يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 143|ئىنكاس: 0

پەرىدە ئىسمايىل مېھرى: يۇرتۇمدا نورۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يۇرتۇمدا نورۇز

قوياش چىقتى نازلىنىپ قىزدەك،
تەبىيئەتنىڭ لېۋىنى سۆيۈپ ،
مۇھاببەببەتنىڭ   ھارارىتىدە ،
كەتتى  زىمىن چەكسىز بىخ سۈرۈپ.

كېچە بىلەن كۈندۈز سۆيۈشتى ،
تەڭ سۆيگۈدە تاتلىق كۈلۈشتى.
شامىلىدا ئايرىلىپ تاڭنىڭ ،
سەپىرىدە خىيال سۈرۈشتى.

كۆكلەم بولدى ئۇ چۈشكەن دەڭلەر،
چىكىسىگە قىستۇرۇپ چېچەك.
ئۇسۇل ئويناپ  چايقىلار دەريا ،
شوخ بۇژغۇندىن   تاقىشىپ  بىزەك..

بوي تارتىشىپ قالدى چوققىلار،
ئاكا بولدى ئەمدى  ئۇكىلار.
توققۇز خۇرۇچ نوۋرۇز ئېشىنىڭ  ،
سۆيگۈسىگە باغرىم يېرىلار.

باھار پۇراپ كەلدى لېگەندە،
چۆچۈرىسى ئانام خېنىمنىڭ،
ئالدىرىدى نەپسى خۇمارىم ،
ئات بەيگىدە  چېپىپ جېنىمنىڭ.

ئېتىزىدا قاينىغان ھايات،
سۇنغان قوشقار مۈڭگۈزى قارام.
قالدى تۆت تال پېيىدە خوراز ،
جەڭگاھىدا بولاي دەپ يارام.

دارۋاز ئوينار  ئۈچ ياشلىق ئوماق،
قىلىچ ئويناپ كېلىدۇ بوۋاي .
ئوسمىسىدا  كۆپكۆك پارقىراپ ،
پىچىرلايدۇ   چۆچەكچى موماي.


بوستان چاچلىق   قوشىقى بۇلاق  ،
يىگىت ئاڭا   ئېتىشتى  تۇماق.
گۈلخان چۆگلەپ مۇقام ئەۋجىدە،
ئارقىسىدىن سېلىشتى   «چوماق».

2016-يىلى 21-مارت،ئاتۇش

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش