يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 1

شۈكران :باھار پەسلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   باھار پەسلى
(مۇۋەششەھ)

زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكران


باھار كەلدى! ئ‍انا يەر سۈيۈپ ئ‍الدى باھارىنى.
ئ‍اچتى كۆز،بىخ ، مايسىلار... كۆلدۈرۈپ  ناھارىنى.

ھەرتامان گۈلگۈن چېچەكلەر ناز بىلەن ئ‍ەمبەرلىنىپ،
ئ‍اشىقى گۈل ، خۇش نەپەستە ئ‍ەيلىدى ئ‍ىزھارىنى.

رەت بىلەن چۈشتى ئ‍ۇسۇلغا ئەۋرىشىم مەجنۇن تېلى،
پەيزىدە مەستخۇش سابا شوخ چالسا كۈي ساتارىنى.

ئ‍ەركىلەپ ئ‍ويناقشىغان مۇز لەرزىدە سۆيگۈ بايان،
سۆيگۈسى ياقتى جىمىگە قاندۇرۇپ خۇمارىنى.

لەيلىشىپ قۇشلار سامادا ،گۈل باھارنىڭ ھۆسنىگە-
ئ‍ىشقى يار سايرىدى خەندان تىترىتىپ دىلتارىنى....

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 11:11:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلېفوندا يېزىلغان بولغاچقا ئ‍ىملادا خاتالىق كۆرۈلۈپ قاپتۇ .  سۈيۈپ-سۆيۈپ ، ،كۆلدۈرۈپ-كۈلدۈرۈپ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش