ئۆزەمگە دەيدىغانلىرىم
ئالىم ياسىن ئارمانى
ئۆزەمدىكى ئەيىب-نۇقسانلارنىڭ بار-يوقىلىقىنى ھەمدە قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن.باشقىلارنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈشلىرىدىن،سۆز قىلىشلىرىدىن،قاملاشمىغان ھەركەتلەرنى قىلىشلىرىدىن شۈنچىلىك سەسكىنىمەن.«ئادەمدە ئۇيات بولۇشى كېرەك»دەيدۇ بىرسى.-ئۇيات دىگەن نېمە؟
-مېنىڭچە ئۇ-باتۇرلۇقمىكېن دەيمەن، ياق،ياق.ئۇيات دېگەن؛ ئەخلاق-پەزىلەت،ئادالەت،دىيانەت،ئار-نومۇس،غۇرۇر،ۋجدان...
ياشاۋەردىم،كىمنىڭ نېمە دېيىشلىرى بىلەن نە كارىم.ئۆزەمنى قەدىرلىدىممۇ؟سۆيدۈممۇ؟ئىززەت-ھۆرمىتىمنى،غۇرۇرۇمنى ساقلىدىممۇ؟بۇنى بىلمەيمەن.يېنىمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ مەندىن يىراقلاپ ماڭغىنىنى،پىچىرلاپ ھەمىشە كىمنىدۇر تىللاپ يۈرگىنىمنى،باشقىلارنىڭ يەپ-ئىچىشلىرىگە سەپ سېلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتكەنلىرىمنى،شەيتانلارنىڭ قوينىغا ئۆزەمنى ئاتقىنىمنىلا بىلىمەن.ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى ئەيىب-نوقسانلىرىنى ئېتراپ قىلمىقى شۈنچىلىك قىيىن بولسا كېرەك؟بىلگەن بولسام بەلكىم تۈزىتىشكە تىرىشقان بولاتتىم.تىرىشقان بولسام،ئۆز-ئۆزۈمنى قەدىرلىگەن بولاتتىم.قەدىرلىگەن بولسام،يەنە ئۆزۈمنى سۆيگەن بولاتتىم.سۆيگەن بولسام دۇنيادىكى بارچە گۈزەللىكلەر كۆز ئالدىمدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولاتتى.مەن شۇنداق ئىرادىگە كەلدىمكى-باتۇر بولىمەن.ئەنە شۇ چاغدا تاتقۇزۇپ قويغان ئۇياتچانلىقىمنى باشقىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن.