يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 4740|ئىنكاس: 4

ئا.ياسىن:ئۆزەمگە دەيدىغانلىرىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆزەمگە دەيدىغانلىرىم

ئالىم ياسىن ئارمانى
qongdeingzi.jpg


   ئۆزەمدىكى ئەيىب-نۇقسانلارنىڭ بار-يوقىلىقىنى ھەمدە قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىگىنى بىلمەيمەن.باشقىلارنىڭ ماڭا قاراپ كۈلۈشلىرىدىن،سۆز قىلىشلىرىدىن،قاملاشمىغان ھەركەتلەرنى قىلىشلىرىدىن شۈنچىلىك سەسكىنىمەن.«ئادەمدە ئۇيات بولۇشى كېرەك»دەيدۇ بىرسى.-ئۇيات دىگەن نېمە؟
   -مېنىڭچە ئۇ-باتۇرلۇقمىكېن دەيمەن، ياق،ياق.ئۇيات دېگەن؛ ئەخلاق-پەزىلەت،ئادالەت،دىيانەت،ئار-نومۇس،غۇرۇر،ۋجدان...
     ياشاۋەردىم،كىمنىڭ نېمە دېيىشلىرى بىلەن نە كارىم.ئۆزەمنى قەدىرلىدىممۇ؟سۆيدۈممۇ؟ئىززەت-ھۆرمىتىمنى،غۇرۇرۇمنى ساقلىدىممۇ؟بۇنى بىلمەيمەن.يېنىمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ مەندىن يىراقلاپ ماڭغىنىنى،پىچىرلاپ ھەمىشە كىمنىدۇر تىللاپ يۈرگىنىمنى،باشقىلارنىڭ يەپ-ئىچىشلىرىگە سەپ سېلىپ قاراپ تۇرۇپ كەتكەنلىرىمنى،شەيتانلارنىڭ قوينىغا ئۆزەمنى ئاتقىنىمنىلا بىلىمەن.ئادەمنىڭ ئۆزىدىكى ئەيىب-نوقسانلىرىنى ئېتراپ قىلمىقى شۈنچىلىك قىيىن بولسا كېرەك؟بىلگەن بولسام بەلكىم تۈزىتىشكە تىرىشقان بولاتتىم.تىرىشقان بولسام،ئۆز-ئۆزۈمنى قەدىرلىگەن بولاتتىم.قەدىرلىگەن بولسام،يەنە ئۆزۈمنى سۆيگەن بولاتتىم.سۆيگەن بولسام دۇنيادىكى بارچە گۈزەللىكلەر كۆز ئالدىمدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولاتتى.مەن شۇنداق ئىرادىگە كەلدىمكى-باتۇر بولىمەن.ئەنە شۇ چاغدا تاتقۇزۇپ قويغان ئۇياتچانلىقىمنى باشقىلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالىمەن.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-22 15:51:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى ھەققىدە ئويلانغان ئىنسان چۇقۇم سائادەت تاپقۇسى،ھەر ئىنسان ئۆزى ھەققىدە ئويلانسا ئىككىلى دۇنيادا خار بولماس. ئارمانلارغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2016-3-22 15:51:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزى ھەققىدە ئويلانغان ئىنسان چۇقۇم سائادەت تاپقۇسى،ھەر ئىنسان ئۆزى ھەققىدە ئويلانسا ئىككىلى دۇنيادا خار بولماس. ئارمانلارغا تىلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2016-3-23 15:04:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان،
    «ئۆز» دېگەن ئۆزلۈك ئالمىشىغا «م، ىم، ۇم، ۈم» قاتارلىق بىرىنچى شەخىس، بىرلىك قوشۇمچىلىرىنى قوشۇشقا توغرا كەلگەندە، «سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ لەۋ ھالىتى ۋە تىل ئورنى جەھەتتىن ماسلىشىش قانۇنىيىتى» ئاساسىدا، ئەسلى سۆز تومۇرىدىكى سوزۇق تاۋۇش «ۆ»گە مۇناسىپ تىل ئالدى، لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن «ۈم» شەكلى قوشۇلىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ماۋزۇدىكى ئاۋۇ بىرىنچى شەخىس، بىرلىك شەكلىدە كەلگەن ئۆزلۈك ئالمىشى «ئۆزەم» ئەمەس، بەلكى «ئۆزۈم» دەپ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭغا يۆنىلىش كېلىش قوشۇمچىسى قوشۇلغاندىن كېيىن «ئۆزەمگە» ئەمەس، «ئۆزۈمگە» دەپ يېزىلسا توغرا بولىدۇ.

باھا سۆز

تۈزىتىش بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.  ۋاقتى: 2016-3-26 12:37 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش