جانان قىز
زۇنۇنجان مەمتىمىن شۈكران
كۆزۈڭ چولپان پارلىغان سەھەر ،
مەڭزىڭ قىزىل تونۇردا گىردە.
زىناقلىرڭ دەريادا قاينام،
بىردە كۈلۈپ قېيدىساڭ بىردە.
تەبەسۇمدا مۆلدۈردەك زىيا-
چاچرىتىدۇ چىشلىرىڭ ئۈنچە.
ئوراپ ئالار پىنھانغا شۇئان،
ئالۇچا رەڭ لەۋلىرىڭ غۇنچە.
قاپقارا قاش مىسلى جۇپ كامان،
كىرپىكلىرىڭ كىرىچتە يا ئوق.
ئۇز نىگاھىڭ ھالال جۈپتىڭگە،
ئاتا قىلار ئالامچە خۇش،زوق.
لال قىلىدۇ زىبالىق بويۇڭ،
ھەركەتلىرىڭ كىيىكتەك ئۇماق.
قاراساچقا سۇمبۇل رەشكتە،
شوخ كۈلكىلەر كۆمۈش قوڭغىراق.
شەرمى-ھايا ھۆسنىڭگە بېزەك،
خۇلقىڭدا خاس سۆيگۈ لاتاپەت.
مەئىشەتتە ھاياتىڭ مەزمۇن،
ياغۇربەتتە بايلىق قانائەت.
14-مارت
|