ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ «ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار» ناملىق شىئېرلار توپلىمى نەشردىن چىقتى
ياش شائىر ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ ئىككىنچى شىئېرلار توپلىمى ــ «ئاي بولمىسا يۇلتۇز بار» يېقىندا شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى. مەزكۇر توپلامغا ئاسىمجان ئوبۇلقاسىمنىڭ ھازىرغىچە يېزىلغان مۇھىم، ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بىرقەدەر تولۇق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، توپلامدا ياش شائىرنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى بىرقەدەر مۇكەممەل گەۋدىلەندۈرۈلگەن،ياش شائىرلىرىمىز ھازىرغىچە نەشر قىلدۇرغان شىئېر توپلاملىرىنىڭ ئىچىدە خېلىلا ياخشى چىققان توپلام دىيىشكە بولىدۇ. تورداشلارنىڭ نەزەر ئاغدۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
|