باھار پەسلى
(مۇۋەششەھ)
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكران
باھار كەلدى! ئانا يەر سۈيۈپ ئالدى باھارىنى.
ئاچتى كۆز،بىخ ، مايسىلار... كۆلدۈرۈپ ناھارىنى.
ھەرتامان گۈلگۈن چېچەكلەر ناز بىلەن ئەمبەرلىنىپ،
ئاشىقى گۈل ، خۇش نەپەستە ئەيلىدى ئىزھارىنى.
رەت بىلەن چۈشتى ئۇسۇلغا ئەۋرىشىم مەجنۇن تېلى،
پەيزىدە مەستخۇش سابا شوخ چالسا كۈي ساتارىنى.
ئەركىلەپ ئويناقشىغان مۇز لەرزىدە سۆيگۈ بايان،
سۆيگۈسى ياقتى جىمىگە قاندۇرۇپ خۇمارىنى.
لەيلىشىپ قۇشلار سامادا ،گۈل باھارنىڭ ھۆسنىگە-
ئىشقى يار سايرىدى خەندان تىترىتىپ دىلتارىنى....
|