ximal
كۆرۈش: 223|ئىنكاس: 0

توختى مەھمۇت ئەلائى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1408
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1404
تۆھپە : 23
توردا: 99
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 23:53:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

QQ截图20120623135320.jpg


تىرىشچان قەلەم ساھىبى توختى مەھمۇت ئەلائى 1965-يىلى 7- دېكابىر  بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇمۇشلۇق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئۇتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 1985- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىغا كېلىپ ئوقۇغان. 1990- يىلى 7- ئايدا بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ئوقۇشىنى تاماملاپ، شۇ يىلى 8- ئايدا بايىنغولىن ئوبلاستلىق سايدۆڭ باغۋەنچىلىك مەيدانى ئوتتۇرا مەكتىپىگە تەقسىم قىلىنىپ ئوقۇتقۇچى بولغان. 1993- يىلى 2- ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن كورلا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا يۆتكىلىپ ھازىرغىچە تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىدۇ.
ئاپتور كىچىك ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا ئەدەبىياتقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا ئۆزىنىڭ نۇرغۇن مەشىق ئەسەرلىرىنى مەكتەپنىڭ قارا تاختاي گېزىتىدە ئېلاپ قىلىپ تۇرغان. ئۇنىڭ «ھەمكارلاشقىنىڭلارغا ھەشقاللا» دېگەن تۇنجى مىكرو ھېكايىسى 1987- يىلى «بايىنغولىن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدا نەشىر قىلىنىۋاتقان «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»، «كروران» ژۇرنىلى، «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا 25 پارچە ھېكايە، 40 پارچىغا يېقىن مەسەل، توققۇز پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. بۇ جەرياندا ئۇ يەنە ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەنمۇ بېرىلىپ شۇغۇللىنىپ، ھازىرغا قەدەر «دۇنيا ئەدەبىياتى»، «ئەدەبىي تەرجىمىلەر»، «ئاسىيا كىندىكى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللادا 300 پارچىغا يېقىن ھەر خىل ژانىردىكى ئەدەبىي تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ ھازىرمۇ يېڭى- يېڭى ئەسەرلەرنى كىتابخانلارغا سۇنۇش ئۈچۈن ھارماي قەلەم تەۋرىتىپ كەلمەكتە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش