يادلار سېنى « نۇرلۇق قەلىبلەر»
-ئاتاقلىق يازغۇچى سەمەت دۇگايلى خاتىرسىگە
ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
قۇربان بارات كۆز يۇمغان كۈنى،
يېرىلغانمۇ يۈرىكىڭ ئۇستاز.
كېتىپ قالدىڭ،سۆيگىچە قېنىپ
چېكىسىگە چېچەك قىسقان ياز.
ياشىغانتىڭ شۇنچە مەردانە،
ئادەملەرگە گۈزەللىك ئىزدەپ.
قەھرىڭ بىلەن چېقىپ << پاسىل>>(1)*نى،
روھىمىزنى چىققانتىڭ بىزەپ.
يالتىرايىتتى << قۇمۇش پوپۇكى>>(2)*،
<< ئېقىن >>(3)* باشلاپ كەلسەڭ قەشقەرگە.
چۈشلىرىڭگە كىرسە << گۈلئايىم>>(4)*،
قۇچىقىڭنى ئاچقان سەھەرگە.
سوقسا گاھى ھايات شامىلى،
چاپقان كىشنەپ تۈندە قەلىمىڭ.
بايلىق ئىدى ساڭا بىباھا،
بۇ دۇنيادىن تاپقان ئەلىمىڭ.
ئەمدىكۆزۈڭ ئۆچسىمۇ ئۈنسىز،
<< يەتتە يىللا>>(5)* مىراستۇر ئەلگە.
يادلار سېنى<< نۇرلۇق قەلىبلەر>>(6)*،
تاشلانسىمۇ يۈرىكى سەلگە.
( ئىزاھات: *بەلگىسى قويۇلغانلىرى مەرھۇمنىڭ شۇ ناملىق ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ )
2016-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 19-كۈنى،گۇما.
|