نورۇز كەلدى قاراڭلار سەپ تارتىشىپ كېلىڭلار
ئەدىھەم ئىبراھىم
نورۇز كەلدى قاراڭلار سەپ تارتىشىپ كېلىڭلار،
يۆلەك بولۇپ چوڭلارغا ھەمكارلىشىپ كېلىڭلار،
بوۋاي-موماي،قىز-ئوغۇل ئەھۋاللىشىپ كېلىڭلار،
قول تۇتۇشۇپ ئەر-ئايال قاترلىشىپ كېلىڭلار،
كېيىپ ئەتلەس شاھى تون ھاي-ھايلىشىپ كېلىڭلار،
يەتتە ئۆيدىن يەتتە خىل خۇرۇچ يىغىپ ئاتىلار،
نورۇز ئېشى ئېتىپتۇ داشتا چېلىپ ئانىلار ،
پۇراپ ئېلىپ كۆك ھېدىن مۆرىگەندەك كالىلار،
داش قازاننىڭ بېشىدا ئەركىلىشەر بالىلار،
قىر-قىرلاردىن نورۇزغا ئات چېپىشىپ كېلىڭلار.
بالىلىرى ئەقىللىق ئوقۇپ ئىگىز ئۆرلەيدۇ،
ئوغۇل-قىزلىرى ئىشچان،ھەممە ماختاپ گۈل دەيدۇ،
شائىرلىرى چوغ بولۇپ سەھراھىنى كۈيلەيدۇ،
ناخشا،چاقچاق،سازلىرى يۈكسەكلەردە ئۈنلەيدۇ،
چېلىپ نورۇز سازىنى جاراڭلىتىپ كېلىڭلار.
بازىرى بار‹‹دۈشەنبە››بەرىكەتلىك،جەلىپكار،
باغلىرى بار بوستانىق،گۈل-چېچەكلىك جىلۋىدار،
تاغلىرى بار ياپيېشىل،بەكمۇ كۆركەم جەزبىدار،
مەرىپەتنىڭ مەشئىلى مەكتەپلىرى ئەلگە يار،
كۆرگۈلى گۈل يېزامنى گەپ تارىتىپ كېلىڭلار.
زاۋۇتىدۇر پاراڭنىڭ –تارانچىلار ماكانى،
جانباي،بايان، باينەزەر پاراڭچىلار خاقانى،
مەينۇن،بايىدىن،شاشىدىن قىزىقچىلار چولپانى،
بۇرام تەمبۇر ئىزىدىن كەلدى ئەدھەم سۇلتانى،
شاتلىقىغا نورۇزنىڭ رەت تارتىشىپ كېلىڭلار.
سەلتەنەتلىك تارىخىڭ خىياللىرى مۇڭلۇقتۇر،
خارەبىلەر سۆزلەيدۇ‹‹شاھ-سۇلتۇنۇم تۇغلۇقتۇر،››
بابارەھىم،شاھ مەشرەپ چوغ ئۈستىدە چوغلۇقتۇر،
ئولۇغلارنىڭ ئىزى بار مازارلىرى ئولۇغدۇر،
ئەسلىرىدە تارىخنىڭ ئىزھارلىشىپ كېلىڭلار.
مۇختار ھاجى قاينۇقنىڭ تارىخىنى تۇرغۇزغان،
مەشۇر موللام يېڭىچە مەكتەپلەرگە ئۇل سالغان،
تۇغۇت ئانىمىز بولغان بوزرۇك ئانا زۇلەيخان،
ئارىۋاخۇن،جانكاملار ئەلنىڭ خىزمىتىن قىلغان،
روھى بىلەن ئۇلارنىڭ قۇچاغلىشىپ كېلىڭلار.
‹‹قاينۇق قەدىم شەھىرى››-ئالتۇنلىقى بار يەنە،
‹‹دۆگۈلەك،سوزۇق سېپىلى››يالقۇنلىقى بار يەنە،
قەدىم قاپاق تېرىكى سالقىنلىقى بار يەنە،
سوغۇق بۇلاق سۈيىنىڭ مەپتۇنلىقى بار يەنە،
كۈيلىرىنى دەۋىرنىڭ بەك ياڭرىتىپ كېلىڭلار.
دېھقانلىرى ئەمگەكچان توشار قىش-ياز دان-سامان،
ئاياللىرى بەك چېچەن ئۆي بېساتى گۈل چەندان،
بۇلبۇللىرى سايرايدۇ باغلاردا ئۇرۇپ خەندان،
شۇڭا دەيمەن قاينۇقتا كۈندە بولغىلى مېھمان،
تۆھپىكارلار شەنىگە گۈل تارقىتىپ كېلىڭلار.
ئېتىزلارغا ئاقماقتا يېڭى ئۆستەڭ سۇلىرى،
قارىمايلاشقان ئەينەكتەك يېزا-كەنىت يوللىرى،
سارايلەردەك ياسالغان دېھقىنىمنىڭ ئۆيلىرى،
ئەل-ئاۋامنى باي قىلغان زاراڭزىنىڭ گۈللىرى،
شۇڭا گۈزەل يېزامغا توي تارتىشىپ كېلىڭلار.
نورۇز گۈلى ئېچىلدى،كەلگىنى گۈل باھاردۇر،
يەڭدىن قولىمىز چىقتى،ئۆيدىن ياخشى تالادۇر،
بىخ يارماقتا تېرەكلەر،ئەمدى چوكان جالادۇر،
دېھقان ئاكام شاتلىنىپ يەرگە ئۇرۇق سالادۇر،
ئاق نان بەرگەن خان بىلەن ئەسرارلىشىپ كېلىڭلار.
2015-يىلى18-نەۋرۇز
چاپچال ناھيە قاينۇق يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش پۇنكىتى ئەدىھەم ئىبراھىم
تىلىفۇن13999386874
察县海努克乡农经站艾迪合木江。依布拉衣木
|