىلىنىڭ 1986- يىللىق 1- سانىدا ئېلان قىلغان« ئىجادىيەت ۋە تۇرمۇش » ناملىق ماقالىسىدە « ئېھ، توپىلىق يول» ناملىق ھېكايىنىڭ يېزىلىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ : « ‹ ئېھ، توپىلىق يول › دىكى روزەك بەز نەق مەن كۆرگەن بىر ئاقكۆڭۈل دېھقان، ئۇ خۇددى مەن تەسۋىرلىگەندەك باي، لېكىن پىششىق. بىز بارساق زاغرا بىلەن مېھمان قىلغىنى راسىت. مەن ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن قىزىقىش بىلەن خاتىرە يازدىم. كېيىن قۇرۇلۇشتا ئىشلەۋاتقان بىر ئايال ماڭا ئۆز سەرگۈزەشتىلىرىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ سۆزلەپ بەرگىنى شۇ ھېكايىدىكى گۈلئايشەمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ئەينەن ئۆزى. مەن كېيىن يەنە بىر شوپۇر يىگىتنىڭ بىر دېھقاننى ئالداپ،پۇلىنى ئېلىپ قاچقىنىنى ئاڭلىدىم. مەن روزەك بەزنىڭ ھازىرقى ھاياتىنى يەنى بېييىغان، لېكىن راھەت كۆرۈشنى بىلمەيدىغان، گۈلنى نەگە قىسىشنى بىلمەيۋاتقان ئەھۋالىنى قىزىقارلىق بىر ھېكايە بىلەن ئىپادىلىمەكچى بولۇپ، ھېلىقى پۇلغا ئامراق قۇرۇلۇش ئىشچىسىنى روزەك بەزگە ئېلىپ بەردىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زىغزىق قىلىپ، بايىقى شوپۇرنى قىستۇردۇم. بۇ ئوخشىمىغان ئۈچ ۋەقە بىر - بىرىگە چېتىلۋېدى، ‹ئېھ ، توپىلىق يول › نىڭ گەۋدىسى تەييار بولدى».

ئومۇملاشتۇرغاندا، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بىر - بىرىدىن سەر خىل، ئېسىل ئەسەرلىرىدىكى پېرسوناژلار  تەپسىلاتلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ھەقىقىي تۇرمۇش چىنلىقىنى ھېس قىلدۇرالىشىدىكى سەۋەب يازغۇچىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك « تۆۋەن قاتلام » تۇرمۇش جەريانىدا نۇرغۇن خاتىرىلەرنى يازغانلىقىدا . يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەندە بۇ خاتىرە دەپتەرلەردىن تېما، ۋەقە، تەپسىلات، پېرسۇناژ، دىئالوگ، ئوبرازلىق سۆز - جۈملىلەر خۇددى بۇلاقتىن چىققان ئابى - چەشمىدەك يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىغا شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر خاتىرە دەپتەرلىرىدىن خام ماتىرىياللارنى بەزىدە ئەينەن ئېلىپ ئىشلەتكەن بولسا، بەزىدە بەدئىي بوياقتا رەڭ بەرگەن.


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 863
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-20

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 12:17:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن  سابىر  ھەقىقەتەن  ئۇلۇغ  يازغۇچى.ھەممەئەسىرى  شۇنداق  تېتىملىق !مەن چوڭ  بولغاندا  كۆپ پۇل تېپىپ  مەرھۇمنىڭ  نامىدا يۇقىرى سوممىلىق  بىر مۇكاپات تەسىس قىلىمەن!!زوردۇن ئاكىنى خەنزۇ يازغۇچىلارمۇ  چوڭ بىلىدىكەن!ئۇ   بىز  ئۇيغۇرلارنىڭ پەخرى!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 12:18  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1411
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 13:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى يىللىرى بۇ  ھېكايە ماڭا  شۇنداق  تەسىر  قىلغان  ئىدى،ھېكايىنىڭ  يېزىلىش  ئارقا  كۆرۈنىشىدە ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ماتىريال  باركەن، بۇنى جۇغلاپ  بىر  ماقالە  قىلىپ  بىزگە  سۇنغان ئاپتۇرغا  كۆپ  تەشەككۈرلەر بولسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 861
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1414
تۆھپە : 4
توردا: 175
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 13:40:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ ھىكايىنى ئوقۇپ چىققان كۈنلەردە ئاجايىپ بىر ئەبجەش خىيال مىنى ئويغا سېلىپ قويغان ئىدى. مەرھۇم ئۇستاز زوردىن سابىر ئاكىغا بولغان قايىللىغىم ھەسسىلەپ ئاشقانىدى. ئۇ كىشىنىڭ كۆپىنچە ئەسەرلىرىنىڭ ئەمىلى تۇرمۇشتىن كەلگنلىگىنى يەنە بىر قېتىم چۈشەندىم. بۇ يازمىنى يوللىغان ئابدۇرېشىت ئوسمانغا تەشەككۈر ئېيتىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تاشيولچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 13:40  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 863
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-20

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 14:33:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل مەرھۇم ۋاپاتىنىڭ 15 يىللىقى.ھەممەيلەننىڭ ئۆمرى بەرىكەتلىك بولسۇن!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-12 14:34  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 697
تۆھپە : 0
توردا: 134
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 14:34:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىت ئۇكا !بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىڭ تېخىمۇ روناق تاپسۇن . تورداشلار دېگەندەك زوردۇن سابىر ئاكا ھەقىقىتەن ئۇلۇغ ئەدىبتۇر . ئۇنى تەتقى قىلىش ، ‹‹زوردۇن سابىرشۇناسلىق››نى سەن مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشىڭنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن . چۈنكى سېنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىقتىدارىڭغا قايىلمەن . داۋاملىق ئالغا ! ئىشلىرىڭ ئۈنۈملۈك بولغاي .

شېىئر مېنىىڭ ئاسمىنىم ...!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 21:20:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېشىت ئوسمان،
  سىزگە سالاملىرىم يەتكەي.

سىزنىڭ بۇ ئىشنى ياندىن ئېلىپ بېرىشىڭىز،  بەزى چۈشەنچىلەرنى ئايدىڭ قىلغاي.

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1478
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1706
تۆھپە : 0
توردا: 131
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-26

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 22:00:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى يوللىغان ئا ئوسمانغا تەشەككۈر .

ئوتمۇشنى يىتىلەپ سەرگەندار ياپراق،
  يۇرمەكتە قىشتىكى سوغوق كاچكۈلدا .
bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 22:08:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەھمەتلىك زوردۇن سابىر ئاكىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر زات ئىدى. دېمەك ئۇنىڭ ئەدەبىياتى، بەلكى ھەممە نېمىسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئەھمىيەتلىك بىر ساھە، ئابدۇرېشىت ئوسمان مۇئەللىم دەل مۇشۇ ساھەكە ياخشى ياندىشىۋاتىدۇ. جۈملىدىن، مەن بۇ ئەمگەكتىن ئىنتايىن مەنمۇن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 759
تۆھپە : 0
توردا: 218
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-12 22:14:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qasimjanosman يوللىغان ۋاقتى  2013-1-12 21:20
ئابدۇرېشىت ئوسمان،
  سىزگە سالاملىرىم يەتكەي.

ئۆتكەندە، تەڭرىتاغ ژورنىلدا ئابلەت ئابدۇللاغا مەخمۇت مۇھەممەت بىر خەت يېزىپتىكەن.

  دېمىسىمۇ، شۇ گەپلەرنى ئىككى قېتىم تەگەش، ئەينى دەۋردىكى روس ئەدەبىياتىنىڭ بىزدىكى تەسىرىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇرلۇقىنى بىلدۈرىدۇ.
    مېنىڭچە، بۇ قەدەر كۈچەپ كېتىش - ھۆرمەت ئېگىسىنى چوققا قىلىشقا ئەمەس، بەلكى روسىيە پادىشاھلىقىدىكى دەۋردە قېلىپقا سېلىپ ئويلاشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
   زوردۇنكام، ئۇيغۇرنىڭ بالىسى، ئۇ ھېچقاچان  ئۆزىنى «ئەدەبىياتنىڭ ياكى مىللەتنىڭ ئاتىسى»[دەپ باقمىغان.
   يەنە پىكىرلىشەرمىز، سالامەت بولۇڭ.

http://bbs.xjmukam.cn/thread.php?fid=91
بۇ يەردە، شېئىرىيەتكە قەدەم ئېلىڭ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 08:51:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش