ximal
كۆرۈش: 279|ئىنكاس: 7

تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1105
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 22:41:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تالاغا قاراپ قالغان ئەرلەر

-ئۇكام،ئاياللار شىركىتىدە ئىشلەيمەن، دەيسىز، شۇنداقمىكىن دېسەم ئەتىگەندىن بېرى تەرگەۋچىدەك ئايالىمنىڭ ئۆينى قانداق تۇتىدىغانلىقىنى، بالىلارغاقانداق قارايدىغانلىقىنى، يۈرۈش- تۇرۇشلىرى، دېگەندەك بىر تاغار گەپلەرنى  سوراپ كەتتىڭىز،- دېدى  گەپ - سۆزلىرىدىن گىرىلىك چىقىپ تۇرسىمۇ، كىشىگە ئەدەپسىز تەسىر بەرمەيدىغان، يېشى 40 لارغا بېرىپ قالغان، تەمبەل ئاكاش سوئال-سوراقلىرىمنى ياقتۇرمىغاندەك قىلىپ،- يامان بولسىڭىز،خوتۇنۇمغا ئىچ كىيىملىرىنى پاكىز كىيىشنى ئۆگىتىپ قويۇڭە، بولدى ئۇنىڭ ئىشلەتمەكچى بولغان مايلىرىنىڭ پۇلىنى مەنلا تۆلىۋېتەي.

  بۇ ئەر مېنىڭ يېڭى خېرىدارىمنىڭ يولدىشى ئىدى.مەن ئۇ خېرىدارىمنىڭ داتلاشلىرىدىن ئۇنىڭ "تالاغا" قارايدىغان ئەرئىكەنلىكىدىن ئاز-تولا خەۋەردار بولغان ئىدىم. شۇڭا گېزى كەلگەچكە خېرىدارىمغا ھېسداشلىق قىلغان كەيپىياتتا،- ئەر دېگەن ئۆينىڭ تۈۋرۈگى، ئايالىنىڭ يۆلەنچۈكى،بالىلارنىڭ ئۇستازى، شۇڭا بىر ئۆيدە ئەرنىڭ قانداق يوللاردا مېڭىشى...دەپ يېڭى خېرىدارىم "ئۆيگە قاراپ قالغان ئايال" ئۈچۈن ئېغىز ئېچىشىمغىلا، گېپىمنى  بۆلۈۋەتتى .

  -ئا...ئۇ گەپلەرنى مېنى بىلمەيدۇ دەمسىز؟ بىز ئۆي تۇتقىلى 20 نەچچە يىل بولدى. بۇ خوتۇننىڭ  تۇرۇشىنى ئۆزىڭىزمۇ كۆرگەنسىز، بارنى ئوڭشاپ خەجلىيەلمەي، يا كۆڭلۈمنى ئۇتالماي، يا ئىككى بالىنىڭ ھۆددىسىدىن ئوڭلاپ چىقالماي يۈرۈيدۇ.گەپ قىلسام چالۋاقاپ ئۆينى بېشىغا كىيىدۇ. قولۇم-قوشنا، بالىلارنىڭ ئالدىدا سەت تۇرارمىكىن  ، نۇمۇس قىلاي ،   دېگەننى بىلمەيدۇ...-دېدى ئۇ.ئاندىن بىر پەس ئويلانغاندەك جىم بولدى-دە، ئاۋازىنى پەسەيتىپ،- ئاجرىشىپلا كېتەي دېسەم، ئىككى بالامنى ئۆگەينىڭ قولىغا تاشلاپ قويغۇم يوق. جان دېگەن كۈندەچېچەكلەمدۇ. پۇل تاپقاندىن كېيىن، ئادەمنىڭ ئانچە − مۇنچە كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرگۈسى كېلىدىكەن...ئۇ شۇنداق دەپ دەرھال ئۆزىنىڭ ئورۇنسىز گەپ قىلىپ قويغانلىقىنى سەزگەندەك گېپىنى باشقا تەرەپكە يۆتكىدى،- ئۇكام، شىركىتىڭلارداخوتۇنۇممۇ ئىشلىسە بولامدۇ؟ بولدى، مائاشىنى ئۆزۈم بېرىمەن. ئازراق ئىش بىلەن مەلىكە بولسا بالىلارنىڭ ئالدىدا غىژ − غاژلىشىپ،سەتلىشىدىغان چاغلىرىمىز ئازىيامدىكىن دەيمىنا، ئۇ ئازراق كوتۇلدىسا كۆڭلۈممۇ كىچىككىنە ئورنىغا چۈشۈپ قالاتتى...

بۇ گەپلەربولۇنۇۋاتقاندا ئۇچىسىغا بولۇشىغىلا ئارتىۋالغاندەك كۆرۈنىدىغان ناھايىتى قىممەت باھالىق كىيىملەر ھەم توقام- توقام ئالتۇنلارغايۆگىلىپ تۇرغىنىنى دېمىسە، نە چىرايىدىن، نە تۇرقىدىن ئاياللىق نازاكەتنىڭ سايىسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان، قارىغانلا كىشىگە بىر خىل كىرلىشەڭگۈ تۇيغۇبېرىدىغان، قارىماققا يامان ئەمەس كۆرۈنىدىغان ئېغىزلىرى ئېچىلىپلا قالسا،يولدىشىنى قارغاپ- تىللاشتىن باشقا گەپ چىقمايدىغان،ئۇ خېرىدارىمنىڭ يۈرۈش-  تۇرۇشلىرى كۆزئالدىمدا قايتىدىن زاھىر بولدى .

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ناھايىتى ياسىداق، كەڭ −كۇشادە بولسىمۇ، كىشىگە گويا قىممەت باھالىق جاھازىلار دۆۋىلەپ قويۇلغان  ئىسكىلاتتەكلا تەسىر بېرەتتى. كىشىگە راھەت، ئارامبەخش تۇيۇلمايتتى.

-ئاكا،سىلەر ئەرلەر ئاياللىرىڭلارنىڭ قانداق بولۇشىنى خالايسىلەر،- دەپ سورىدىم، قاچانلاقارىسا كۈلۈپلا تۇرىدىغان، مىجەزى يېقىشلىق، نەۋرە ئاكامدىن ئەستايىدىللىق بىلەن .چۈنكى، ئۇ ئاكام ئاشقازان راكىنى ئەتىسى ئوپېراتسىيە قىلىمىز دېگەن كۈنى، يوقلاپ ياتىقىغا كىرگەندە، دوختۇرخانىدا ئېغىر كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقاندەك ئەمەس، خۇددى مايمۇنلارنىڭ تاماشىسىنى كۆرۈۋاتقاندەك خۇشال ھەم يېنىك كەيپىياتى بىلەن ئەتراپىدىكى ھەممەيلەننىڭ جىددىچىلىكىنى خۇددى ئىستەك تارقىتىۋەتكەن ئىدى. شۇنداقلائانچە چىرايلىق  بولمىسىمۇ ، خۇش پىچىم، ئىش-ھەرىكەتلىرى چاققان، تۇرقىدىن چېچەنلىك ھەم ئاياللىق نازاكەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ئايالىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :

-ئۇكام مۇشۇ ھەدىڭىزنىڭمۇ يۈزلىرىنى سىزنىڭكىدەك قىلغىلى بولىدىغان مايلىرىڭلار بولسا،ئاچىڭىزنى ئاچىقىپ شۇ مايلارنى ئېلىپ، چاچلىرىنى ياساپ ئەكەپ قويغان بولسىڭىز، —دەپ مېنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرۇۋەتكەن ئىدى. دېمىسىمۇ ئۇنداق چاغدا كىمنىڭ كۆڭلى،ئۇ ئىشلارغا تارتىدۇ، دەيسىز.

ئەمما، دوختۇرخانىداكۆپ چىقىمدار بولغىنىغا قارىماي، دوختۇرخانىدىن چىققاندا، ئەر -ئايال ئالايىتەن ئۆيۈمگە كېلىپ، ئايالىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي، مايلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىدىن بىر يۈرۈش ئېلىپ مېڭىشقانىدى.

شۇنىڭدىن كېيىنكى2 يىلدىن بېرى ئەر − ئايال ئىككىلىسى ھەر 3-  4 ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتكىلى كېلەتتى. بۇقېتىم ئايالى رۇخسەت ئالالماي، ئاكام ئۆزىلا كەلگەنىدى.

-بۇنى ئەجەپ تۇيۇقسىزلا سوراپ قالدىڭىزغۇ ئۇكام،- دېدى نەۋرە ئاكام كېسەللىك ئاسارىتى بىلەن خېلىلا ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ.

-بىزشىركەتتە ئاياللارغا تېرىنى قانداق ئاسراش، گۈزەللىكىنى قانداق ساقلاپ قېلىشنى  ئۆگىتىپلا قالماي، تۇرمۇشىغىمۇ مەسلىھەت بېرىمىز. سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنىڭ  خېرىدارلىرىمغا مۇلازىمەت قىلىشىمغا پايدىسى تېگىشى مۇمكىن. قارىسام، ھەدىمىزئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى بەك يېقىن ھېس قىلىمەن، — دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ .

نەۋرە ئاكاممۇ  كۈلۈپ كەتتى. ئارىدىن كۈلۈشتىن توختاپ بىرھازا جىمىپ قالدى .  كۆزلىرىمنى ئاكامنى نىمە دەپ جاۋاب بىرىسىز ،دىگەندەك  قىلىپ ئۇنىڭغا تىكتىم .  ئاكام ماڭا قاراپ مېنىڭ ناھايىتى ئەستايىدىل ھالدا بۇ سۇئالنى سوراۋاتقانلىقىمنى ھېس قىلىپ :

-مەن سورۇنلاردا بولۇپ كەچ قالغان چاغلىرىمدا، ئۆيگە قايتقۇچە ناھايىتى خىجىللىق ھېس قىلىمەن. ئەگەر ھەدىڭىز ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا ۋارقىراپ كەتسە، مەنمۇ بىر -ئىككىنى ۋارقىرىۋېتىپ، ئۇخلاپ قالىمەن. ئەگەر ئۇ مېنى ئەيىبلىمىسە خىجىللىقتىن ئۆزۈمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالىمەن،- دېدى ئاكام ئاخىر مەقسىتىمنى چۈشەنگەندەك،- مەنچە ئۇكام بۇ مېنىڭلا ھېسسىياتىم بولمىسا كېرەك،- دېدى سۆزىنى داۋام قىلىپ،- يۇرتتا مېنىڭ بىر ئاكا ئادىشىم بار. ئۆزى يۇرتنىڭ چوڭى. ئەمما،كۆڭلىمىز بەك يېقىن. ئۇنداق قولىدا ئەمەلىي ھوقۇقى بارلارنىڭ ئەتراپىدا چۆرگىلەپ،كېتەلمەيدىغانلار ئاز ئەمەس، بىراق ئۇ ئاكىمىز سورۇنلارغا ئۇدۇل كېلىپ، ئۇدۇل كېتىدۇ. ئايالى ئالامەت، قالتىس ئايال، يۇرتتا خېلى مۇھىم يەردە ئىشلەيدۇ.شۇنداقتىمۇ نەچچە قېتىم ئۆيلىرىگە بارغىنىمدا قولىدا جاھان ئىش بولسىمۇ،يولدىشىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىققىنى چىققان....- ئاكام سۇئالىمغا مۇشۇنداق تومتاقلا جاۋاب بىرىپ كىتىپ قالدى .

شىركەتتە تەربىيلىنىۋاتقان چاغلىرىم ئىدى.

ئەزەلدىن يېرىم كېچىگىچە قالمايدىغان يولدىشىم بىر كۈنى ساۋاقداشلار  يىغىلىشىغا كېتىپ، تۈن  نىسبىدىن ئاشقاندا قايتىپ كەلدى. شۇ چاغدا ئۇنىڭ چارچاشتىن ئۆرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغىنىنى كۆرۈپ « ھاي، ئۇنداق قىلما، ئۆزۈڭنى بېسىۋال، يېرىم سائەتتىن كېيىن قايتىمەن دەپ ئالايىتەن تېلېفون قىلىپ قويۇپ،كېلەلمەي قالغىنىغا قارىغاندا چوقۇم ئالاھىدە بىر ئىش بولۇپ قالدى...» دەپ  توغرا چۈشىنىشكە  شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ ، شەيتىنىمنىڭ ئوتتۇرىغا سەكرەپ چۈشۈشى بىلەن ئۆيدە جاھان ئۇرۇشى قوزغىۋەتكەنىدىم. نېمىگە شۇنچىلىك ئەسەبىيلىشىپ كەتكىنىمنى ھېلىھەم چۈشەنمەيمەن. يولدىشىمنىڭ:"مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق ۋارقىراش −جارقىراشلىرىڭىزنى ئاڭلايمەن دەپ يېنىپ كەلگەنمىتىم. ئەر كىشى تالادا قونىمەن دېسە ياتىدىغان جاي ئازمۇ؟..." دېگەنلىرىنى، شۇ كۈنى شۇنچە تەتۈرلۈك قىلغىنىمغاقارىماي، قوللىرىمنى مەھكەم تۇتۇۋېلىپ، ھارغان- ئاچقان ھالەتتە ئۇخلاپ قالغىنىنى ئويلىسام، ھېلىھەم خىجىللىقتىن يۈزلىرىم ئوت ئالىدۇ. كاشكى شۇ چاغدا ئۇنىڭغا:"ئاخىرى كەلدىڭىز، ئەجەب ئەنسىرىدىم" دېگەن يۇمشاق گەپلىرىم بىلەن بىر چىنە قىزىق ناۋات چاي تۇتقان بولسام، ئۇنىڭغا ئۆينى ئالەمنىڭ جەننىتى، ئۆزۈمنى ئۇنىڭ راھىتى ھېس قىلدۇرماسمىدىم دەپ ئويلايمەن .

گەرچە شۇنىڭدىن  كېيىن ئۇنداق سەۋەبلەر بىلەن جېدەللىشىپ باقمىغان بولساقمۇ ئەمما ھەر قېتىم خېرىدارلىرىمغا- ئاياللارغا تۇرمۇش دەرسى ئۆتكىنىمدە بۇ ئىشنى تىلغا ئالماي قويمايمەن. چۈنكى، ئاياللارنىڭ ئۆزگەرمىكى شۇنچىلىك تەسكەنكى، شۇنچە تەربىيىلىنىپ،ئىمتىھانلاردىن ئۆتۈپ تۇرمۇش دەرسى سۆزلەۋاتقان مەن ئۆزۈمنى تۇتالماي شۇ خاتالىقنى سادىر قىلغان يەردە، باشقىلارنىڭ بىلىپ بىلمەي ئېرىگە  ئازاب ، ئاخىرقى ھېسابتا  ئۆزىگە  زۇلۇم  كەلتۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگىلى بولامدۇ؟!

  غۇلجىغا ئىككى كۈنلۈك تۇرمۇش دەرسى ئۆتكىلى بارغىنىمدا، چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ مومامنى يوقلاپ كېلىۋېلىش نىيىتىدە، دەرستىن چىقىپ تاكسىغا ئالدىراپ -سالدىراپ چىقتىم.

-ئۇكام بۇيەرلىك ئەمەس ئوخشىمامسىز،- سورىدى قارىماققا ئېگىز، ئورۇق، خېلى قاملاشقان بولسىمۇ، يۈزلىرىنى ساقال باسقان، چىرايى خۇنۈك شوپۇر.

-نېمەتەلەپپۇزۇم ئوخشىمايۋاتامدۇ؟ مەنمۇ مۇشۇ يەرلىك جۇمۇڭ ئاكا،-دېدىم مەن ئوچۇق چىراي كۈلۈپ تۇرۇپ.

-تۇرقىڭىزبۇ يەرنىڭ قىزلىرىغا ئوخشىمايدىكەن. بۇ يەرگە بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمىدىڭىز؟

-ھەئە،دەرس ئۆتكىلى كەلگەن.

-ئۇقۇتقۇچىمۇسىز ؟

-شۇنداق دېسەممۇبولىدۇ، ئاياللار شىركىتىدە ئىشلەيمەن.

-ھە، نېمەقىلىدىغان شىركەت ئۇ؟

-گىرىمبۇيۇملىرى شىركىتى، شۇنداقلا دۇنيادىكى بىردىنبىر ئاياللار شىركىتى.    

-ھە، ماي ساتىمەن،ئاياللارغا يۈزىنى مايمۇندەك بويۇۋېلىشنى، ئېرىنى قاقشىتىشنى ئۆگىتىمەن دەڭە،-دېدى شوپۇر دىمىقىنى قېقىپ مەنسىتمەسلىك بىلەن كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپ.

كۈلۈپ كەتتىم، بۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتكەنىدىم.

-ئاكا،ماڭا قارىڭە، مەن يۈزۈمنى مايمۇندەك بويىۋاپتىمەنمۇ؟

شوپۇر ئالدىدىكى ئەينەككە لاپپىدە قاراپ قويدى.

-بىزئاياللارغا ماي سېتىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇلارغا تۇرمۇشتىن دەرس بېرىمىز. يولدىشىنى قانداق كۈتۈشنى، بالىلىرىنى قانداق تەربىيىلەشنى ئۆگىتىمىز. مەسىلەن، ئاكا، ئۆزۋاقتىدا ئايالىڭىزنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئالغان بولغىيتىڭىز، بىراق ھازىر قارىسام ئايالىڭىز، ياقىسىنى كىر قىلمىسام، ئۈچ ۋاخ تامىقىنى ۋاقتىدا بەرسەملا بولدى دەپ ئويلاپ، سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىكىدەك سەيلە- تاماشا قىلغۇڭىز،مۇڭداشقىڭىزبارلىقىنى ئايالىڭىزنىڭ بۇرۇنقى چىرايلىق سۆيۈملۈك چاغلىرىنى ئارمان بىلەن ئەسلەيدىغانلىقىڭىزغا سەل قاراپ قېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن.

-ئۇكام،ئىچىمگە كىرىپ چىققاندەكلا گەپ قىلىۋاتىسىزغۇ، دېمىسىمۇ ئىچىم توشۇپ قالايلا دېگەن.

-بىزشىركەتتە ۋاپادار رەپىقە، مېھرىبان ئانا بولۇشنى، يولدىشىنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنىلائەمەس، مەنىۋى ئېھتىياجىنىمۇ چۈشىنىشنى، تۇرمۇشتا مۇھىم ئىش بىلەن جىددىي ئىشنى-قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش بىلەن، قىلمىسا بولمايدىغان ئىشنى ئايرىشنى ئۆگىتىمىز.

-شۇنداقمۇنەرسىلەرنى ئۆگىتىدىغان يەر بارمۇ تېخى، دەرسنى سىز ئۆتەمسىز؟

-بۈگۈن مەن ئۆتىمەن، كەچتە ئۈرۈمچىگە قايتىمەن. دەرس ھەر ھەپتىسى بار. ئۇ چاغدا باشقائوقۇتقۇچىلارمۇ ئۆتىدۇ. ئەگەر ئايالىڭىزنىڭ ۋاقتى بولسا كېلىپ ئاڭلىسا چوقۇم ئۆزىنىڭمۇ كۆڭلى ئېچىلىپ قالىدۇ. ھەم خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالالايدۇ.خالىسىڭىز ئايالىڭىزنىڭ تېلېفون نومۇرىنى بېرىڭ. مەن تېلېفون قىلىپ قوياي،- دېدىم ماشىنىدىن چۈشۈۋېتىپ.

-ئۆيدەتېلېفون يوق، بولدى ئۆزۈملا بېرىپ خەۋەر قىلىپ قوياي،- دېدى شوپۇر ماڭا رەخمەت ئېيتىۋېتىپ.

بۇ شوپۇر تۈنۈگۈندىن بېرى تاكسىغا چىقىپ چۈشۈش جەريانىدا ئايالىنى دەرسكە تەكلىپ قىلغان ئۈچىنچى ئەرشوپۇر ئىدى.

نەتىجىسى مېنى ھەيران قالدۇردى. دەرۋەقە چۈشتىن كېيىنكى دەرسكە ئىككى شوپۇر ئاياللىرىنى ئەۋەتكەنىدى. دەرس ئاخىرىدا ئۇلار ئالايىتەن كېلىپ مەن بىلەن كۆرۈشتى. ھازىر ئۇلارمېنىڭ ياخشى خېرىدارلىرىم بولۇپ قالدى.

لېكىن ئەڭ مۇھىمى بۇنىڭدىن بۇ خىل تەربىيىلەشكە قارىتا ئەرلەرنىڭ ئېھتىياجى ھەم چۈشىنىشىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. ئاياللارمۇ ئەرلەرنىڭ چۈشىنىشىگە مۇھتاج بولغاندەك، ئەرلەر ئاياللىرىنىڭ چۈشىنىشىگە تېخىمۇ مۇھتاج ئىدى. ئۇلارنىڭمۇئالدىراپ- سالدىراپ سىرتقا- ئەسقاتمايدىغان ئېلىپ قاچارلارنىڭ قېشىغا كەتكۈسى يوق.ھالال نىكاھلىق جۈپتىلىرى بىلەن خاتىرجەم، خۇشال مۇڭداشقىسى بار دەپ ئويلايمەن.

شۇ قېتىمقى تۇرمۇش دەرسىدىن كېيىن، يېشى خېلى بىر يەرگە بارغان ئاپام دېمەتلىك بىر ئاپاش:"يولدىشىم كەينىمگە بەك كىرىۋالغان. باشتا ئۇنى سەت كۆرۈپ، ياراتماي، پەقەتلا ئۇنىمىدىم.كېيىن پېشانەمگە شۇ پۈتۈلگەنمۇ، ئاخىر ئۇنىڭغا تەگدىم. توي قىلىپ ھەپتە ئون كۈن بولغاندا <سەن مېنى سەت كۆرۈپ ياراتمىغانتىڭ> دېگەن گەپ بىلەن تاياق يىگىلى تۇرغان، تايىقىنى 30 يىل يەپتىمەن. يا قويۇۋەتكىلى ئۇنىمايدۇ. مەست بولۇپ قالسىلاكېسىلى قوزغىلىدۇ. بەش بالىلىق بوپتۇق. جەڭگە- جېدەللىرىمىزدىن قولۇم −قوشنىلارغا ئارام بولمىدى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن قېرىشىپ مايلىق گۆش ئەكىرسە،مايسىزنى ئەكىرمەپسەن. مايسىزنى ئەكىرسە، مايلىقنى ئەكىرمەپسەن دەپ گۆشنى پىرقىرىتىپ تاشلىۋەتكەن چاغلىرىم كۆپ. بىر - بىرىمىزگەزەھىرىمىزنى سانجىپ، بىر-بىرىمىزنى خورلاپ، 30 يىلنى ئۆتكۈزۈپتۇق. يا مەن ئۇنىڭغا،يا ئۇ ماڭا يول قويماپتۇ. ئاخىر ئۇنىڭ كۆزىمۇ ئوچۇق كەتتى. ئەمدى ئويلىسام، ئەسلى  خاتالىق مەندە ئىكەن. <باشتا سەت دەپ ياراتماپتىكەنمەن، كۆڭلىڭىز ئالتۇندىنمۇئېسىل ئىكەنتۇق، سىزگە تەگكىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، سىزگە تەگكىنىمدىن بېرى يېگىنىم ئالدىمدا، يېمىگىنىم كەينىمدە بولدى تولىمۇ خېرىدارلىقىمنى قىلدىڭىز>دەۋەتكەن بولسام، ئۇمۇ ئاچچىق يۈتۈپ مېنى بۇنداق بالدۇر تاشلاپ كەتمەس بولغىيتى.ئۇ شۇ ئاچچىقچىلىقتا ئۇرسا، مەن تېخىمۇ قېرىشىپ كېتىپتىمەن. مېنى يا بىرەرنەرسىدىن قىسمىسا، خەقلەر ئوغرى، قاراقچى، بۇلاڭچى، ئىچەرمەن، چېكەرمەنلەر بىلەنمۇئۆي تۇتىدىكەنغۇ، ۋاي كالتە پەم ئەقلىم  دەپ يىغلاپ كەتكەنىدى.

ئۇ ئاپاشنى قوشنىسى قىرقىڭىز توشۇپ بولغىلىمۇ نەۋاخ، تۈگۈشۈپلا كەتتىڭىز، ياخشى بىر يەرگەئېلىپ باراي، كۆڭلىڭىز ئېچىلىپ قالىدۇ دەپ ئەكەپتىكەن.

دەرسكە كەلگەن ئاياللارنىڭ ئىچىدە:<ئىسىت، ئىككى ھەپتە بۇرۇن مۇشۇ دەرسلەرنى ئاڭلىغان بولساق،ئاجرىشىپ كەتمەسكەنمىز> دەپ كۆز يېشى قىلغان ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس. ئاجرىشىمىزدەپ يۈرۈشكەنلەرنىڭ ئىچىدە دەرسلىرىمىزگە قاتناشقاندىن كېيىن تۇرمۇشىنى ناھايىتى  ياخشى تەرتىپكە سېلىۋالغانلارمۇ كۆپ ئىدى. ئەمەلىيەتتە بىز ئالاھىدە دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان پېداگوكلارنىڭ، مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىلىم-ھېكمەتلىرى، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر نەزەرىيەلەرنىمۇ سۆزلەپ كەتمەيتتۇق. پەقەت ئاياللارنى ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغۇزۇپ ئەينەكتىن كۆرۈنگەن نەرسىلەرنىلا ئەمەس، ئەينەكنىڭ كەينىدىكى- كۆرۈنمەيدىغان، ئاسان كۆرگىلى بولمايدىغان، كۆپ ھاللاردا كۆرۈشكە ئانچەئەھمىيەت بەرمەيدىغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتۇق.ئۇلارنىڭ ئېسىگە سالاتتۇق،ئۇلارنى ئاشۇنداق ئۇششاق نەرسىلەرگىمۇ دىققەت قىلىشقا قوزغىتاتتۇق، شۇنداقلائۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى شۇلار بىلەن سېلىشتۇرغۇزۇپ، قىلغان ئىشلىرىنى يەنەبىر نۇقتىدىن تۇرۇپ كۆرسىتىپ، ئۆزلىرىگە خۇلاسىلىتەتتۇق.

بىر قېتىملىق  تۇرمۇش دەرسىدە ئاقسۇدىن كەلگەن بىر خېرىدارىم: "يولدىشىم مېنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى. ھەممە ئىشىمنى دېگۈدەك قىلىپ بېرەتتى. ناشتىلىقنىمۇ ئاساسەن ئۆزىلاتەييارلايدىغان يولدىشىم بىر كۈنى ئەتىگەندە تۇيۇقسىزلا كۆزىنى ئېچىپلا مەن قورىغان تۇخۇم سەينى يىگىسى بارلىقىنى دەپ قالدى. ئەتىگەندە تۇرۇش خۇشياقماي تۇرغاندا بۇ گەپ شۇنچىلىك تىتاڭ تومۇرۇمغا تەگدىكى، قوپماي تۇرۇپلا ئاغزىم ئېچىلدى. گەرچە مەن شۇنى كۈنى تۇخۇم سەي  قوقاققا تېگىپ كەتمىسۇن دەپ، لوبوداتۈجۈپىلەپ خام سەي قىلىپ بەرگەن بولساممۇ، ئەمما ئەمدى ئويلىسام كوتۇلداشلىرىم بىلەنلا يولدىشىمنىڭ گېلىنى غىقلا قىلىپ قويۇپتىكەنمەن. ئەسلىدە تۇخۇم سەي قورۇشمۇبىر − ئىككى مىنۇتلا ئىش بولغاندىكىن، ھەرقانچەئاچچىقىم كەلسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالغان بولسام، يولدىشىمنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىۋېتەتتىمكەن"دېگەنىدى ئۆزىنى خۇلاسىلەپ.

مەن بۇنىڭدىن  تولىمۇ ئىلھام ئالدىم. كەچتە چاي ئىچىۋاتقىنىمدا يولدىشىمنىڭ پايپىقىنى كۆتۈرۈپ  تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقىنىنى كۆرۈپ:"ئەكېلىڭ مەن يۇيۇپ بېرەي"دېدىم دەرھال ئورنۇمدىن تۇرۇپ. توي قىلىپ بەش يىلدىن بېرى ئەزەلدىن بۇنداق گېپىمنى  ئاڭلاپ باقمىغان يولدىشىم چۆچۈپ كېتىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ماڭاتىكىلىپ تۇرۇپ قالدى ئاندىن:"بولدى، بولدى، پۇتۇمنى يۇغاچ ئۆزۈم يۇيىۋېتىمەن"دېدى كەينىگە داجىپ. "ئەمىسە پۇتىڭىزنىمۇ يۇيۇپ قوياي" دېدىم مەن قىزغىنلىق  ھەم سەمىمىيلىك بىلەن چىن كۆڭلۈمدىن.

گەرچە يولدىشىم  پەقەتلا ئۇنىمىغان بولسىمۇ، ئەمما تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقى ئېنىق. ئەمما ماقۇل دېگەن بولسىمۇ قىلچە ئېغىر ئالمايتتىم. چۈنكى، ھالال نىكاھلىق جۈپتىم، بالىلىرىمنىڭ  دادىسى، ئائىلىمىزنىڭ تۈۋرۈكى ئۈچۈن ئۇنچىلىك مۇلازىمەت قىلىپ قويغان بولسام نېمەبوپتۇ، شۇنداقمۇ؟!

ھەر قېتىم  يولدىشىمنىڭ شۇ چاغدىكى كەينىگە داجىغان، تەئەججۈپلەنگەن ھالىتىنى ئويلىساملاشىركەتتىكى بىر خىزمەتدىشىمنىڭ:"دىرېكتورىمىز، يولدىشىڭلارنى جېنىم دېيەلىگەن چېغىڭلار، دىرېكتور بولۇشقا قەدەم تاشلىغان چېغىڭلار" دەيتتى. بىراق مەن  جېنىم دېيەلمەي بىر يىلغىچىمۇ دىرېكتور بولالمىدىم. ئاخىر بىر كۈنى قەتئىي نىيەتكەكېلىپ، ئۆيگە كەلگۈچە "جېنىم، جېنىم" دەپ يادلاپ كەلدىم. ئۆيگە كىرسەم  يولدىشىم كرىسلودا تېلېۋىزور كۆرۈپ يېتىپتىكەن. بۇرۇن بولسا كىرە −كىرمەي "مىدىرلىغاچ تۇرسىڭىز بولمامدۇ؟ "دەپ قاقشاشنى باشلايتتىم. ئۇ كۈنى كىرىپلا:"جېنىم، قورسىقىڭىز ئېچىپ كەتتى  ھە، تاماقنى ھازىرلا تەييار قىلىمەن" دېدىم  ئوڭايسىزلانغىنىمنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىمنى سالغاچ . 

يولدىشىمنىڭ  كرىسلودىن توپتەك قاڭقىپ تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، يېنىمغا ئىتتىك كېلىپ:"نېمەبولدۇڭ، قىزىتىپ قالمىغانسەن" دېگىنىنى ھەم كېلىپ پېشانەمنى تۇتۇپ باققىنىنى ئويلىسام  ھازىرمۇ كۈلۈپ كېتىمەن. ئىشنى شۇنداق قىلىپ باشلىۋالدىم. يولدىشىممۇ بۇرۇنقىدەك:"خوتۇن خەقنىڭ ئىشىنى مەن نىمە بىلەي" دېمەي جان دىلى بىلەن ياردەملىشىدىغان،مەسلىھەت بېرىدىغان بولدى. ئۆينىڭ ئىچىدىلا ياخشى بىر ياردەمچىگە ئىگە بولدۇم. ئىشلىرىم يۈرۈشۈپ كەتتى. مانا ھازىر دىرېكتور بولدۇم. يولدىشىمنى جېنىم دېيىشكىمۇئادەتلىنىپ كەتتىم. ئەمما، ئۇمۇ مېنى تۇنجى قېتىم شۇنداق دېگەندە مەنمۇ سەي  قورۇۋاتقان قازىنىمنى قولۇمدىن چۈشۈرۈۋېتىشكە تاسلا قالغان ئىدىم"دېگەنلىرىنى ئېسىمگە ئالىمەن.

- ئەنجۈر بىلەن ئانارنى جەننەتنىڭ مېۋىسى  دەيدىكەن، جەننەتنىڭ يەر يۈزىدىكى مېۋىسىنى بالىلارمىكىن دەيمەن. قىزلىرىمنىڭ  تاتلىقىنى دېسىڭىزچۇ، ئايالىممۇ بەك ئېسىل ئايال. تاماققىمۇ شۇنداق ئۇستا. شۇڭائالدىراپ سىرتتىن تاماق يېگۈم كەلمەيدۇ. ئەمما، قاچانلا قارىسا، ئەسكى تاغارنىڭ  ئىچىگە كىرىۋېلىپ، ئوچاق بېشىدىن كېلەلمىگەندىكىن، ئىچ پۇشىقى تارتىپ... دېگەن ئىدى مەن  زىيارەت قىلغان"تالاغا قاراپ قالغان" ئەرلەرنىڭ بىرى.

مېنىڭچە ئايالىنىڭ  ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان، بالىلىرىنى جەننەتنىڭ مېۋىسىدىن ئەزىز كۆرگەن  ئەرنى يامان دېگىلى بولماسمىكىن دەيمەن. پەقەت ئايالى يولدىشىنىڭ مۇڭدىشىش، بىرگەبولۇش، غېرىبسىنىش- مەنىۋى ئېھتىياجىنى چۈشىنەلىسىلا ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ تېخىمۇبەختلىك بولالىشى چوقۇم.

-ئاياللارنىڭ  تۇرمۇشتا بېرىدىغان قۇربانلىقى ھەقىقەتەن بەك كۆپ  ، ئۆينى ئۆي قىلىش، مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش ئۈچۈن ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ھەسسىلەپ قۇربانلىق بېرىدۇ.ئىچىدىنمۇ، تېشىدىنمۇ كۆيۈپ، خوراپ تۈگەيدۇ. بۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ. بىراق بىزئاياللارنىڭ كەينىدە بىر سۈپۈرگىمىز بار قىلغان ئىشلىرىمىزنى سۈپۈرۈپ مېڭىپ  ئەرلىرىمىزگە ھېس قىلدۇرمايدىغان، بەرگەن قۇربانلىقىمىزغا لايىق ئەجىرگەئېرىشتۈرمەيدىغان،- دېگەنىدى بىر قېتىملىق دەرستە ئوقۇتقۇچىمىز ئەرلەرنىڭ  ئېھتىياجىنى سۆزلەۋېتىپ،- جېنىملار، سىلەر ئۆزۈڭلارنى كۈلدە كۆمەچ قىلىۋەتمەيمۇياخشى ئايال بولالايسىلەر. قاش قاپىقىڭلاردىن مۇز، ئاغزىڭلاردىن قاقشاش، مىننەت  ياغدۇرۇپ تۇرۇپ ئېتىپ بەرگەن بەتتە پولۇرۇڭلاردىن، خۇش تەبەسسۇملۇق، پاكىزچىھرىڭلار بىلەن تۇتقان بىر پىيالە چىيىڭلار مىڭ ئەۋزەل.

ئەگەر ئائىلەم  راھەت، خاتىرجەم بولسۇن، يولدىشىمنىڭ كۆڭلى مەندىن سۇ ئىچسۇن دېسەڭلاريولدىشىڭلارغا ئۆزۈڭلارنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئەمەس قارشى تەرەپنىڭ ئېھتىياجى بىلەن  كۆيۈنۈشنى بىلىڭلار. يولدىشىڭلاردىن ھەربىر نەرسىنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۆزۈم  شۇنداق بولالىدىممۇ، ئۆزۈم شۇنداق قىلالىدىممۇ، دېگەننى ئويلاپ بېقىڭلار. مەسىلەن،سىز ئائىلىڭىزگە، يولدىشىڭىزغا، پەرزەنتىڭىزگە شۇنداق مەسئۇلىيەتچان بولالىدىڭىزمۇ؟! پەرزەنتىڭىز، يولدىشىڭىزغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈن، چاي −پاي، توي − تۆكۈنلىرىڭىزدىن ۋاز كېچەلىدىڭىزمۇ؟!يولدىشىڭىز، پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن، ياسىنىپ − تارىنىپ  باقتىڭىزمۇ؟!

مەن ئويلايمەن،ئەسلىي بارلىق گۈزەللىكلىرىمىزنىڭ، تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ پەقەت ئائىلىمىز ئۈچۈن  ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلىسەكلا ئۇ ھالدا شۆھرەتپەرەسلىك قىلىپ ھېرىپ كەتمەيتتۇق.

خۇلاسىلىسەم،ئەگەر يولدىشىمىزنىڭ گۈزەللىك، سىردىشىش، ئېتىراپ قىلىنىش، قارشى ئېلىنىش،ماختىنىش، ۋاقتىدا قىلىنغان مۇلازىمەت ئېھتىياجلىرىدىن چىقالىساقلا، ئەقىللىق  ئەمەس، پاراسەتلىك ئايال بولغان بولالايمىز. شۇنداقلا يولدىشىمىزنىڭ كۆرۈپ  زېرىكمەيدىغان قامۇسى، ئوقۇپ ئوقۇپ تۈگىتەلمەيدىغان مەكتىپى، پۇراپ - پۇراپ قانمايدىغان گۈلى بولالايدىغانلىقىمىز چوقۇم.

يۇقىرىقىلارقارىماققا  بىزنىڭ گۈزەللىككە ئىنتىلىشتىكى  بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمىز، بارلىق پىداكارلىقلىرىمىز پەقەت بىرلا ئائىلىنىڭ  خۇشاللىقى، ئائىلىنىڭ بەخت سائادىتى، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئائىلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈنلا قىلىنىۋاتقان ئۇششاق-چۈششەك ئىشلاردەك تۇيۇلىدۇ.راست ھەقىقەتەن شۇنداق. ۋەھالەنكى ئاشۇ ئۇششاق چۈششەك پىداكارلىقلار ئەمەلىيەتتەجەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۈپكى قۇرۇلمىسى، ئەڭ مۇھىم ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلىنىڭ مۇقىملىقى، بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەم مۇستەھكەملەشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرالىسا، بۇ  پۈتكۈل جەمئىيەتكە، پۈتكۈل دۇنياغا، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە غايەت زور تەسىركۆرسىتىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش بولىدۇ.

يۇقىرىقىلار مېنىڭ  ئالتە يىلدىن بېرى تۇرمۇش دەرسى ئۆتۈش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىم. بۇنىڭ قەدىردان،مېھرىبان، جاپاكەش ئايال قېرىنداشلىرىمنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىش، ياخشىلاش،بېيىتىشىدا ئاز − تولا ياردىمى تەگسە تولىمۇخۇرسەن بولار ئىدىم.


Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1689
تۆھپە : 0
توردا: 550
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 02:02:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر ياخشى دەرسلىك ئىكەن.يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەخمەت.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1247
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1569
تۆھپە : 0
توردا: 153
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 10:26:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلپتۇ.

تۇرسۇن جامال

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  154
يازما سانى: 110
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 582
تۆھپە : 0
توردا: 123
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 12:02:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. ھەم بىز ئاياللارنىڭ قەلب تىۋىشلىرىنى ئەڭ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ. دۇنيانىڭ گۈزەللىكى  ئاياللارغا مۇجەسسەملەنگەندەك، قەلبنىڭ گۈزەللىكى تىلغا مۇجەسسەم. بىز ئاياللار  بىزگە تەۋە بارلىق ئىچىدە گۈزەل قەلبىمىز، گۈزەل تىلىمىز بىلەن  ھەردەم ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرالىساق قەدەملىرىمىزدىن گۈللەر پۆرەك ئاچقۇسى...  

ئىنسان ھاياتىدا ئۆزىمۇ تۇيمىغان بىر دەقىقىلەردە شۇنداق بىر ئادەملەر  بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ س ...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2647
تۆھپە : 84
توردا: 521
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 14:03:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىڭىزنى كۈرۈپ بەكلا سۈيۈندۈم . ئەر -ئاياللىق تۇرمۇشى ئىنچىكىلەپ كۆزىتىلىپ يېزىلىپتۇ . تۇرمۇشتا ھەرخىل ئىشلار بۇلۇپ تۇرىدۇ . شۇڭا ئاياللار ئەرلەرگە يول قۇيۇپ ، ئەرلەر ئاياللارغا كۆڭۈل بۇلۇپ ياشىساق تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ گۈزەل بۇلۇپ كەتكەن بۇلاتتى . ئىجادىيتىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  460
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 34
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-24 15:00:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاز ئۇچرايدىغان ياخشى يازمىكەن. تالاغا قارىغىم كەلمەيدىغانلىقىنىڭ مۇھىم سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم . شۇ تاپتا بىز ئەرلەرنىڭمۇ ئايالىمىزغا يەنە نېمە قىلىپ بىرىشىمىز كېرەكلىكى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمەن. تېما يوللىغۇچى مۇمكىن بولسا  ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن ئۆيگە تۈۋرۈك بولۇشتىن باشقا يەنە نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ يېزىپ باققان بولسىڭىز ئىكەن، پايدىلىناتتۇق. چوقۇم ياخشى يازالايسىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1105
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 288
تۆھپە : 0
توردا: 36
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر.ئىنشائاللا ئۇمۇ ھەم بوپ قالار.ئۇ چاغدا يىغلاپ قالسىڭىز كارىم يوق جۇمۇ!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 795
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1298
تۆھپە : 7
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-27 11:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەر ئايالنىڭ كىچىك ۋەتىنى سۆيۈشكە موھتاج ، ئەر ئايالنىڭ مەڭگۈ چوڭ بولمايدىغان كىچىك بالسى ، كۆيۈنۈشكە ۋە ئاسراپ ئۆستۇرۇشكە موھتاج ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش