يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 301|ئىنكاس: 2

ئارزۇگۈل ھۈسەن: قەدەم ئېلىپ كەلدى نورۇزۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قەدەم ئېلىپ كەلدى نورۇزۇم


ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم

يىل بېشىدا ياشارغان قوياش ،
مايسىلارنى ئويغاتتى ئاستا .
قەدەم ئېلىپ كەلدى نورۇزۇم ،
كائىناتقا جان بىرىپ قايتا .


چېچەكلەرنىڭ ھالرەڭ لېۋىدە ،
بۇلدۇقلايدۇ بىر ئىزگۈ تىلەك .
مەجنۇنتالنىڭ سۇمبول چېچىدىن ،
قارلىغاچلار ياسار چەمبىرەك .


پىچىرلىدى باھار يامغۇرى ،
ئېرىقلاردا تاشتى ھاياجان .
لاپلا قىلىپ ئاچتى كۆزىنى ،
ئۇيقۇدىكى بارچە يېڭى جان .


ھويلا-ئارام يۇيۇندى پاكىز ،
تاراندى ھەم باغنىڭ چۆرسى .
بەرىكەتتىن بەردى بىشارەت ،
ئانام ئەتكەن كۆك چۆچۈرىسى .


داستىخان مول ، قاينىدى قازان ،
تەنگە ھوزۇر نورۇزنىڭ ئېشى .
ئۆملۈك دېدى بارچە مەۋجۇدات ،
ئاداۋەتكە تىغ ئۇرسۇن كىشى .


ئۈگۈتلىرى تاتلىق بوۋىلار ،
پېقىرلارنى يوقلايدۇ  ئاۋال.
مۇھەببەتتىن يېتىم-يېسىرغا ،
زاكات ئايرىپ بىرىدۇ پائال .
        

مۇقاملارنىڭ مۇڭلۇق كۈيىدە ،
بېھوش بولدى تارىم ، زەرەپشان .
ساما سالسا يىگىتلەر مەغرۇر ،
ئېرىپ كەتتى ھەتتا زىمىستان .

ھۆسىن قوشتى لىۋەن قىزلارغا ،
چىمەن دوپپا ، ئەتلەس كۆينىكى .
ئېچىلماقتا   ئۇنىڭ   نازىدا ،
ھاياتلىقنىڭ   يېڭى   كۆزنىكى .


كەتمىنىدە دېھقان ئاتامنىڭ ،
تۇغۇلماقتا ئەڭ گۈزەل ئارمان .
چېچىلماقتا ئۈمىد ئۇرۇقى ،
يىل بېشىدا كۈۋەجەپ دەرمان .


ئۆم-ئىناقلىق شادلىق كۈيىدە ،
گۈزەللىكنى سىزدى بۇ   ئالەم .
مۇھەببەتنى تۇغدى ئەسلىدە ،
خاسىيەتلىك  ، ئەڭ ئۇلۇغ ئايەم .


2016-يىلى  3-ئاينىڭ 20-كۈنى




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 01:45:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇرۇزنامە تۇلىمۇ يېقىملىق چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-21 11:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يازما

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش