2012-يىلى يازدا مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا روماننى تاماملاپ، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرياتىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن بىز ئابلىكىم ھەسەن بىلەن مەسلىھەت قىلىپ يازغۇچىمىزدىن ھاردۇق سورىماقچى بولدۇق. مەمتىمىنكام ئالتاي، چۆچەك تەرەپلەرگە بېرىپ باقمىغانلىقىنى شۇ جايلارنى ئايلىنىپ كەلگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئابلىكىم ئىككىمىز غەيرىتىمىزگە ئېلىپ، مەمتىمىنكامغا ئالىمجان ئىسمايىل ئاكىنى ھەمراھ قىلىپ، ئۇلارنى ئالتاي، چۆچەك، قاراماي قاتارلىق جايلارغا ئارام ۋە ساياھەتكە ئېلىپ باردۇق. ئالتاي سەپىرىدە شىمالى لېنىيە بىلەن ئارا مەھەللە ياۋا ئات تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايۇن، قۇربان توڭغۇت قۇملۇقىنى كېسىپ ئوتتۇق. ئالتايدىن چۆچەككە كېلىش سەپىرىدە ئابلىكىم ھەسەننىڭ خاتا يول باشلىشى بىلەن تارباغاتاي تاغلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھالقىپ، چېگرادىكى بايمىرزا دىگەن كىچىك بىر يەرگە كېلىپ چاۋىچىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن مىڭ بىر مۇشەقەتتە دوربۆلجىنگە يېتىپ كەلدۇق. شۇ چاغدا ھەممىمىز بىر بىرىمىزگە چاندۇرمىغان بولساقمۇ ئادىمىزاتسىز تاغنىڭ ئۈستىدە ماشىنىدىن چاتاق چىقىشىدىن ۋە ماينىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ يۈرەكلىرىمىز سۇ ئىدى. بۈگۈن شۇ خاتىرىلەرنى كۆز ئالدىمدىن ئۆتكۈزۈپ سەپەردە تارتىلغان سۈرەتلەرنى بۇ تېمىغا يانداش قىلىپ يوللىغىم كەلدى.