كۆرۈش: 234|ئىنكاس: 4

قارلىق ئويۇنى ۋە ‹‹ قارلىقنامە ›› ھەققىدە : ئابدۇخېلىل مىرخېلىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1220
تۆھپە : 3
توردا: 281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:12:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارلىق ئويۇنى ۋە ‹‹ قارلىقنامە ›› ھەققىدە

ئابدۇخېلىل مىرخېلىل ( توققۇزتارا ناھىيە دۆڭمەھەللە يېزا مويۇنگۈزەر مەكتەپ )

گەپنىڭ ئېنىقىنى ئېيتقاندا ، ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەقىيات جەريانىنىدا  تالاي ئىسسىق – سوغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ ، رىئاللىقنىڭ رەھىمسىز سىناقلىرىغا توغرا ۋە ئىلمىي مۇئامىلە قىلىپ ، مەۋجۇتلۇق ئالىمىدىكى يىگانە نادىرلىقى بىلەن  ئۆزىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان ئەمگەكچان ، باتۇر ، ئەقىل – پاراسەتلىك ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسىدە ئەل قەلبىنى لال قىلغۇدەك مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىنى جۇغلاپ ، تەرەققى قىلدۇرۇپ ، ئۇنى ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ ۋە مىللەت ساپاسىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشنىڭ مەنىۋى قىبلىگاھى قىلىپ كەلگەن .
  ئەنە شۇ مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىنىڭ بىرى ، قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ ، خەلقىمىز مەنىۋى ھاياتىنىڭ بېيىتقۇچىسى سۈپىتىدە ئۆز سۈلكەت – سۈپىتىنى جۇلالاندۇرۇپ كېلىۋاتقان ‹‹ قارلىق ئويۇنى›› دۇر .
بىزگە مەلۇمكى ،‹‹ قارلىق ئويۇنى ›› ئۇيغۇرلارنىڭ ئەئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ ئويۇن ھەر يىلى تۇنجى قار ياققاندا ئوينىلىدۇ . خەلقىمىز ئەزەلدىن قارنى ‹‹ خۇدانىڭ رەخمىتى ›› ‹‹ ئاللاھنىڭ ھىممىتى ›› ، ‹‹ يىلنىڭ ياخشى كېلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ›› دەپ قاراپ ، تۇنجى قار مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆز خوشاللىقىنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن بۇ ئويۇننى بىر خىل كۆڭۈل ئېچىش ، ئېناق – ئۆملۈكنى نامايەن قىلىش شۇنداقلا تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە تەبىئەتكە يېقىنلىشىشنىڭ ۋاستىسى قىلىپ كەلگەن . يازمىلاردىن مەلۇملىنىشىچە ، بۇ ئويۇننىڭ كونكىرىت تەرتىپ ۋە ئالاھىدىكى 1 –  چوقۇم قارلىقنامە تاشلىنىشى شەرت . 2 –  پەقەت تۇنجى قار ياققان كۈنى ئوينىلىشى شەرت . 3 – ئويۇن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سانى قارلىق تاشلاش مەسلىھىتىگە قاتناشقانلارنىڭ تەلىپى بويىچە بەلگىلىنىشى شەرت . 4 – ئويۇندا نەغمە – ناۋا ، ناخشا – ئۇسۇل ، كۈلگە – چاقچاق ، لەتىپە – يۇمۇر ۋە تۈرلۈك قىزىقارلىق ئويۇنلار مۇۋاپىق ئارىلاشتۇرىلىشى شەرت . بۇنىڭدىن باشقا ئويۇن داستىرخىنىمۇ مۇۋاپىق ھالدا مولراق بولىشى كېرەك . بۇ يەردە شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى ، قارلىق  ئويۇنىنىڭ 1 – ئالاھىدىلىكىدە دىيىلگەندەك چوقۇم قارلىقنامە تاشلىنىشى شەرت . روشەنكى ‹‹ قارلىقنامە › خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تۈرىدىكى تارىخىي ئۇزۇن ئەنئەنىۋى شېئىرى شەكىللەرنىڭ بىرى بولۇپ ، قوشاق ، بىيىت ، غەزەللەردەك مۇكەممەل شېئىرى خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ، ئىجدىمائىي تۇرمۇشنى ئۆزى خالىغان دائىرىدە قىزىقارلىق تىل ، يارقىن ئىبارە ۋە بەددىي ئەدەبىياتنىڭ جانلىق ئىپادىلەش ۋاستىسى بولغان ئىستىلىستىكىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش رولىغا ئىگە .مەسىلەن
             قاردا قارلىق تاشلىدۇق ،
            يامغۇردا مەشرەپ باشلىدۇق .
           بۇ ئويۇننىڭ خوشلىقىدىن ،
           سىزنى بولسۇن ‹ باش › دېدۇق ،
           قورقسىڭىز ئويناشمىدۇق .
           ******************
          خالىقا ھەمدۇ ئېتىپ ياغدۇردى قار ،
         رەھمىتى – پەزلىنى ئەيلەپ ئاشكار .
       ئول كۈنى ئالەم ئارا قار ياغسىلەر ،
      بەزمە – مەشرەپ قىلمىقى لازىم بولار .
      بەزمىنىڭ لازىملىقىن تەيىن ئېتىپ ،
      بىر قوي ، توققۇز توخۇ ، تۆت خۇن ئانار .
     ****************************
          قاردا قارلىق تاشلىدۇق ،
          بۇ ئويۇنى باشلىدۇق .
         يېڭى قارنىڭ خوشلىقىدا ،
         سىزگە قارلىق تاشلىدۇق .
          قارلىق ئاپارغان كىشىنى ،
         پەم بىلەن تۇتسىلا .
          يۈزلىرىگە قارا سۈرتۈپ ،
          ئالدىمىزغا كەلسىلە .
        ********************
         تۇنجى قارنى ياغدى دەپ ،
       سىزگە قارلىق تاشلىدۇق .
       بۇ كۆڭۈلنىڭ خوشلىقىدىن ،
       بۇ ئويۇننى باشلىدۇق .
       كۆڭلىمىزنىڭ يېقىنلىقىدىن ،
        يالغۇز سىزنى تاللىدۇق .
        ..................
        تاپسىڭىز گۈل كەلتۈرۈڭ ،
تاپالمىسىڭز بىر باش پىياز .
تاپسىڭىز قوي ئۆلتۈرۈڭ ،
تاپالمىسىڭىز چۆچە خوراز .
...................
قار يېغىپتۇ ، قار يېغىپتۇ ، قارلىق ئەتمەمدۇ كىشى ،
جەم بولۇپ ئۆز دوستى بىرلە ، مەشرەپ ئەتمەمدۇ كىشى .
نەغمىچى لازىم دىسە ، دۇتار – راۋاپنى تەقلىدۇق ،
چىنە – چەينەك ، سىنچاي بىلەن قەنت – گىزەكنى تەقلىدۇق .
خاسىيەتلىك قارنى قۇدلاپ ، بۇ ئويۇنى باشلىدۇق ،
كۆڭلىمىز بولغاچقا يېقىن ، دوستلارغا ‹‹ قارلىق ›› تاشلىدۇق .
ئۇشبۇ ‹‹ قارلىق ››نى ئېلىپ ، كەتتى ۋەكىل ئاگاھ بولۇڭ ،
ئالدىغا داستىخان سېلىپ ، مەززە تىزىپ سىنچاي قويۇڭ .
ئۇزىتىپ چىققاندا ئويدىن سەپ سېلىپ چىرايىغا ،
ئارقىدىن تاپ باستۇرۇپ قوغلاشقا سىز تەييار تۇرۇڭ .
يول ئىگىز – پەس ، تېيىلغاق ھەم يىراق پەخەس بولۇڭ .
بولسا يار بۇ ئويۇننىڭ ياخشىراقى ئويلاپ قويۇڭ .
بۇ ئويۇننىڭ ئويۇنى ، مەخسىتى  قىزىقچىلىق ،
تاتلىق – ئاچچىق ھەممىسى دوستلۇق ئۈچۈن بىلىپ قويۇڭ .
ئالىماسىس ۋەكىلگە يولدا يېتەلمەي قالسىڭىز ،
ئوتتۇز ئوغۇل بارىمىز ، كەچتە بۈگۈن تەييار تۇرۇڭ .
تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر ، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز ،
ئايىماي ھەم كايىماي ، ئوچۇق چىراي كۈتۈپ تۇرۇڭ ...

كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ‹‹ قارلىقنامە ›› لەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن شېئىرى قۇرۇلمىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلغان بولۇپ ، ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرىنىڭ بىرى بولغان ‹‹ قارلىق ئويۇنى ›› نىڭ كونكىرىت باسقۇچ ۋە تەلەپلىرىنى مەزكەزلىك ئىپادىلەپ بەرگەن . گەرچە يۇقىرىقى ‹‹ قارلىقنامە››لەر بەدىئىلىك جەھەتتىن ئانچە ۋايىغا يەتمىگەن بولسىمۇ ، يەنىلا خەلقىمىز ئۆزى ئىختىرا قىلغان مەدەنىي ھاسىلات ‹‹ قارلىق ئويۇنى ›› نىڭ مۇنتىزىم تەرتىپ ۋە قەدەم باسقۇچلىرىنى مەركەزلىك شەرھىلەپ ، ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلاشتىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى ، قىزىق شەكىل ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ بەختىيار زامانغا ، شاد – خوراملىققا چۆمگەن گۈزەل تۇرمۇش ھاياتىغا بولغان ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ، تەلپۈنۈشلىرىنى ، يېڭى يۈزلىنىش ، يېڭى خىسلەتلەرگە بولغان ئىنتىلىشلىرىنى ئىپادىلەپ بېرىشتە بەلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغان . دىمەك ، تۇنجى قار ياققان كۈنى ، ‹‹قارلىق ئويۇنى ›› بىلەن كۆڭۈللەرنى شاتلاندۇرۇش ئۈچۈن ، ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلاشنى پىلانلىغۇچىلار قايسى كىشى ( مەھەللىدە قول ئىلكىدە بار كىشىلەر ) نىڭ ئۆيىگە ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلاشنى مەسلىھەتلىىپ ، بىر – ئىككى كىشىنى ۋەكىل قىلىپ ، ‹‹ قارلىقنامە ›› نى تۇتقۇزۇپ ئەۋەتىدۇ . ئۇلار ئوبىكىتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئۆي ئىگىسىنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغۇچە ، ئۇياق – بۇياقنىڭ گېپىنى قىلغاچ ئەپچىللىك بىلەن ‹‹ قارلىقنامە ›› نى گىلەم ياكى داستىخاننىڭ ئاستىغا باستۇرۇپ قويۇپ ، خوشلىشىپ يىنىپ چىقىدۇ . تالاغا چىقىپ ئاتقا مىنىپ بولۇپ ، ئۆي ئىگىسىگە ‹‹ خەت تاشلىدۇق ، ئىزدەپ تېپىپ ئالغايلا ›› دەپلا ئېتىغا قامچا ئۇرۇپ قاچىدۇ . ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلانغۇچى دەرھال تېپىۋىلىپ ، ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلىغۇچىلارنى قوغلاپ تۇتىۋالسا ، ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلىغۇچىلارنىڭ يۈزىگە قارا كۈيە سۈرتۈپ ، جۇگىنى تەتۈر كىيدۈرۈپ ، ئېشەك ياكى ئاتقا تەتۈر مىندۈرۈپ ، ئۇلارنىڭ ‹‹ قارلىق ئويۇنى ›› ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلانغۇچى ‹‹ قارلىق ئويۇنى ›› نى ‹‹ قارلىقنامە ›› دىكى تەلەپ بويىچە ئۆزى ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ . ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلاش ۋە ‹‹ قارلىقنامە ›› تاشلىغۇچىلارنى قوغلاش بىر تۈرلۈك ھەم قىزىقارلىق ھەم كۆڭۈللۈك ئويۇن بولۇپ ، كىشىلەرنى قىزىقتۇرىدۇ . شۇنداقلا خەلقىمىز مەنىۋى ھاياتىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت ئامىللىرى بىلەن باغلانغانلىقىنى نامايەن قىلىدۇ . نۆۋەتتە ، ئەجداتلىرىمىزدىن قالغان بۇ مەدەنىي مىراس نۇرغۇنلىغان مەدەنىي مىراسلىرىمىز قاتارىدا تاشلىنىپ قېلىش ۋە مەدەنىي ئىستىمالىمىزدىن ياتلىشىش قىسمىتىگە دۇچ كەلمەكتە . شۇڭا بۇ خىلدىكى مەدەنىي مىراسلىرىمىزنى چوڭقۇر قېزىپ ، تەتقىق قىلىپ ، بۈگۈن ۋە كەلگۈسىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش شۇنداقلا مەدەنىيەت شالغۇتلىقى دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ياش – ئەۋلاتلىرىمىز قەلبىدىن تېرەن ئورۇن ئالدۇرۇپ ، ئۇلارنى خەلقىمىز مىللى روھىنىڭ باغۇ – ئېرەملىرىدە سەيلە قىلدۇرۇپ ، مىللى ئەنئەنىلەرنى پەرق قىلىپ ، مىللى خاسلىقىنى ئىپادە قىلالايدىغان ، مىللى ئەنئەنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىپ ، مىللى روھىمىزنىڭ سادىق قوغدۇغۇچىلىرى ۋە ئىجراچىلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈش ئالدىمىزدىكى ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىدۇر . ‹‹ قارلىق ئويۇنى ›› ئويناش  ۋە ‹‹ قارلىقنامە ›› يېزىشنىڭ مىلالىدىن خېلى بۇرۇنلا يەنى فىرىدۇن ، دارا ، جەمشىت ، ئىسكەندەرلەر ئۆتكەن ئەشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياندىمۇ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ، بۇ خىل ئويۇننىڭ خەلقىمىزنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائاليەتلىرىنىڭ بىرى سۈپۈتىدە ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە ئەمەلىي تۇرمۇشىمىزدا پەيدىن – پەي مۇكەممەللىشىپ مەدىنىي ھاياتىمىزنى تەسەۋۇرسىز گۈزەل ھاسىلاتلىرى بىلەن جانلاندۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە قولىمىزدا يېتەرلىك ماتىرىياللار بار . بىز يۇقۇرىقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپۈتىدە تۆۋەندىكى ‹‹ قارلىقنامە ›› نى كۆرۈپ باقايلى .
نىسار بولدى جاھانغا ئەبرو رەھمەت قار گەردۇندىن ،
ئۇنىڭدەك كىم تو لۇئە ئەتتى سائادەت سۈبھى شەبگۈندىن .
ئاقاردى دەھىر ئىچى گويا بولۇپ كافۇرۇ گىردارى ،
باھار ئەييامىدا باغ ئىچرە پۈتكەن مىسلى كۈلگۈندىن .
ئايا ئەھلى خىرەر بەزمە ئەيلىمەك ، شوخلۇق قىلماق ،
مۇغەننى لازىم ئولدى بەربەت ، دۇتار ، قالۇندىن .
كى دەۋران ئىشلىرى ئىچرە ۋەلى رەسىم بولدى بۇ ئايىن ،
كى جەمشىت يۇ ، ئىسكەندەر ، شاھ دارا ۋە پىرىدۇندىن .
ۋەلى فەقىر ئەھلى ئۆز شەنىگە لايىق مەشرەپ ئەتمەكتۇر ،
مالال بولغان كۆڭۈلنى شات ئەتماك ئۇشبۇ مەزمۇندىن .
كۆڭۈل تۇتىسى قەيىد بولدى ھاۋادىس سەيىدقە شۇدەم ،
كى ئازاد ئەيلىمەك مەشرەپنى ئويناپ ئۇشبۇ تۇتقۇندىن .
مۇھەببەتتىن سىلەرگە قارنامە ئەيلىدۇق ئېرسال ،
كى مەشرەپنى مەھيا ئەيلىمەك ئاگاھ بولۇپ مۇندىن .
كىشىكىم ئۇشبۇ مەزمۇننى ئەمەل قىلماي ، سىھىل تۇتسا ،
جاھاندا كەم ئىرۇر مەردانىلەردىن بەلكى خاتۇندىن .
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ‹‹ قارلىقنامە ›› بىر تەرەپتىن كۈچلۈك شېئىرى ئۆلچەملەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلىش خۇسسۇسىيىتىگە ئىگە ، يەنە بىر تەرەپتىن يۈكسەك ئەمەلىيەتچانلىققا ، دىداتىك ( تەلىم – تەربىيە ) خارەكتىرىگىمۇ ئىگە .
  خۇلاسىلىغاندا ، خەلقىمىز ئارىسىغا كەڭ تارقالغان ، ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي كەچۈرمىشلىرىمىزنىڭ قىممەتلىك ئەينىكى ھېساپلانغان ‹‹ قارلىق ئويۇنى ›› ۋە ‹‹ قارلىقنامە ›› دىن ئىبارەت بۇ ئەنئەنىۋى ئويۇن شەكلى ، خەلقىمىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنىڭ سەمەرىلىك گۈل تاجى ، خەلقىمىزنىڭ تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىشىنىڭ روشەن دەلىلى ، خەلقىمىزنىڭ ئىزگۈلۈك ئىزدەش ، ئۆم – ئىتتىپاقلىقنى تەشەبۇس قىلىش ، ھايات دەقىقىلىرىنى ئەھمىيەتلىك مەنىۋىي مەزمۇنلار بىلەن مەنا تاپقۇزۇش ، بىر – بىرىنى قەدىرلەش ، ئەل ئىچىگە سىڭگەن تۈرلۈك سەنئەت ئامىللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش،مۇكەممەلتۈرۈش ۋە ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنى . خەلقىمىزنىڭ قاينام –تاشقىنلىققا چۆمگەن كۆڭۈللۈك تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈشىنىڭ ، يېڭى خىسلەت ، يېڭى يۈزلىنىشلەرنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ بەددىي كارتىنىسى . بىز خەلقىمىز تەرىپىدىن ئەتىۋارلىنىپ ئىختىرا قىلىنىپ، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئويۇن تۈرلىرى ۋە باشقا مەدەنىيەت تىندۇرمىلىرىنىڭ ئارىمىزدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، ئىچىمىز ئاچچىق بولغان ھالدا  ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز . بۇ خىل ھالەت ، مىللى كىملىك ۋە مىللى خاسلىقى خىرسقا ئۇچراۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ جىددى ئويلىنىشىغا ئەلۋەتتە ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن .
   

سۆزلەرگە ئىزاھات :

نىسار  ( پارس تىلى ) چاچقان دېگەن مەنىدە .
ئەبىر ( پارس تىلى ) بۇلۇت دېگەن مەنىدە .
گەردۇن ( پارس تىلى ) ئاسمان دېگەن مەنىدە .
شەبگۇن ( پارس تىلى ) كېچە ، قاراڭغۇ دېگەن مەنىدە .
دەھىر ( ئەرەپ تىلى ) زامان دېگەن مەنىدە .
ئەييام ( ئەرەپ تىلى ) كۈنلەر دېگەن مەنىدە .
قالۇن ( تۈركى تىلى ) بىر خىل چالغۇ ئەسۋاپ دېگەن مەنىدە .
ئايىن ( پارس تىلى ) ئوخشاش ، تەرىز ، سۈرەت دېگەن مەنىدە .
ئېرسال ( ئەرەپ تىلى ) ئەۋەتىش دېگەن مەنىدە .
سىھىل ( ئەرەپ تىلى ) سەل قاراش دېگەن مەنىدە .
مەھىيا ( ئەرەپ تىلى ) تەييارلانغان دېگەن مەنىدە .
ھاۋادىسە ( ئەرەپ تىلى ) ھادىسە ، خىيىم – خەتەر دېگەن مەنىدە .
خىرەر ( پارس تىلى ) ئەقىل – پاراسەت دېگەن مەنىدە .
كافۇر ( تۈركى تىلى ) ئاق خۇش پۇراقلىق دورا دېگەن مەنىدە ، بۇ يەردە ئاق دېگەن مەنىدە كەلگەن .
گەردار ( پارس تىلى ) قىلىق دېگەن مەنىدە .
تولۇئە ( ئەرەپ تىلى ) تۇققان ، كۆتۈرۈلگەن دېگەن مەنىدە .
مۇغەننى ( ئەرەپ تىلى ) سازەندە دېگەن مەنىدە .
بەربەت ( پارس تىلى ) تەمبۇر دېگەن مەنىدە .
قەيد ( ئەرەپ تىلى ) باغلىنىپ قىلىش دېگەن مەنىدە .
سائادەت ( ئەرەپ تىلى ) بەخت – سائادەت دېگەن مەنىدە .
مۇتلەق ( ئەرەپ تىلى ) ئەركىن دېگەن مەنىدە .
مۇقەييەت ( ئەرەپ تىلى ) مۇتلەقنىڭ قارشى مەنىسى دېگەن مەنىدە .

پايدىلانمىلار

‹‹ قەشقەر ئەدەبىياتى ›› ژورنىلى 1988 –يلى 1- سان
ئەنۋەر تۇرسۇن : ‹‹ ئۇيغۇر ئۆرپ – ئادەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر ››  .
‹‹ئۇيغۇر خەلق ئويۇنلىرى ›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى .
تولۇقسىز 2- يىللىقلارنىڭ ‹‹ تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكى ›› .

"مىراس" ژورنىلىنىڭ 2012 يىلى 5- سانىدىن يوللاندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇخېلىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-11 19:15  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 856
تۆھپە : 20
توردا: 175
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:51:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىرخېلىل ئاكا ھەقىقەتەن ياخشى ئىزدىنىپسىز.

بىز قارلىق تاشلايلى دىسەكمۇ رايۇنمىز خوتەندە قار ياغمغىلى ئۇزۇن بولدى

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  182
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1220
تۆھپە : 3
توردا: 281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:54:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇخېلىل، دادامنىڭ ئىسمى مىرخېلىل.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1507
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 136
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 12:20:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئەسىرىڭىزنى «مىراس»تا ئوقىغان .چوڭقۇر ئىزدىنىپسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-10 12:20  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2152
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 7183
تۆھپە : 8
توردا: 448
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-25

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 18:36:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"مىراس" ژورنىلىنىڭ 1012 سانىمۇ بارما  تېخى؟ جۇڭگو تارىخىدىكى  ئەڭ  قەدىمىي ژورنالكەنغۇ  بۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش