ximal
كۆرۈش: 575|ئىنكاس: 17

«ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  272
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 102
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 22:28:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسى


2012-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن شائىر نۇرمۇھەممەد تۇردىئەخمەتنىڭ پىلانلىشى، ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن بىلەن قاراقاش ناھىيە زاۋا بازىرىغا قاراشلىق «چېمەنزار ئارامگاھى» دا «ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە خوتەن ۋە قاراقاش ناھىيەسىدىن بولۇپ 45 كە يېقىن شائىر-يازغۇچى ۋە بىر قىسىم مېھمانلار قاتناشتى. پائالىيەتنىڭ تېمىسى «ئەدىبلەر ئاۋازى» بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقان ئەدىبلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئۆزى تەييارلىغان ئەسەرلىرىنى ئۆز ئاۋازى بىلەن نەق مەيداندا دېكلاماتسىيە قىلدى. پائالىيەتكە مەرھۇم روزى سايىتنىڭ قىزى ئۇيغۇرنىسا روزى سايىت ۋە قاراقاش رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ دېكتورى ئابلەھەت مەمەت رىياسەتچىلىك قىلدى. پائالىيەت باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختىقۇربان مۇھىم سۆز قىلدى، نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەت پائالىيەتنىڭ تەشكىللىنىشى توغرىلىق چۈشەندۈرۈش سۆزى قىلدى. پائالىيەت ئاخىرىدا ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى، يازغۇچى ئايمۇھەممەت ساھىبى خۇلاسە سۆزى قىلدى. ناھىيەلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرغۇن مەمەتتوختى پائالىيەتتىن ئالغان تەسىراتىنى ۋە ئۈمىد، تېلەكلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى ھەمدە بۇ پائالىيەتكە 3000 يۈەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەڭ ئاخىرىدا پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان خوتەن خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ھەسەنجان سەمەت ۋە بىر قىسىم ئەدىبلەر بۇ قېتىملىق پائالىيەت توغرىلىق قىسقىچە ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل ئىزھارلىرىنى بايان قىلدى.

پائالىيەتنىڭ مەقسىتى ئەدىبلەرنىڭ ئۆز ئاۋازى بىلەن ئوقۇغان ئەسەرلىرىنى نەق مەيداندا سۈرەت ۋە ئاۋازغا ئېلىپ خاتىرە قىلىپ ساقلاشتىن ئىبارەت.

پىلانغا ئاساسەن بۇ قېتىملىق «ئەدىبلەر ئاۋازى» نەق مەيدان پائالىيەت خاتىرىسى نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەتنىڭ 2010-يىلى 7-ئاينىڭ 17-كۈنى ئۆز ئۆيىدە قاراقاش ناھىيەسى ۋە خوتەندىكى بىر قىسىم ئەدىبلەرنى تەكلىپ قىلىپ، مەرھۇم ئالىم يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ شەرىپىى ئۈچۈن بەرگەن «قەلەمكەشلەر چېيى» پائالىيەت خاتىرىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىككى قىسىملىق خاتىرە فىلىم قىلىپ ئىشلىنىدۇ، تورغا ۋە جەمئىيەتكە تارقىتىلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ پائالىيەتكە دائىر ئالاقىدار خىزمەتلەر داۋاملىق ئىشلەنمەكتە.  

تۆۋەندە پائالىيەتكە ئالاقىدار بىر قىسىم سۈرەتلەر بىرگە يوللاندى:




قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن.

2012-يىلى 21 ئىيۇن





ئۆچمىسىلا ئۈمىدنىڭ شامى،
ق

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  262
يازما سانى: 78
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 366
تۆھپە : 4
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 23:04:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل پائالىيەت بولۇپتۇ، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئەنجۈمەنلەرنى تەشكىللەشكە ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچ چىقارغان ئەزىزلەرگە رەھمەتلەر ياغسۇن! ئايمۇھەممەت ساھىبى،  بەگيار، ئەنۋەر ھىدايەت، ئەخمەتجان ئابدۇللا.... قاتارلىقلارنىڭ سۆرەتلىرىنى كۈرۈپ ئۆزى بىلەن مۇڭداشقاندەك تۇيغۇغا كەلدىم، ھەممىڭلارغا ئامانلىق يار بولغاي!

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1303
تۆھپە : 1
توردا: 115
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 23:08:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتتىن خۇرسەن بولدۇم.  مېنىڭ نەزىرىمدە ئەدەبىيات كوچىسىدىكى ئادەم ئۈچۈن ئىككى ھوزۇرلۇق ئىش بار.
1-ئۆز ئەسىرىنى مەتبۇئات يۈزىدە كۆرۈش.
2-ئەدىبلەر بىر يەرگە جەم بولۇش.
بۇ پائالىيەتتە ھەر ئىككى ئىش مەيدانغا كەپتۇ.

يورۇڭقاش بويىدىكى ئەدىبلەرگە قىزغىن سالام!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zeperi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-21 23:15  


پۇرسەتكە تولغان ھاياتىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  282
يازما سانى: 301
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 936
تۆھپە : 4
توردا: 122
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 23:27:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىقاشتىكى ئوت يۈرەك ئەدەبىياتچىلارغا سالاملار بولسۇن، ئەجرىڭلار كۆكلەرگە يەتكەت ئىلاھىم..

قاتىل زادى كىم؟

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1095
تۆھپە : 14
توردا: 322
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-21 23:45:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيادا خاسىيەتلىك ئىشلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما  پىكىرداشلارنىڭ دىدارلىشىپ بىرلىكتە ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبىتىدىنمۇ ئەھمىيەتلىكرەك ئىش ئانچە كۆپ ئەمەس.  قاراقاشتىكى ئەدەبىيات ئاشىنالىرىنىڭ ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقىلەردىن مەڭگۈلۈك  يادىكار ئۈچۈن قالدۇرغان بۇ خاتىرىسى ھەقىقەتەنمۇ  ئەھمىيەتلىك ئۇچرىشىش پۇرسىتى بوپتۇ.

ئەركزاتمەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن  ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  287
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 504
تۆھپە : 0
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 00:40:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! ئەھمىيەتلىك ئىش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەم كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتىپ بارغاي! قاراقاش ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ئەدىبلەر ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىۋاتىدۇ.ئاشۇ ھىممەت ئىگىلىرىگە كۆز تەگمىگەي ئىلاھىم.

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2647
تۆھپە : 84
توردا: 521
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 00:47:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆرگەنلا كىشى سۈيۈنۈپ كەتكۈدەك ئېسىل ئەنجۈمەن بۇلۇپتۇ. رەسىملەرنى كۈرۈپ مەنمۇ شۇ يەردە باردەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم . مۇشۇنداق ئېسىل پائالىيەتلەر داۋاملىق بۇلۇپ تۇرۇلغۇسى ، پائالىيەتنى روياپقا چىقارغان جاپاكەشلەرگە تەشەككۈرلەر بولسۇن !

مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  478
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 444
تۆھپە : 0
توردا: 139
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 10:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ئىش قىلىدىغان ئادەمنىڭ ئىكەن، نۇراخۇننىڭ ئىقتىسادى نامرات بولسىمۇ قەلبى نامرات بولمىغاچ، ياخشى ئىشلارنى قىلىشنى ئويلاپلا تۇرىدۇ، ئاپرىن ئىنىم! بۇلـتۇرمۇ يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنى ئۆيىگە تەكلىپ ئەتكەن، شۇ قاتاردا قاراقاش خوتەندىكى يازارمەنلەرنىمۇ تەكلىپ ئېتىپ،ناھايىتى مول داستىخانلار بىلەن كۈتىۋالغان ئىدى. تاماقتىن كېيىن ھەممەيلەن نۇراخۇننىڭ ئۆيىنىڭ كەينىدىكى ئۆسـتەڭگە سۇغا چۈمۈلگەن، يارمۇھەممەد ئاكىمىزنى سىلى سالامەتلىكلىرىگە قاراپ سۇغا چۈمۈلۈش چۈمۈلمەسلىكلىرىنى ئۆزلىرى قارار قىلسىلا ، دېسەك ، بۇنداق ئەركەك سۇ ئەركەكلەرگە پايدا قىلىدۇكى زىيان قىلمايدۇ ، دەپ بىز بىلەن بىللە سۇغا چۇشكەن، غۇجىمۇھەممەد مۇھەممەدلەر بىلەن بەسلىشىپ سۇ ئۈزگەن، دۇنيا مۇشۇنچىلىكلا ئىكەن تېخى ئاۋۇ كۈنى قاراقاشقا ئۈجمە يىگىلى ئاپىراي بۇلتۇرقىدەك كۆتەككە ئۇرمايمەن ماشىنىنى دېسەم كۇلۈپ كەتكەن ھەم بېرىشقا ماقۇل بولغان ئىدى، ھەقىقەتەنمۇ بىز بۇ دۇنيادا بىر ئاخشام ياكى بىر ئەتىگەن تۇرغاندەكلا ياشايدىكەنمىز يېقىندا يۈرىكىمگە ئەڭ يېقىن تۇرىدىغان بىرنەچچەيلەن تۈگەپ كېتىپ باغرىم بەك ئىزىلدى، مانا نۇراخۇننى ھېچكىم ھەيدىمىسىمۇ ياخشى كىشىلىرىمىزگە قىلىدىغان دىلكەشلىكنى قىلىۋاپتىكەن، مانا ئەمدى قىلايلى دېسەكمۇ قىلغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ بۇ قېتىم تەشكىللىگەن ئىشىمۇ رايونىمىزدا تۇنجى ئىشمىكىن دەيمەن ياشاپ كەت ئىنىم! ئىگەم ساڭا تېخىمۇ سۈزۈك ئەقىل ئاتا قىلسۇن!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2217
تۆھپە : 14
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 10:35:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك يىغىلىش بوپتۇ.

مەن ئېتىمنى تاغقا قويسام،
يۈرۈپتۇ سايدا.
بىر ئاتىدىن يەتتە ئىدۇق،
ئالتىمىز قايدا؟!
                       -ئۇيغۇر خەلق

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1082
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 290
تۆھپە : 0
توردا: 43
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 11:04:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبىي پائالىيەتلەرگە ئۆرنەك بولۇپتۇ.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2653
تۆھپە : 8
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 13:31:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاشلىق ئەدىبلەرنىڭ ئۆملىكىدىن بەك خۇش بولدۇم.
نۇرمۇھەممەت تۇردىئەخمەتكە بارىكاللا!  ئامان بولۇڭلار!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 13:41:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بولۇپتۇ،  ئۆمەر مەتنۇرى قۇتىيار، ياسىنجان ئابدۇقادىر،ئەخمەتجان ئابدۇللا، تۇرسۇنجان مۇھەممەت نەمەت قاتارلىق بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ ئىشقىدا كۈيۈپ يۈرگەن دوستلارنى ئېكران يۈزىدە كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  322
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 103
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 22:13:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم نۇرمۇھەممەد باسقان قەدىمىڭدىن گۈل ئۈنسۇن! ئىشلىرىڭنىڭ مۇئاپپىقىيەتلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1331
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 18
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-22 23:12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدىبلەرنىڭ ئۇيۇشۇپ مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشى كەلگۈسى ئەدەببىياتىمزنىڭ نۇرانە غەلبىسىدىن ئۇچۇر بېرىپ مېنى ناھايىتى بەك سۆيۈندۈردى .

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 619
تۆھپە : 1
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-23 00:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راۋۇرۇس ئىشتىن بىرنى قىلىپسىلەر ، ئىشلىرىڭلار تېخىمۇ ياخشى ئىش بولسۇن . بىر ئىشنى بىز پېلانلاۋاتساق ، سىلەر باشلىۋىتىپسىلەر ، ھەممىڭلارنىڭ تەنلىرى ئامان بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش