يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 194|ئىنكاس: 2

شۈكران :جانان قىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
         جانان قىز
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكران

كۆزۈڭ چولپان پارلىغان سەھەر ،
مەڭزىڭ قىزىل تونۇردا گىردە.
زىناقلىرڭ دەريادا قاينام،
بىردە كۈلۈپ قېيدىساڭ بىردە.

تەبەسۇمدا مۆلدۈردەك زىيا-
چاچرىتىدۇ چىشلىرىڭ ئ‍ۈنچە.
ئ‍وراپ ئ‍الار پىنھانغا شۇئان،
ئ‍الۇچا رەڭ لەۋلىرىڭ غۇنچە.

قاپقارا قاش مىسلى جۇپ كامان،
كىرپىكلىرىڭ كىرىچتە يا ئ‍وق.
ئ‍ۇز نىگاھىڭ ھالال جۈپتىڭگە،
ئ‍اتا قىلار ئ‍الامچە خۇش،زوق.

لال قىلىدۇ زىبالىق بويۇڭ،
ھەركەتلىرىڭ كىيىكتەك ئ‍ۇماق.
قاراساچقا سۇمبۇل رەشكتە،
شوخ كۈلكىلەر كۆمۈش قوڭغىراق.

شەرمى-ھايا ھۆسنىڭگە بېزەك،
خۇلقىڭدا خاس سۆيگۈ لاتاپەت.
مەئىشەتتە ھاياتىڭ مەزمۇن،
ياغۇربەتتە بايلىق قانائەت.

14-مارت

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 00:25:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانان قىزنى تاتلىق، گۈزەل تىللار بىلەن سۈپەتلەپسىز! تىلغا ھەقىقەتەن بايكەنسىز! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 01:09:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمنىڭ ئىلھامى قەلىمىمگە
قۇۋۋەت ئ‍اتا قىلغۇسى!!رەھمەت

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش