2013-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى روماننىڭ نەشردىن چىقىش مۇناسىۋېتى بىلەن شىنجاڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «مەدەنىيەت بوستانى» پىراگراممىسىدا «ئۇنتۇلغان كەسىپ، ئۇنتۇلماس كىشىلەر» دىگەن تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. سۆھبەتكە كىتاپ ئاپتورى مەمتىمىن ھوشۇر، بوۋىسى 1910-يىللاردا قەشقەردىن ئىلىغا چىقىپ سالچىلىق قىلغان، 3-ئەۋلات سالچى ئىبراھىم ئوسمان، غەربىي تەڭرىتاغ ئورمانچىلىق ئىدارىسى توققۇزتارا شۆبە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نىغمەت تۇرسۇن قاتارلىقلار قاتناشتى. سۆھبەت ئىلى دەرياسىدىكى سالچىلىقنىڭ تارىخى، روماننىڭ يېزىلىش ئارقا كۆرۈنىشى، سالچىلارنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى، ئىلىنىڭ تاغ - دەريالىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئېلىپ بېرىلدى. قىزىققۇچىلارنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى«مەدەنىيەت بوستانى» پىراگراممىسىغا نەزەر ئاغدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.