ximal
كۆرۈش: 232|ئىنكاس: 0

قەيسەر دۆلەتبېك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  296
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 618
تۆھپە : 20
توردا: 112
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-6-19 09:53:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

QQ截图20120620095122.jpg


قەيسەر دۆلەتبېك 1969- يىلى تاشقورغان ناھىيە دەپتار يېزىسىدا تۇغۇلغان. باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا ئوقۇغان، تولۇقسىز ئوتتۇرىنى تاشقورغان ناھىيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە، تولۇق ئوتتۇرىنى قەشقەر ۋىلايەتلىك 6- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1987- يىلدىن 1992- يىلغىچە شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇرنۋېرسىتىتى تارىخ فاكولتىتىنىڭ تولۇق كۈرسىنى پۈتتۈرۈپ، 1992- يىلىدىن ھازىرغىچە تاشقورغان ناھىيىلىك تارىخ تەزكىرە ئىشخانىسدا ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
قەيسەر دۆلەتبېك 2003-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يەرلىك تەزكىرە جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان، 2006- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.
ئۇنىڭ 1991- يىلى «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلغان «تاغ گۈلى» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم قويغان. ھازىرغىچە «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى، «قەشقەر گېزىتى»، «تارىم» ژورنىلى، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى، «شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتى» ژورنىلى، «قىزىلسۇ» ژورنىلى، «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا كۆپىلگەن ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان، يەنە تاجىك ئاپتۇرلىرى بىلەن بىرلىشىپ چىقارغان «مۇزتاغ سۆيگۈسى»، «بۈركۈتلەر پەرۋازى»، «خىلۋەتلەردە پىچىرلاش» قاتارلىق بىرلەشمە ئەدەبىي توپلاملىرىغا بىر قىسىم شېئىر، نەسىر، ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگە. تاشقورغان تارىخىغا ئائىت تەتقىقات، تونۇشتۇرۇش ماقالىلىرى تاشقورغان تارىخ ماتىرياللىرى 1-، 3-، سانلىرىدا ئېلان قىلىنغان. تاشقورغان تەزكىرىسىنى يېزىشقا قاتنىشىپ «تاشقورغان تارىخىدىكى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى»، «تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ تەشكىلات تارىخى»، «تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تەزكىرىسى» قاتارلىق كىتاپلارنى يېزىشقا قاتناشقان.




بۇيەردە قىش پەسلى بىلەن ياز  پەسلى تەڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش