يۇرتۇمدا نورۇز
قوياش چىقتى نازلىنىپ قىزدەك،
تەبىيئەتنىڭ لېۋىنى سۆيۈپ ،
مۇھاببەببەتنىڭ ھارارىتىدە ،
كەتتى زىمىن چەكسىز بىخ سۈرۈپ.
كېچە بىلەن كۈندۈز سۆيۈشتى ،
تەڭ سۆيگۈدە تاتلىق كۈلۈشتى.
شامىلىدا ئايرىلىپ تاڭنىڭ ،
سەپىرىدە خىيال سۈرۈشتى.
كۆكلەم بولدى ئۇ چۈشكەن دەڭلەر،
چىكىسىگە قىستۇرۇپ چېچەك.
ئۇسۇل ئويناپ چايقىلار دەريا ،
شوخ بۇژغۇندىن تاقىشىپ بىزەك..
بوي تارتىشىپ قالدى چوققىلار،
ئاكا بولدى ئەمدى ئۇكىلار.
توققۇز خۇرۇچ نوۋرۇز ئېشىنىڭ ،
سۆيگۈسىگە باغرىم يېرىلار.
باھار پۇراپ كەلدى لېگەندە،
چۆچۈرىسى ئانام خېنىمنىڭ،
ئالدىرىدى نەپسى خۇمارىم ،
ئات بەيگىدە چېپىپ جېنىمنىڭ.
ئېتىزىدا قاينىغان ھايات،
سۇنغان قوشقار مۈڭگۈزى قارام.
قالدى تۆت تال پېيىدە خوراز ،
جەڭگاھىدا بولاي دەپ يارام.
دارۋاز ئوينار ئۈچ ياشلىق ئوماق،
قىلىچ ئويناپ كېلىدۇ بوۋاي .
ئوسمىسىدا كۆپكۆك پارقىراپ ،
پىچىرلايدۇ چۆچەكچى موماي.
بوستان چاچلىق قوشىقى بۇلاق ،
يىگىت ئاڭا ئېتىشتى تۇماق.
گۈلخان چۆگلەپ مۇقام ئەۋجىدە،
ئارقىسىدىن سېلىشتى «چوماق».
2016-يىلى 21-مارت،ئاتۇش
|