يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 362|ئىنكاس: 9

يەھيا يۇسۇف: مەرھابا نورۇز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەرھابا نورۇز

يەھيا يۇسۇف

كەل-كەل نورۇز مەرھابا!
باھارىمغا سەن سابا.
سەندە كۈلدى گۈل-بېغىم،
جىلۋە قىلار گۈل زىبا.

سەن تارىمدا، ئىلىدا،
مېھىر باردۇر يېنىڭدا.
سەن قەشقەردە، خوتەندە،
خۇش-ناۋالەر بېغىڭدا.

سېنىڭ بىرلە بۇ ئالەم،
لىباس كىيدى ياپيېشىل.
قار-مۇزلارمۇ ئېرىدى،
زېمىن كۈلدى زەپ ئېسىل.

بېدىلەرمۇ كۆكەردى،
ئېتىز يېشىل پايانداز.
قىزلار ئېتەر چۆچۈرە،
چېۋەرلىكتە چەۋەنداز.

باھار چەكتى ئىشىكنى،
سېنىڭ قۇتلۇق كۈنۈڭدە.
مېھىر چەكتى يۈرەكنى،
سېنىڭ قۇتلۇق كۈنۈڭدە.

ئېتىز كۈلدى، دالىلار،
نورۇز كەلدى دەپ ئاڭلاپ.
كەتمەنلەرمۇ يالتىرار،
ئېتىزلارغا ئالدىراپ.

قۇشلار كەلدى جەنۇبتىن،
«ئانا نورۇز» كەلدى دەپ.
سايرىشىدۇ بەس-بەستە،
«نورۇز مېھىر بەردى» دەپ.

نورۇز: «بەردىم ھەممىگە،
يېڭى يۈرەك سۆيۈنچە.
مېھىر بېرىپ ئۆزئارا،
ياشا ئىنسان كەتكۈچە.»

«ئامۇ دەريا، سىر دەريا،
ئېدىل، تارىم ۋە ئەجەم.
نەۋرۇزۇڭغا مۇبارەك!»
دەپ تۈگەتتى بۇ قەلەم.

                           2016-يىل 19-مارت

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 02:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلگۈسى نورۇز بايرىمىڭزغا مۇبارەك بولسۇن !

باھا سۆز

بىرگە بولسۇن قېرىندىشىم!  ۋاقتى: 2016-3-20 11:55 AM
بىرگە بولسۇن قېرىندىشىم!  ۋاقتى: 2016-3-20 11:55 AM
ۋاقتى: 2016-3-20 07:10:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپىرىن.

باھا سۆز

فونتاننىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغىنىغا تەشەككۈر!!!  ۋاقتى: 2016-3-20 11:57 AM
ۋاقتى: 2016-3-20 12:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇزنى خېلى ئەتراپلىق سۈرەتلەپ بېرىپسىز.مۇبارەك بولسۇن ئىنىم!!

باھا سۆز

بۇندىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا تىرىشىمەن!!!  ۋاقتى: 2016-3-20 12:30 PM
ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت ئاتا قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت! ئۈمىدجان ئاكا!  ۋاقتى: 2016-3-20 12:29 PM
ئۆزۈمگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا بەك ئاددىي يېزىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم.  ۋاقتى: 2016-3-20 12:27 PM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش