قەدەم ئېلىپ كەلدى نورۇزۇم
ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم
يىل بېشىدا ياشارغان قوياش ،
مايسىلارنى ئويغاتتى ئاستا .
قەدەم ئېلىپ كەلدى نورۇزۇم ،
كائىناتقا جان بىرىپ قايتا .
چېچەكلەرنىڭ ھالرەڭ لېۋىدە ،
بۇلدۇقلايدۇ بىر ئىزگۈ تىلەك .
مەجنۇنتالنىڭ سۇمبول چېچىدىن ،
قارلىغاچلار ياسار چەمبىرەك .
پىچىرلىدى باھار يامغۇرى ،
ئېرىقلاردا تاشتى ھاياجان .
لاپلا قىلىپ ئاچتى كۆزىنى ،
ئۇيقۇدىكى بارچە يېڭى جان .
ھويلا-ئارام يۇيۇندى پاكىز ،
تاراندى ھەم باغنىڭ چۆرسى .
بەرىكەتتىن بەردى بىشارەت ،
ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى .
داستىخان مول ، قاينىدى قازان ،
تەنگە ھوزۇر نورۇزنىڭ ئېشى .
ئۆملۈك دېدى بارچە مەۋجۇدات ،
ئاداۋەتكە تىغ ئۇرسۇن كىشى .
ئۈگۈتلىرى تاتلىق بوۋىلار ،
پېقىرلارنى يوقلايدۇ ئاۋال.
مۇھەببەتتىن يېتىم-يېسىرغا ،
زاكات ئايرىپ بىرىدۇ پائال .
مۇقاملارنىڭ مۇڭلۇق كۈيىدە ،
بېھوش بولدى تارىم ، زەرەپشان .
ساما سالسا يىگىتلەر مەغرۇر ،
ئېرىپ كەتتى ھەتتا زىمىستان .
ھۆسىن قوشتى لىۋەن قىزلارغا ،
چىمەن دوپپا ، ئەتلەس كۆينىكى .
ئېچىلماقتا ئۇنىڭ نازىدا ،
ھاياتلىقنىڭ يېڭى كۆزنىكى .
كەتمىنىدە دېھقان ئاتامنىڭ ،
تۇغۇلماقتا ئەڭ گۈزەل ئارمان .
چېچىلماقتا ئۈمىد ئۇرۇقى ،
يىل بېشىدا كۈۋەجەپ دەرمان .
ئۆم-ئىناقلىق شادلىق كۈيىدە ،
گۈزەللىكنى سىزدى بۇ ئالەم .
مۇھەببەتنى تۇغدى ئەسلىدە ،
خاسىيەتلىك ، ئەڭ ئۇلۇغ ئايەم .
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى
|