يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 3

گۈلنىسا ئىنامنىياز:ئىللىق باھارىم.

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    ئىللىق باھارىم
  
گۈلنىسا ئىمامنىياز

يىتىپ كەلدىڭ شامالغا مىنىپ،
تىنىقىڭدىن ئىللىدى جاھان.
بىخ سۈرمەكتە ئېتىز-قىرلاردا ،
يېشىل ھايات يېشىل ھاياجان.

ئاقتى ئېرىپ شەربەتتەك قار-مۇز،
ئېتىزلىقنىڭ تومۇرلىرىغا.
كۈلۈشمەكتە ئېرىق-ئۆستەڭلەر،
چۆمدى ئەتراپ ئىزگۈ ئارمانغا.

قوغلىۋەتتىڭ تەسكەيلەردىكى،
قاپاق تۈرگەن سوغۇق ئايازنى.
مىھرىڭ بىلەن باستىڭ باغرىڭغا،
تترەپ تۇرغان قاخشال شاخلارنى.

يىتىپ كەلدىڭ ئىللىق باھارىم،
تەرلەپ كەتتى يەرنىڭ ماڭلىيى.
تارتىۋالدى كۈننى سۆرەتكە،
سەھەر سۆيگەن دىھقان كەتمىنى.

ئىزدەپ يۈرەر قىزلار تۆت قۇلاق،
يالپۇز ھىدى چاچتى خۇشپۇراق.
سۇ لىۋىگە سۆيدى مەجنۇنتال،
ھاياجاندىن ئوخچۇدى بۇلاق.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 14:06:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاردىكى ئ‍ىلھاملىرىڭىز ئ‍ۈزۈلمىگەي! تەكلىپىم: تېمىدىكى فامىلىڭىزدا ھەرپ ئ‍المىشىپ قاپتۇ، مومكىن بولسا تۈزىتىۋىلىڭ!

ۋاقتى: 2016-3-21 23:20:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەرزىڭىز ئادا بولدى، بۇ شېئىرىڭىزغا نورۇزلۇق سالام!

ۋاقتى: 2016-3-22 10:02:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىتىپ كەلدىڭ ئىللىق باھارىم،
تەرلەپ كەتتى يەرنىڭ ماڭلىيى.
تارتىۋالدى كۈننى سۆرەتكە،
سەھەر سۆيگەن دىھقان كەتمىنى.

بۇ چىرايلىق بەددىي ئىپادلەشلەرنى مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن بىر دېھقان ئايال يازدى دېسە تالايلا ئىشەنمەس ئەمما سىزدىكى تىرىشچانلىق كىتاپ خۇمارلىغى سىزنى ھامان بىر يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرىدۇ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش