يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 11

ئەدىھەم: نورۇز كەلدى قاراڭلار، سەپ تارتىشىپ كېلىڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نورۇز كەلدى قاراڭلار سەپ تارتىشىپ كېلىڭلار

ئەدىھەم ئىبراھىم

نورۇز كەلدى قاراڭلار سەپ تارتىشىپ كېلىڭلار،
يۆلەك بولۇپ چوڭلارغا ھەمكارلىشىپ كېلىڭلار،
بوۋاي-موماي،قىز-ئوغۇل ئەھۋاللىشىپ كېلىڭلار،
قول تۇتۇشۇپ ئەر-ئايال قاترلىشىپ كېلىڭلار،
كېيىپ ئەتلەس شاھى تون ھاي-ھايلىشىپ كېلىڭلار،

يەتتە ئۆيدىن يەتتە خىل خۇرۇچ يىغىپ ئاتىلار،
نورۇز ئېشى ئېتىپتۇ داشتا چېلىپ ئانىلار ،
پۇراپ ئېلىپ كۆك ھېدىن مۆرىگەندەك كالىلار،
داش قازاننىڭ بېشىدا ئەركىلىشەر بالىلار،
قىر-قىرلاردىن نورۇزغا ئات چېپىشىپ كېلىڭلار.

بالىلىرى ئەقىللىق ئوقۇپ ئىگىز ئۆرلەيدۇ،
ئوغۇل-قىزلىرى ئىشچان،ھەممە ماختاپ گۈل دەيدۇ،
شائىرلىرى چوغ بولۇپ سەھراھىنى كۈيلەيدۇ،
ناخشا،چاقچاق،سازلىرى يۈكسەكلەردە ئۈنلەيدۇ،
چېلىپ نورۇز سازىنى جاراڭلىتىپ كېلىڭلار.

بازىرى بار‹‹دۈشەنبە››بەرىكەتلىك،جەلىپكار،
باغلىرى بار بوستانىق،گۈل-چېچەكلىك جىلۋىدار،
تاغلىرى بار ياپيېشىل،بەكمۇ كۆركەم جەزبىدار،
مەرىپەتنىڭ مەشئىلى مەكتەپلىرى ئەلگە يار،
كۆرگۈلى گۈل يېزامنى گەپ تارىتىپ كېلىڭلار.

زاۋۇتىدۇر پاراڭنىڭ –تارانچىلار ماكانى،
جانباي،بايان، باينەزەر پاراڭچىلار خاقانى،
مەينۇن،بايىدىن،شاشىدىن قىزىقچىلار چولپانى،
بۇرام تەمبۇر ئىزىدىن كەلدى ئەدھەم سۇلتانى،
شاتلىقىغا نورۇزنىڭ رەت تارتىشىپ كېلىڭلار.

سەلتەنەتلىك تارىخىڭ خىياللىرى مۇڭلۇقتۇر،
خارەبىلەر سۆزلەيدۇ‹‹شاھ-سۇلتۇنۇم تۇغلۇقتۇر،››
بابارەھىم،شاھ مەشرەپ چوغ ئۈستىدە چوغلۇقتۇر،
ئولۇغلارنىڭ ئىزى بار مازارلىرى ئولۇغدۇر،
ئەسلىرىدە تارىخنىڭ ئىزھارلىشىپ كېلىڭلار.

مۇختار ھاجى قاينۇقنىڭ تارىخىنى تۇرغۇزغان،
مەشۇر موللام يېڭىچە مەكتەپلەرگە ئۇل سالغان،
تۇغۇت ئانىمىز بولغان بوزرۇك ئانا زۇلەيخان،
ئارىۋاخۇن،جانكاملار ئەلنىڭ خىزمىتىن قىلغان،
روھى بىلەن ئۇلارنىڭ قۇچاغلىشىپ كېلىڭلار.

‹‹قاينۇق قەدىم شەھىرى››-ئالتۇنلىقى بار يەنە،
‹‹دۆگۈلەك،سوزۇق سېپىلى››يالقۇنلىقى بار يەنە،
قەدىم قاپاق تېرىكى سالقىنلىقى بار يەنە،
سوغۇق بۇلاق سۈيىنىڭ مەپتۇنلىقى بار يەنە،
كۈيلىرىنى دەۋىرنىڭ بەك ياڭرىتىپ كېلىڭلار.

دېھقانلىرى ئەمگەكچان توشار قىش-ياز دان-سامان،
ئاياللىرى بەك چېچەن ئۆي بېساتى گۈل چەندان،
بۇلبۇللىرى سايرايدۇ باغلاردا ئۇرۇپ خەندان،
شۇڭا دەيمەن قاينۇقتا كۈندە بولغىلى مېھمان،
تۆھپىكارلار شەنىگە گۈل تارقىتىپ كېلىڭلار.

ئېتىزلارغا ئاقماقتا يېڭى ئۆستەڭ سۇلىرى،
قارىمايلاشقان ئەينەكتەك يېزا-كەنىت يوللىرى،
سارايلەردەك ياسالغان دېھقىنىمنىڭ ئۆيلىرى،
ئەل-ئاۋامنى باي قىلغان زاراڭزىنىڭ گۈللىرى،
شۇڭا گۈزەل يېزامغا توي تارتىشىپ كېلىڭلار.

نورۇز گۈلى ئېچىلدى،كەلگىنى گۈل باھاردۇر،
يەڭدىن قولىمىز چىقتى،ئۆيدىن ياخشى تالادۇر،
بىخ يارماقتا تېرەكلەر،ئەمدى چوكان جالادۇر،
دېھقان ئاكام شاتلىنىپ يەرگە ئۇرۇق سالادۇر،
ئاق نان بەرگەن خان بىلەن ئەسرارلىشىپ كېلىڭلار.

2015-يىلى18-نەۋرۇز


چاپچال ناھيە قاينۇق يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش پۇنكىتى ئەدىھەم ئىبراھىم
تىلىفۇن13999386874
察县海努克乡农经站艾迪合木江。依布拉衣木

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-19 13:15:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بىر تارىخنى شېئىرىي يول بىلەن تولىمۇ ياخشى يۇرۇتۇپ بېرىپسىز...

ۋاقتى: 2016-3-19 13:52:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇرزنىڭ ھارپىسىدا تاتلىق بىر شېئىردىن ھوزۇرلانغىنىمدىن خۇشالمەن .


نورۇز دەمدۇق ياكى نەۋرۇز دەمدۇق ؟

ۋاقتى: 2016-3-19 13:53:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېرىن1 يوللىغان ۋاقتى  2016-3-19 01:52 PM
نورۇرزنىڭ ھارپىسىدا تاتلىق بىر شېئىردىن ھوزۇرلانغىنى ...

نەۋرۇز دەيمىز

ۋاقتى: 2016-3-19 14:01:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   شېئىرىڭنى ئوقۇپ چىقتىم.ئاكاڭدىن ئاڭلىغان ئىدىم.ياخشى چىقىپتۇ.قاينۇق تارىخىنى قايتا ئەسلىگەندەك بولدۇق.رەھمەت ساڭا.
   

ۋاقتى: 2016-3-19 17:57:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        ئەدىھەم،بۇ شېئىرىڭ ئىلگىرىكى شېئىرلىرىڭغا ئانچە بەك ئوخشىمىسىمۇ،لېكىن،شېئىرىڭدا قاينۇق كەيپىياتى خېلى ياخشى ئىپادىلىنىپتۇ،تېخىمۇ كونكىرتنى ئېيتقاندا قاينۇقلۇقلارلا ئوقۇيدىغان شېئىر بولۇپتۇ...

ۋاقتى: 2016-3-19 17:59:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش




        ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدە-قانۇنىيەتلىرىگە سالغىنىمىزدا ‹‹نورۇز››دېيىشنىڭ شەرتسىز مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز...

ۋاقتى: 2016-3-19 20:30:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قاينۇق قەدىم شەھىرى››-ئالتۇنلىقى بار يەنە،
‹‹دۆگۈلەك،سوزۇق سېپىلى››يالقۇنلىقى بار يەنە...

...
خالىدە سورىغان ئىدى. دەرھال يوللاڭ !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 10:33:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسالامۇ ئەلەيكۈم ئېزىزلەر،ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىغا موبارەك بولسۇن!...
بۇ شېئىرىمغا ياخشى باھا-پىكىرلەرنى بەرگەن دوستلارغا چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن!....

ۋاقتى: 2016-3-21 10:58:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردا ئادەمنى ئويلاندۈرىدىغان نەرسە يوق ئىككەن .بۇنداق شېئىرلارنى ھەرقانداق ئادەم يېزىپ چىقالايدۇ ...

ۋاقتى: 2016-3-22 10:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹قاينۇق قەدىم شەھىرى››گە بىرلەشتۈرۈپ قاينۇق تارىخىدىكى شەخىس ۋە ئەھمىيەتلىك ۋەقەلەرنى نورۇزدىن ئىبارەت بىر يىپقا مارجان قىلىپ ئۆتكۈزۈپسىز .سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ئۇكام!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-22 13:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز كاپتان،بىز ھەممىلا شېئىرنى ئادەملەرنى ئويلاندۇرۇش ئۈچۈن يازمايمىز.شېئىرنىڭمۇ ئۇنداق ۋەزىپىسى يوق.بەزى شېئىرلاردا تەبىئەت كۈيلىنىدۇ،بەزى شېئىرلاردا تارىخ ئەسلىنىدۇ،بەزى شېئىرلاردا كەلگۈسىگە ئىنتىلىش ئىپادىلىنىدۇ،يەنە بەزى شېئىرلاردا  رىئال دۇنياغا قارىتا شائىرنىڭ ئىچكى ھېسياتى ئىپادىلىنىدۇ.شۇڭا ھەممىلا شېئىرنى ئادەملەرنى ئويلاندۇردىغان بولسۇن دىيەلمەيمىز.بەزى شېئىرلار كىشىلەرنى رىئال مەسىلىلەر ھەققىدە ئويلاندۇرسا،بەزى شېئىرلار كىشىلەرگە دەل ۋاقتىدا تەسىر قىلىپ ھاياجانلاندۇرىدۇ.مېنىڭ بۇ شېئىرىمغىمۇ قويۇق يۇرت مۇھەببىتى سىڭگەن بولۇپ،كىشىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇش تىپىدىكى شئىېر تۈرىگە كىرىدۇ.بۇ شېئىرنى نورۇز كۈنى ئوقۇپ بەرگىنىمدە نۇرغۇنلىغان بۇۋاي-مومايلار ئۆتمىشىنى ئەسلەپ تەسىرلەنگەنلىكىدىن كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى،شۇنىڭدىن قارىغاندا خەلقىمىز موشۇنداق ئاممىباپ شېئىرلارنى ياخشى كۆرىدىكەن.ئەمدى سىز‹‹بۇنداق شېئىرلارنى ھەرقانداق ئادەم يازالايدۇ››دەپ جۈيلۈپ قويۇپسىز،گېپىڭىزجە جاھاندىكى ھەممىلا ئادەم شائىر ئوخشىمامدۇ،سىزگە دىسەم ،بۇنداق شېئىرلارنى ماڭا ئوخشاش قەلىمى پىشقان قەلەم ساھىبىلىرىلا يازالىشى مۆمكۈن!گېپىمگە ئىشەنمىسىڭىز قېنى سىزمۇ بىر سىناپ بېقىڭ،بىزمۇ بىر ھاياجانلىنىپ باقايلى!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش