ximal
كۆرۈش: 438|ئىنكاس: 0

ئابلىمىت سەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1476
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 85
تۆھپە : 5
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 21:42:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابلىمىت سەمەت



Ablimit Samat.jpg



ئابلىمىت سەمەت 1966-يىل 1-ئايدا قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1986-يىل خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ، شۇ فاكۇلتېتتا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، پايتەخت پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلاردا تىل-ئەدەبىيات، كاتىباتلىق، ئاخبارات-نەشرىياتچىلىق، ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش بويىچە تەربىيەلەنگەن. ھازىرغا قەدەر خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ۋە مەكتەپ ئىلمىي ژۇرنىلى، مەكتەپ گېزىتى تەھرىر بۆلۈمىدە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەھرىرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن.

ئابلىمىت سەمەت «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ 1980-يىل 13-ماي سانى (161-سان) دا ئېلان قىلىنغان «ئورۇنلايمەن ئاقىۋەت» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. ھازىرغا قەدەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىكى مەتبۇئاتلاردا خېلى كۆپ ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.جۈملىدىن «ئاق بېلىق»، «مېنىڭ ئانام» قاتارلىق ئەسەرلىرى باشقا كىتاب-ژۇرناللارغا تاللاپ بېسىلغان. «قاراقاش سىزمىلىرى»، «ئۇيغۇرلاردا سېلىشتۇرما ئەدەبىيات» قاتارلىق بىر قىسىم ئەسەرلىرى مۇكاپاتلانغان. ئۇ شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىنى سىناش بويىچە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك سىناق ئالغۇچى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitsamat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-23 00:00  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش