كۆرۈش: 414|ئىنكاس: 12

ئۆتكۈر ئەپەندى ئۇچتۇرپاندا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 22:36:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئۆتكۈر ئەپەندى ئۇچتۇرپاندا


ئابدۇلۋاھىد مۆلجەرى


( ماقالە)


              كېرەكمەس يالتىراق شۆھرەت بىلەن مەستانە غاپىللار،

              ۋەتەننىڭ دەردىگە دەرمان جاپاكەش ئاشنا ياخشى.

              مالامەت يەتسىمۇ بەزەن دىلىمغا ئۆز دىيارىمدا،

              بوسۇقتىن دالجىماس ئىتتەك ماڭا ئەھدۇ-ۋاپا ياخشى.



  شۇنداق مىسرالارنى يېزىپ ۋە ئۇنى ئۆز ئەمىليىتى بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى ۋە ئەدەبىياتشۇناس ئالىم، مەرھۇم ئابدۇرېھىم تىلەشۇپ ئۆتكۈر ئەپەندىنى ئەسلەش كىشىگە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ. ئۆتكەن بىر ئەسىردە دىيارىمىز شىنجاڭدا ياشاپ ئۆتكەن بىر قاتار مەشھۇر شەخىسلەر ئىچىدە ئۆتكۈر ئەپەندى مەيلى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى نوقتىسىدىن بولسۇن ياكى شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخى نوقتىسىدىن بولسۇن چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم تارىخى شەخىس. شۇنداقلا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھايات پائالىيىتىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋە نازۇك تېما.

  ئۆتكۈر ئەپەندى بېقىۋالغان ئۈگەي دادىسى ئوسمان ھاجىم ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئەينى دەۋىر شارائىتى تۈپەيلى قۇمۇلدىن ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ كېلىپ، ئۇچتۇرپاندىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئەينى دەۋىر تارىخىنى بىلىدىغان، تارىخنى ئاغزاكى سۆزلەپ بېرەلەيدىغان، ئۆتمۈشتىكى جىق ئىشلارنىڭ شاھىدى بولغان، خاتىرىسى ئۇچۇق، ئەقلى ئويغاق، يىراقنى كۆرەلەيدىغان مويسىپىتلەر بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ ئازلاپ كېتىۋاتقان بۇ  ئاي-بۇ كۈنلەردە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ بۇندىن 70-80-يىل بۇرۇنقى بالىلىق دەۋرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى بىلىدىغان كىشىلەر ئۇچتۇرپاندا يوق دىيەرلىك بولغاچقا ۋە بار بولغانلىرىنىڭمۇ ئېيتىپ بەرگەنلىرى تازا ئىشەنچىلىك بولمىغانلىغى ئۈچۈن، بۇ يەردە ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئۆز قەلىمى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان «مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم » دېگەن سەرلەۋھىدىكى گۈزەل ئەسلىمىسىدىن نەقىل كەلتۈرۈش مۇۋاپىق بولسا كېرەك. ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق يازىدۇ :

  «ئوسمان ھاجىم دادام بىلەن ئىسمايىل داتو باي تاغام قۇمۇل قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغاچقا، ئۇلارمۇ خوجىنىياز ھاجىم بىلەن تۇرپان تەرەپكە كەتتى... 1934-يىلى ئەتىيازدا، ئوسمان ھاجىم دادام بىزنى ئۇچتۇرپانغا كۆچۈرۈپ كەتتى.  شۇندىن باشلاپ،  يېڭىچە (پەننى) مەكتەپتە  ئوقۇشقا  باشلىدىم...

1934-يىلىنىڭ كۆكلەم ئايلىرىدا خوجىنىياز ھاجى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، مەھمۇت مۇھىت جەنۇبىي شىنجاڭ گارنىزۇن قۇماندانىنىڭ مۇئاۋىنلىقى، قۇشۇمچە 6-شى(دىۋىزىيە) نىڭ سىجاڭلىقىغا تەيىنلەندى. نازىر، ۋالىي، ناھىيە ھاكىملىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىدارە جەمىئيەتلەرنىڭ باشلىقلىقىغا ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار كۆپلەپ تەيىن قىلىندى. ئىقتىساد ۋە سودا جەھەتتە، سوۋېت-شىنجاڭ سودا شىركىتى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ مۇھىم تارماقلىرىغىمۇ  مىللىيلاردىن  باشلىقلار قويۇلدى. جۈملىدىن مېنىڭ دادم ئوسمان

ھاجىم ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى سوۋېت-شىنجاڭ سودا شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى ۋە ئۇچتۇرپاندا قۇرۇلغان تاشقى سودا تامۇژنا باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىكەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بىزنىمۇ ئۇچتۇرپانغا كۆچۈرۈپ كەتتى.

  بىز قۇمۇلدىن ئات-ھارۋىلىق يولغا چىقىپ، تەخمىنەن بىر يېرىم ئايدا ئۇچتۇرپانغا يېتىپ باردۇق.

  ئۇچتۇرپان-ھاۋاسى ياخشى ۋە مۆتىدىل، يېرى مۇنبەت، سۈيى ئەلۋەك، دەل-دەرەخلىرى باراقسان، مەنزىرىسى گۈزەل بىر يۇرت بۇلۇپ، شەھەرنىڭ بىر چېتىدىكى مۆلجەر تاغ ۋە ئۇنىڭ باغرىغا جايلاشقان «توققۇز بۇلاق»، ئاندىن «يەتتە قىزلىرىم»، «سوۋىتقا»، «ئىماملىرىم» دېگەن سەيلىگاھلىرى بىلەن كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدىكەن... ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، ھەتتا قىرغىزىستاننىڭ قاراقول رايۇنىدىن كەلگەن ئاھالە ئۆزى بىلەن بىللە شۇ يۇرتلاردىكى مەدەنىيەتنىمۇ (مەسىلەن، ھۈنەر-سەنئەت، سودا-تىجارەت ئۇسۇللىرى، ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدە-يۇسۇنلارنى) بىللە ئېلىپ كەلگەچكە، بۇ يۇرتتا بىر خىل ئارلاشما مەدەنىيەت قۇرۇلمىسى مەيدانغا كەلگەن. ئۇچتۇرپان قىرغىزىستان بىلەن چېگىرداش بولغانلىقتىن ، سوۋېت-شىنجاڭ سودا شىركىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى، يەنى سوۋېت ئىتتپاقى بىلەن بولىدىغان تاشقى سودا تامۇژنىسى مۇشۇ يۇرتتا تەسىس قىلىنىپ، 1934-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن باشلاپ تاشقى سودا پائالىيەتلىرى  كەڭ قانات يايغان ئىكەن. ئۇچتۇرپان بىلەن قارا قول ئوتتۇرىسىدا ھەپتىسىگە بىرەرمىڭ ئات قاتناپ ، بۇياقتىن يۇڭ، تېرە، ئۈچەي ۋە  دېقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۇياققا، ئۇياقتىن زاۋۇت-فابىركىلاردا ئىشلەنگەن سوۋىت تاۋارلىرىنى بۇياققا تۇشۇيدىكەن، جۈملىدىن قوي، كالا، ئات قاتارلىق تىرىك ماللارمۇ سوۋىت يېرىگە تۈركۈم-تۈركۈملەپ مېڭىپ تۇرىدىكەن. مۇشۇنداق سودا ئالاقىسىنىڭ كەڭ يولغا قۇيۇلغانلىغى ئارقىسىدا، خەلق ئىگىلىگى بىردىنلا جانلىنىپ، بازارلار ئاۋاتلىشىپ، خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىشىشقا باشلاپتۇ.

  بۇ چاغلاردا قۇمۇل تەرەپلەردە چىبەرقۇتتىن كىيىم تىكتۈرۈپ كىيىش باشلانغاندى. ئۇچتۇرپاندا بولسا، سارجا، سۆكنى، دۇراپ، كوۋېركوت، قاتارلىق يۇڭ رەخىتلەر؛ غىژىم رومال، گىرىپشىن، ئەنگىلشىن قاتارلىق يىپەك گەزلىمىلەر؛ پاتېفون، گازۋاي لامپا، ئاياغ ماشىنىسى، ۋېلسىپىت قاتارلىق سانائەت بۇيۇملىرى؛ قەنىت-شېكەر، كەمپۈت-مەرمىلات، شاكىلات قاتارلىق تاتلىق تۈرۈملەر؛ خۇرۇم ئۆتۈك، بەتنىكە، توپلەي، كالاش قاتارلىق ئاياغ كىيىملىرى خېلىلا ئومۇملىشىپ كېتىپتۇ. چۈنكى، شەھەر ۋە يېزا ئاھالىسى قانچىلىك تاپسا شۇنچىلىك خام مال ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تاشقى سودا تامۇژنىسىغا ئۆتكۈزسە ، ئۇنىڭ بەدىلىگە سوۋېت تاۋارلىرىنى ئالالايدىكەن.

  بۇ چاغلاردا ، ئۇچتۇرپان جەنۇبىي شىنجاڭ بۇيىچە باشقا شەھەرلەرگىمۇ سوۋېت تاۋارلىرىنى تارقىتىش مەركىزى بولۇپ قالغانىكەن.

  سودا-ئىقتىسادنىڭ ئاشۇنداق گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، مەدەنىي-مائارىپمۇ ئالاھىدە تەرەققى قىلىشقا باشلىغان. ئۇچتۇرپان شەھرىنىڭ ئۆزىدىلا ئوغۇل-قىزلار ئايرىم-ئايرىم ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ مەكتەپلەر، چوڭلارنىڭ ساۋات چىقىرىش كۇرسلىرى ئېچىلغانكەن. بۇ مەكتەپلەر ئىچىدە سۇ بۇيى مەھەللىسىدىكى «سۇتۇق بۇغراخان» مەكتىپى مەركىزىي مەكتەپ ھېساپلىنىدىكەن.

  بىز ئۇچتۇرپانغا بېرىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادم مېنى شۇ مەكتەپكە بەردى، مەن 3-سىنىپقا يارىدىم. بۇ مەكتەپتە ئىككى يۈزدىن ئۇشۇق بالا ئوقۇيدىكەن. بىزنىڭ سىنىپىمىزدا ئانا تىل، ھېساب، جۇغراپىيە، تەبىئەت، ئىنشا دەرىسلىرى ئۆتۈلۈپ، تەنتەربىيىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلەتتى. مۇئەللىملىرىمىز ئەسئەت ياقۇبى، ئىبراھىم ئىدرىس، ھاجى ياقۇپ قاتارلىق كىشىلەر ئىدى. كېيىن ئۇقساق، ئۇلار ئاقسۇدا ئېچىلغان مۇئەللىملەر كۇرسىدا تەربىيلەنگەن تۇنجى ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. مەكتەپ بۇيچە «ئىزچىلار ھەركىتى» قۇرۇلۇپ، ياز كۈنلىرى ھەممەيلەن ماش رەڭدىكى سېتسېلىن دېگەن رەخىتتىن بىرخىل فورمىدا تىكىلگەن بىر قاراشتا ھەربىي فورمىغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىيىم، بېشىمىزغا قالپاق، پۇتىمىزغا بەتنىكە كىيەتتۇق. قولى قىسقا ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى بايلار تەمىنلەيتتى. تۈركىيە سۇلتانلىقىدا ئوفېتسىر بولۇپ، كېيىن سوۋېت ئىتتپاقىدىن شىنجاڭغا قېچىپ ئۆتكەن كازىم ئەپەندى دېگەن كىشى ئىزچىلارغا ھەربىي مەشىق بېرەتتى. مەن شۇ مەكتەپتە 5-سىنىپقىچە ئوقۇدۇم.

  ئۇ زامانلاردا، قول-ئىلكىدە بار كىشىلەر مەدەنىي-مائارىپ ئىشلىرىغا ياردەم بېرىشنى، ھەتتا مۇئەللىملەرنىڭ تەمىناتىنى ئۆز يېنىدىن بېرىش، قولى قىسقا كىشىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوقۇش ماتىرياللىرى بىلەن تەمىنلەش ھەتتا ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ مەكتەپ سېلىش ئىشلىرى بىرخىل ئىجتىمائىي كەيپىياتقا ئايلىنىپ قالغانىدى. ئاقسۇ، كۇچار، قەشقەر دىيارلىرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى شۇنداق يوللار بىلەن ۋۇجۇدقا كەلگەن. جۈملىدىن، ئوسمان ھاجىم دادام ئۇچتۇرپان شەھرىنىڭ يېنىدىكى بېدىلىك دىگەن يەردە ئۆز پۇلى بىلەن12 سىنىپلىق بىر مەكتەپ بىنا قىلدۇردى.

  ئابدۇكېرىم ئابباسۇفنىڭ دادىسى ھاشىم ئاقساقال، تاغىسى مامۇتچان ئاكا قاتارلىق كىشىلەر ئۇچتۇرپان مەدەنىي-مائارىپنى گۈللەندۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلار مەكتەپ ۋە مۇئەللىملەرگە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ياردەم بەرگەندىن تاشقىرى ئۇيغۇر مەدىنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تۈزۈپ، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرققىياتىغا زور ھەسسىلەرنى قوشتى. جۈملىدىن، ئۇيۇشما  قارمىقىدا سانائىيە نەفىسە بۆلۈمى تەشكىل قىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللى تىياتىرچىلىقىنىڭ دەسلەپكى ھۇلىنى بەرپا قىلدى. ئاتاقلىق كومپوزىتۇر مۇھىدىن خوجا ۋە مۇھىدىن نىياز، ئابلىمىتخان قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پائال تىرىشچانلىقى بىلەن تىياتىر ۋە كونسېرت نۇمۇرلىرىنى كۆرسىتىش يولغا قۇيۇلدى. «يېتىملار كۆز يېشى»، «يالغان تېۋىپ» دېگەن سەھنە ئەسەرلىرىنى مەن تۇنجى قېتىم ئۇچتۇرپاندا كۆرگەندىم. بۇ ئىشلار شۇ زامانغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاجايىپ بىر كارامەت ئىدى.

  5-سىنىپنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئۇچتۇرپاندا ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچقا، دادام مېنى ئاقسۇدىكى قىسقا مۇددەتلىك دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇشقا ئەۋەتتى. بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇش ئالتە ئاي ئىچىدىلا تۈگەپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ، دادم بىلەن ھاشىم ئاقساقال ئابدۇكېرىم ئابباسۇف بىلەن ئىككىمىزنى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ئەۋەتمەكچى بولدى. شۇنداق قىلىپ، 1936-يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا گۈزەل ئۇچتۇرپان بىلەن خوشلىشىپ، ئۈرۈمچىگە قاراپ يولغا چىقتۇق.

ئۇچتۇرپان ئۆزىنىڭ گۈزەل مېھرى ۋە ئىسسىق مېھرى بىلەن، شۇنىڭدەك تەرەققىيات ۋە مەدەنىي-مائارىپقا تاشلىغان دادىل قەدىمى بىلەن مېنىڭ بالىلىق قەلبىمدە ناھايتى چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. ئېزىز يۇرتۇم قۇمۇلنى قانداق قىزغىن سۆيسەم، ئۇ يۇرتنىمۇ شۇنداق قىزغىن سۆيىدىغان بولۇپ قالدىم. بۇ يۇرتقا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىم خۇددى دەسلەپكى سۆيگۈ-مۇھەببىتىمدەك مېنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ياشىغۇسى.

                            1993-يىل ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى »

  تارىخى مەنبەلەر ۋە ئەينى زامان تارىخىدىن ئاز-تولا خەۋىرى بار بەزى مويسىپىتلەرنىڭ ئاغزاكى بايانىغا قارىغاندا، قانخور جاللات شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭ رەھبەرلىرى قاتارىدا يۇقۇرىدا ئۆتكۈر ئەپەندى قەيىت قىلىپ ئۆتكەن ئىسمايىل داتۇ دېگەن كىشى بىلەن ئوسمان ھاجىمنىمۇ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئوسمان ھاجىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى چوڭ قورۇ-جاي شۇندىن كېيىن ئۇنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى ۋە مىراسخورى بولغان ئۆتكۈر ئەپەندىگە تەئەللۇق بولغان.

  ھازىرمۇ «ئۆتكۈر ئەپەندى قورۇسى» دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان چوڭ قورۇ ئەسلىدە مادارىن دېگەن بىر خۇيزۇنىڭ جايىكەن. ئۇ كىشى قەشقەردىن داڭلىق ياغاچچى، تامچى ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ، تاشكەنت پاسۇنىدىكى ھەممىسى تاختايلىق– پىشايۋانلىق 12ئېغىزلىق كاتتا ئۆي سالدۇرغان ئىكەن. كېيىن ئوسمان ھاجىم بۇ قورونى سېتىۋالغان بولسا كېرەك. ئۆتكۈر ئەپەندى ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كېتىپ، بىر مەزگىل ئۈرۈمچىدە ئوقۇش ۋە خىزمەت بىلەن ئۇچتۇرپانغا كېلەلمىگەن. ئوسمان ھاجىممۇ شېڭ شىسەينىڭ قولىدا ئۆلۈپ كەتكەچكە، ئىگىسىز قالغان بۇ قورۇغا شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىق قىلىغان. بۇ قورۇنىڭ (ئۆي ۋە ھويلىنىڭ) ئىگىلىگەن كۆلىمى بىريېرىم مو ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە 50مو ئەتراپىدا مېۋىلىك بېغى بار ئىكەن. باغدا ياڭاق ، ئۈرۈك، ئالما، شاپتۇل قاتارلىق تۈرلۈك مېۋىلەر بار ئىكەن. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا كىچىك بىر كۆل بار ئىكەن.

ئۆتكۈر ئەپەندى 1982-يىلى11-ئايلاردا ئۇچتۇرپانغا كېلىپ (ئارلىقتا بىرقانچە قېتىم كەلگەن) ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان قورۇ-جاينى ئۆز ئىلكىگە تاپشۇرۇپ ئېلىپ ساتماقچى بولغان. بۇ قورۇنى ئارلىقتا بىر مەزگىل ناھىيىلىك مالىيە ئىدارىسى باشقۇرۇپ تۇرغان ئىكەن. شۇ قېتىم كەلگەندە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قولىدا سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ خېتى بار ئىكەن. ئۇ ئاشۇ خەت بۇيىچە قورۇنى ئۆز ئىلكىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ، يەنە ساتماقچى بولغاندا، بۇ قورۇ-جايغا شۇ چاغدا 12مىڭ يۈەنگە خېرىدار چىققان. ناھىيىلىك خەلق ئىشلار ئىدارىسى مەسئۇللىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، بۇ جايغا بىر يىتىم-يېسىرلار مەكتىپى قۇرۇشنى ئويلىشىپ ئۆتكۈر ئەپەندىگە بۇ مەسلىھەتنى ئېيتقاندا، ئۆتكۈر ئەپەندى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قەۋەت خوش بولۇپ 4000 يۈەن ئەرزىنىغا (8000 يۈەنگە) ناھىيىلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا ساتقان. مىڭ يۈەن پۇلنىڭمۇ راۋۇرۇس كۈچى بار شۇ مەزگىللەردە ناھىيە بازىرىدىن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر قورۇنىڭ باھاسىنىڭ شۇنچە قىممەت پۇلغا يارىغىنىغا قارىغاندا بۇ قورۇ-جاي ئۆز ۋاقتىدا ھەقىقەتەنمۇ كاتتا سېلىنغان بولسا كېرەك. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ يىتىم-يېسىرلانىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ئاڭلاپ ئۆز نەپسىدىن كېچىپ 12 مىڭ يۈەنگە سېتىشقا تېگىشلىك بولغان قورۇنى 4000مىڭ يۈەن زىينىغا ساتقانلىغى ئۇنىڭ ئالىيجاناپ پەزىلىتىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتتۇر. ئەپسۇسكى بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى يىتىم-يېسىرلار مەكتىپى سېلىش پىلانى يوققا چىقىپ، بۇ جايغا ناھىيىلىك ساناتورىيە سېلىنغان. ساناتورىيە قۇرۇلۇشى 1983-يىلى 4-ئايدا باشلىنىپ، 1985-يىلى 6-ئايدا پۈتكەن. شۇندىن تارتىپ بۇ قورۇنىڭ ئورنى ناھىيىلىك سانوتورىيەگە ئايلانغان. ھازىر بۇ جاي ناھىيە تەۋەسىدىكى ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئورۇنغا، يەنى «ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئورنى»غا ئۆزگەرتىلدى. ھازىرمۇ بۇ يەردە ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىلكىدىكى ۋاقتىدا بار بولغان ئالتە-يەتتە تۈپ ياڭاق شۇ پېتى بار. يېقىن ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جاينى ھېلھەم «ئۆتكۈر ئەپەندى قورۇسى» دەپ ئاتىشىدۇ.

  ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتىدىكى خېلى مۇھىم ئىشلار ئۇچتۇرپان بىلەن زىچ باغلانغان. ئۆتكۈر ئەپەندى يۇقۇرقى ئەسلىمىسىدە ئۇچتۇرپاننى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغىندەك، ئۇچتۇرپان تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر تارىخىي شەخىسلەرنىمۇ ئۆز ئەسەرلىرىدە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن. مەسىلەن : «ئىز» رومانىنىڭ مۇقەددىمە قىسىمىدا مۇنداق  يازىدۇ : « قەدىمكى ئىتالىيىدە قۇلللار ئارىسىدىن چىققان سىپارتاك، خۇاڭخې دەرياسى بويلىرىدىن چىققان باھادىر شاھ  لى زىچېڭ بىلەن <تەيپىنەم> زامانىسىنڭ <ساماۋى شاھى> خۇڭ شىيۇچۈن، كونا رۇسىيىدىكى كازاكلاردىن چىققان سىتىپان رازىن بىلەن يېمىلىيان پۇگاچېۋ، ئۇچتۇرپان شەھرىدىن چىققان رەھمىتۇللا بەگ بىلەن قۇمۇل تاغلىرىدىن تۆمۈر خەلىپىمۇ  ئاشۇ دانكوغا ئوخشايدىغان كىشىلەر ئىدى.»     

ئۆتكۈر ئەپەندى تۇنجى قېتىم رەھمىتۇللابەگنى دۇنيا تارىخىدا نامى مەشھۇر بولغان سىپارتاك، لى زىچېڭ، پۇگاچېۋ قاتارلىقلار بىلەن بىر ئورۇندا قويۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازىنى، تارىختىكى شان-شۆھرىتنى تۇلۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن ئىدى. بۇمۇ ھەرگىز سەۋەپسىز بولمىسا كېرەك. رەھمىتۇللا بەگنىڭ قەبرىسى بىلەن ئۆتكۈر ئەپەندى قورۇسىنىڭ ئارلىقى ناھايتى يېقىن بولۇپ،  بەك كەلسە 200-300 مېتىرچە كېلىدىكەن. شۇنداقلا يەنە رەھمىتۇللا بەگ بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلىپ مەردلەرچە قۇربان بولغان يەتتە قىزنىڭ قەبرىسى _ «يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى» ۋە ئۇلار پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەشھۇر تاغ _«مۆلجەر تېغى» مۇ ئۆتكۈر ئەپەندى قورۇسىغا بەك يېقىن بولۇپ، ئىككى كىلومېتىردىن ئاشمايدىكەن. دېمەك، ئۆتكۈر ئەپەندى ئۇچتۇرپاندىكى چاغلاردا بوۋاي-مومايلاردىن «جىگدە يېغىلىقى» توغرىسىدىكى تارىخى ھېكايىلەرنى كۆپ ئاڭلىغان ۋە بۇ ۋەقەلەر ئۇنىڭ گۈدەك قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن.

  پۈتۈن ھاياتى ئىزدىنىش بىلەن تولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئۆتكۈر ئەپەندىنى دىيارىمىز شىنجاڭدا يۈز بەرگەن نۇرغۇن زور تارىخىي ۋەقەلەر ۋە تارىخىي

شەخىسلەرنىڭ ھاياتىغا شاھىد بولغان ئاجايىپ كىشى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ يۇرتتا ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان مەشھۇر جامائەت ئەربابى _ئۆتكۈر ئەپەندىنى ئۇچتۇرپان خەلقى مەڭگۈ ياد ئېتىدۇ!




①ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : «مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى» 1995-يىل 4-سان.

    ② ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر : «ئىز»، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1985-يىل 1-نەشىرى،  1986-يىل 2-بېسىلىشى،3-بەت.





مەنبە:  «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» 2010-يىل 1-سان.



ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر
idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  716
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 704
تۆھپە : 0
توردا: 245
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 22:58:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  ئۈرۈمچىگە بارغاندا، ئۆتكۈر ئاكىمىزنىڭ  قەبرىسىنى  سۈرەتكە تارتىۋالغان.تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قوياي:
1.گۈلساي قەبرىسىنىڭ كىرىش ئېغىزى:


2.گۈلساي مەسجىتنىڭ ئالدىدىكى مەيدان:


3.ئۆتكۈر ئاكىمىزنىڭ قەبرىسى:


فوتۇ ئاپراتىم.
2011-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى.ئۈرۈمچى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1411
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 23:01:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممىتى  بار ئەسلىمە ئىكەن، ئالىمنىڭ بىز  خەۋەرسىز قالغان ئالى جاناپ پەزىلەتلىرى بەلكىم نۇرغۇندۇر،

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  881
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 229
تۆھپە : 0
توردا: 50
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 23:36:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆيۈك ئالىمىمىزغا ھەم مىھنەتدارغا رەھمەت ئېگىسى كۆپ ئەجرلەر بەرگەي

ئادەم__ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 23:39:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ مىيتى ئېلىپ مېڭىلغاندىكى كۆرۈنۈش ۋە قەبرىستانلىقتىكى ئىشلار خەلقىمىزنىڭ ئالىمىغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى نامايان قىلغان ئىدى . بۇ زاتتىكى پەزىلەت ھەممىلا ئادەمدە بولىۋەرمەيدۇ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  223
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 321
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 23:56:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىمنىڭ ھاياتى توغرىسىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇر بىز ئۈچۈن قىممەتلىكتۇر. ئابدۇۋايىت ئاكىنىڭ بىزنى مۇشۇنداق قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكىنىگە تەشەككۈر.

ئاسمان، سەن تونۇمىساڭ تونۇما مېنى،
لېكىن كۆز يېشىڭدىن تونۇيمەن سېنى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1507
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 125
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 11:51:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم ئالىمىمىزغا ھۆرمىتىم تولىمۇ چوڭقۇر ئىدى.يوللىغان تېمىڭىزدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇمارىس تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-9 11:51  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 13:33:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى ئىلگىرى كۆرمەپتىكەنمەنغۇ، پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقىرى، ياخشى چىققان ماقالىكەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  517
يازما سانى: 120
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 826
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-22

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 13:42:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولسۇن، ئابدۇۋايىتكا!....

كىسەل پەقەت تەندىلا بولمايدۇ، ئىدىيەدىمۇ بولىدۇ!...
                                    
            -ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم سەئىدى

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  121
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1425
تۆھپە : 0
توردا: 302
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 19:49:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆلجەرى ئەپەندىنىڭ مۇشۇنداق ياخشى ، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ماقالىلەرنى داۋاملىق يېزىپ، يوللاپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

شادلىقىم زۇلمەت، ھەسرىتىم ئاپپاق...

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1524
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 11
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 22:04:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىدا مۇشۇنى بىزگە سۇنغان قېرىندىشىمغا كوپتىن_كوپرەخمەت،،!
ئارىمىزدىكى مانامۇشۇنداق توھپىكارلىرىمىزنى ھەرۋاقىت ئۇنتۇپ قالمىساق!!!!!!!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 178
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1097
تۆھپە : 7
توردا: 250
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 22:06:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0.jpg


ئاق ئەمەس ساچىمدىكى، يىللار تۇزانى دەپ بىلىڭ،

سارغىيىپ كەتكەن يۈزۈمنى كۈز خازانى دەپ بىلىڭ.


خۇددى يۇلتۇزدەك پىلىداپ، ياشلىنىپ يانسا كۆزۈم،

دىلدا ئارمان تاشقىنىنىڭ نام-نىشانى دەپ بىلىڭ...


قەلىمى پاكىزە، بىرمۇ پاخال يازمىسى بولمىغان بۇ زەبەردەست شائىر ۋە ئالىم ھەققىدە بىرەر يىرىك ئەسەر يېزىش كېرەك ئىدى. بەلكى بۇنداق خاسىيەتلىك ئىشقا بەلنى باغلىغانلار باردۇ. ئەگەر شۇنداق نىيەتتە بولغانلارنىڭ ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئۆمرىنىڭ ناھايتى مۇھىم قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇچتۇرپاندىكى پائالىيەتلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر بۇ ھەقتە ئىزدىنىدىغانلار بولسا ئۇچتۇرپاندىكى ئىزدىنىشلىرىگە  خالىس ياردەم قىلىشقا بۇ يۇرتتىكى قەلەمكەشلەر ھەرقاچان تەييارمىز.  بۇ تېمىغا دىققەت نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ ياخشى ئىنكاس يازغان دوستلارغا كۆپ رەھمەت!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-9 22:09  


ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1410
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 749
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-11

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 04:20:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتۇرپان ئەجەپ تۇنىش ئاڭلىنىدىيا ماڭا

پەقەتلام مۇھەببەت.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش