مەرھابا نورۇز
يەھيا يۇسۇف
كەل-كەل نورۇز مەرھابا!
باھارىمغا سەن سابا.
سەندە كۈلدى گۈل-بېغىم،
جىلۋە قىلار گۈل زىبا.
سەن تارىمدا، ئىلىدا،
مېھىر باردۇر يېنىڭدا.
سەن قەشقەردە، خوتەندە،
خۇش-ناۋالەر بېغىڭدا.
سېنىڭ بىرلە بۇ ئالەم،
لىباس كىيدى ياپيېشىل.
قار-مۇزلارمۇ ئېرىدى،
زېمىن كۈلدى زەپ ئېسىل.
بېدىلەرمۇ كۆكەردى،
ئېتىز يېشىل پايانداز.
قىزلار ئېتەر چۆچۈرە،
چېۋەرلىكتە چەۋەنداز.
باھار چەكتى ئىشىكنى،
سېنىڭ قۇتلۇق كۈنۈڭدە.
مېھىر چەكتى يۈرەكنى،
سېنىڭ قۇتلۇق كۈنۈڭدە.
ئېتىز كۈلدى، دالىلار،
نورۇز كەلدى دەپ ئاڭلاپ.
كەتمەنلەرمۇ يالتىرار،
ئېتىزلارغا ئالدىراپ.
قۇشلار كەلدى جەنۇبتىن،
«ئانا نورۇز» كەلدى دەپ.
سايرىشىدۇ بەس-بەستە،
«نورۇز مېھىر بەردى» دەپ.
نورۇز: «بەردىم ھەممىگە،
يېڭى يۈرەك سۆيۈنچە.
مېھىر بېرىپ ئۆزئارا،
ياشا ئىنسان كەتكۈچە.»
«ئامۇ دەريا، سىر دەريا،
ئېدىل، تارىم ۋە ئەجەم.
نەۋرۇزۇڭغا مۇبارەك!»
دەپ تۈگەتتى بۇ قەلەم.
2016-يىل 19-مارت
|