كۆرۈش: 280|ئىنكاس: 7

بەگتۈرك: يادلار سېنى « نۇرلۇق قەلىبلەر»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يادلار سېنى « نۇرلۇق قەلىبلەر»

-ئاتاقلىق يازغۇچى سەمەت دۇگايلى خاتىرسىگە

  ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك  

قۇربان بارات كۆز يۇمغان كۈنى،  
يېرىلغانمۇ يۈرىكىڭ ئۇستاز.
كېتىپ قالدىڭ،سۆيگىچە قېنىپ   
چېكىسىگە چېچەك قىسقان ياز.

ياشىغانتىڭ شۇنچە مەردانە،
ئادەملەرگە گۈزەللىك ئىزدەپ.
قەھرىڭ بىلەن چېقىپ << پاسىل>>(1)*نى،
روھىمىزنى چىققانتىڭ بىزەپ.

يالتىرايىتتى << قۇمۇش پوپۇكى>>(2)*،
<< ئېقىن >>(3)* باشلاپ كەلسەڭ قەشقەرگە.
چۈشلىرىڭگە كىرسە << گۈلئايىم>>(4)*،
قۇچىقىڭنى ئاچقان سەھەرگە.

سوقسا گاھى ھايات شامىلى،
چاپقان كىشنەپ تۈندە قەلىمىڭ.
بايلىق ئىدى ساڭا بىباھا،
بۇ دۇنيادىن تاپقان ئەلىمىڭ.

ئەمدىكۆزۈڭ ئۆچسىمۇ ئۈنسىز،
<< يەتتە يىللا>>(5)* مىراستۇر ئەلگە.
يادلار سېنى<< نۇرلۇق قەلىبلەر>>(6)*،
تاشلانسىمۇ يۈرىكى سەلگە.  


( ئىزاھات: *بەلگىسى قويۇلغانلىرى مەرھۇمنىڭ شۇ ناملىق ئەسەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ )

2016-يىلى نورۇز ئېيىنىڭ 19-كۈنى،گۇما.


باھا سۆز

قەلىبلەر-قەلبلەر...ياخشى يېزىپسىز، دوستۇم...ئېسىللارغا ئېسىل باھا يارىشار.  ۋاقتى: 2016-3-20 07:37 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 11:52:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم بەگتۈرك مۇئەللىم، شېئىرىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم.دىمىسىمۇ ئ‍ىككى ئ‍ۇستاز ئ‍ەدىبنىڭ ۋاپاتى ئ‍ۇيغۇر ئ‍ەدەبىياتى ئ‍ۈچۈن زور يوقىتىش بولدى.قەلىمىڭىزگە نۇران مەنزىللەر نېسىپ بولغاي!

ۋاقتى: 2016-3-20 11:57:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4-كۇبلىت 1-مىسرادىكى «ھايات شامىلى» مۇ مەرھۇمنىڭ ئ‍ەسىرىنىڭ ئ‍ىسمىغۇ دەيمەن!

ۋاقتى: 2016-3-20 17:50:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن مۇئەللىم ،ئەسىرىڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ.دېمىسىمۇ بۇ يىل،يىل كىرىپ بولغۇچە  نۇرغۇن داڭلىقلىرىمىز ئارقا-ئارقىدىن كېتىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-20 20:00:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازابلىق قەلبنىڭ ۋايىغا يەتكەن باياناتى....

ۋاقتى: 2016-3-20 20:08:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇ بۈيۈك زاتنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇغان، بىر قانچە قېتىم دىدارىي مۇلاقەتتە بولغانىدىم. بىر پيالە چاي قۇيۇپ، قايتا سۆھبەت قۇرغۇچە كېتىپ قاپتۇ. ئۇنى بىلگەنلەر ۋە ئۇنىڭ يازمىلىرىنىڭ قەدرىنى بىلگەنلەر تەرىپىدىن ھۆرمەت قەسىدىلىرى ئۈزۈلمىگەي!....

ۋاقتى: 2016-3-22 11:37:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن قەلبلەر ھەقنى سۆزلەيدۇ، بۇ مەرسىيلەر يۈرەككە تەگدى...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش