ئىللىق باھارىم
گۈلنىسا ئىمامنىياز
يىتىپ كەلدىڭ شامالغا مىنىپ،
تىنىقىڭدىن ئىللىدى جاھان.
بىخ سۈرمەكتە ئېتىز-قىرلاردا ،
يېشىل ھايات يېشىل ھاياجان.
ئاقتى ئېرىپ شەربەتتەك قار-مۇز،
ئېتىزلىقنىڭ تومۇرلىرىغا.
كۈلۈشمەكتە ئېرىق-ئۆستەڭلەر،
چۆمدى ئەتراپ ئىزگۈ ئارمانغا.
قوغلىۋەتتىڭ تەسكەيلەردىكى،
قاپاق تۈرگەن سوغۇق ئايازنى.
مىھرىڭ بىلەن باستىڭ باغرىڭغا،
تترەپ تۇرغان قاخشال شاخلارنى.
يىتىپ كەلدىڭ ئىللىق باھارىم،
تەرلەپ كەتتى يەرنىڭ ماڭلىيى.
تارتىۋالدى كۈننى سۆرەتكە،
سەھەر سۆيگەن دىھقان كەتمىنى.
ئىزدەپ يۈرەر قىزلار تۆت قۇلاق،
يالپۇز ھىدى چاچتى خۇشپۇراق.
سۇ لىۋىگە سۆيدى مەجنۇنتال،
ھاياجاندىن ئوخچۇدى بۇلاق.
|