ximal
كۆرۈش: 281|ئىنكاس: 0

مۇھەممەتئىمىن ئابدۇۋەلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2654
تۆھپە : 84
توردا: 523
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-20 09:47:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.jpg

   مەزمۇنى چوڭقۇر، تىلى چۈچۈك، ھېكايە فىليەتۇنلىرى بىلەن جەمئىيەتتتە بەلگۈلىك تەسر قوزغاپ كېلىۋاتقان  يازغۇچى مۇھەممەتئىمىن ئابدۇۋەلى 1948- يىلى 6- ئاينىڭ 3- كۈنى چىرا ناھىيە گۇلاخما يېزىسىنىڭ ئوشئۆستەڭ كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1965- يىلىدىن 1968- يىلىغىچە خوتەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىۋىدە ئۇقۇغان. ئۇ جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلىمي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇ يېقىنددا ئۆزىنىڭ «ياخشىلىق ئىزدەپ» ناملىق تاللانغان ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشرگە تاپشۇردى.

يازغۇچى مۇھەممەتئىمىن ئابدۇۋەلى 1981- يىلى «تارىم» ژۆرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «بەخىت ئۇچۇرى» نامىلق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرگەن. شۇندىن بويان ئۇ «مىنى كەچۈرۈڭلار»، «ئۇ يولۋاس بالىسىغا ئاشىق»، «ساقال ھەققىدە پاراڭ»، «ئەترەت باشلىقىنىڭ كەچۈرۈمىشلىرى»، «پالتا ئوغرىسى»، «گۆشگىردە»، «دېھقان»، «تەشەككۈرنامە»، «خاسىيەتلىك بوش ئورۇن»، «پالتا قاقتۇرۇش»، «بەشىنچى كەسىپ»، «ياخشىلىق ئىزدەپ»، «ماركسىنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ سەللىسى»، «بىز جەنۇپلۇق»، «ئاناڭنى.... توغرىسىدا»، «ئېھ ياشلىق»،  «روھ قىسىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن ھېكايە، پوۋسىت، فېليەتۇن، ئەدەبىي ئاخباراتلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى. بۇلاردىن «مېنى كەچۈرۈڭلار» دېگەن ھېكايسى 1983- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىچە بىرىنچى دەرىجىلىك ھېكايە ئىجادىيىتى مۇكاپاتىغا، «ساقال ھەققىدە پاراڭ»، «دېھقان»، «تەشەككۈرنامە»، «كۈلەيمۇ- يىغلايمۇ؟»، «ئۇ يولۋاس بالىسىغا ئاشىق»، «كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە»، «تاشيول، دەرەخ، سىم يول» دېگەن ھېكايىلىرى «يېڭى قاشتېشى» ژۆرنىلى ئۇيۇشتۇرغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتىدە 1-، 2-، 3- دەرىجىگىچە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى.يازغۇچى مۇھەممەتئىمىن ئابدۇۋەلى كۆپ قېتىم «يېڭى قاشتېشى» «ژۆرنىلى» ۋە «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۆرنىلى تەرپىدىن مۇنەۋۋەر ئاپتۇر بۇلۇپ تەقدىرلەندى. ئۇنىڭ «ساقال ھەققىدە پاراڭ»، «بەشىنچى كەسىپ»، «گۆشگىردە» قاتارلىق ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى.

يازغۇچى مۇھەممەتئىمىن ئابدۇۋەلىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتىرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن «ساقال ھەققىدە پاراڭ»، «دېھقان»، « بەشىنچى كەسىپ»، «تەشەككۈرنامە»، «گېنرال سۇلايماننىڭ ھېكايىسى»، «خۇداغا خەت» قاتارلىقار بار.

يازغۇچى مۇھەممەتئىمىن ئابدۇۋەلى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان، ئىجادىيەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان يازغۇچى، شۇڭا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى گەرچە كۆپ بولمىسىمۇ ئۇنىڭ ئەسىرى، مەيلى چوڭ، مەيلى كىچىك بولسۇن جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىيالايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تۇرمۇشقا يېقىن، شۇنداقلا يۇمۇرستىك تۇيغۇغا باي، شۇڭا كۆپلىگەن كىتاپخانىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى يەڭگىل، ئىخچام، چۈشىنىشلىك شۇڭا ئۇقۇغانچە ئادەم چۈشىنەلەيدۇ ۋە بەلگىلىك ھۇزۇر ئالالايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە خۇددى ئۆز مىجەزىگە ئوخشاش بىر خىل يۇمۇرلۇق، چۇسلۇق، مەردانىلىك، تۈزلۈك، ئۇچۇق- يۇرۇقلۇق باركى، سۆرەلمىلىك، ياسالمىلىق، غىلجىڭلىق، خۇشامەتكۇيلۇققا ئوخشاش بىمەنە چاكىنىلىقلار يوق.

ئۇ ئىجادىيەت ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەيدۇ «ئەدەبىي ئىجادىيەت ـ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىنىڭ ئىچ- پۇشۇقىنى چىقىرىۋالىدىغان قورالى، شۆھرەتكە، ھۇقۇققا، بايلىققا ئېرىشىشنىڭ شوتىسى ئەمەس، بۇنداق خىيال بىلەن قەلەم تەۋرىتىدىغانلار مەڭگۈ يازغۇچى بولالمايدۇ، ھەقىقى يازغۇچى بۇلۇش ئۈچۈن خەلىقىنىڭ يىغىسىنى يىغلىيالايدىغان، مىللەتنىڭ قايغۇسىغا  ۋە شاتلىقىغا ئورتاق بولالايدىغان بۇلۇش، پۈتكۈل خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئۆز يۈرەك ساداسىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ يېزشىنى ئادەت قىلىشى كىرەك» يولداش مۇھەممەتئىمىن ئابدۇۋەلى ئۆز ئىجادىيەت پىرىنسىپىغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە چاكىنا ئىشقى مۇھەببەت دىيالۇگلىرى بىلەن تولغان دىتال ۋە تەپسىلاتلار، قۇرۇقتىن- قۇرۇق پۈۋلەپ ئۇچۈرۋاتقان ۋەقە ۋە ئادەملەر، سېھرىگەرنىڭ ئەييارسىدەك دىل باغلايدىغان ياغلىما سۆزلەر يوق، ئۇ دىتال ۋەقەلىكلەرنى قاتتىق تاللاپ، ئەستايىدىل تاسقاشتىن ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇيدىغانلارنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكىنىڭ سىرى- دەل مۇشۇ يەردە.



مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش