مەن سېنى چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي
ئابدۇسالام ھۇشۇر نۇرتېكىن
كىرپىكىڭ دولقۇنلاپ تەشنالىقىمغا،
بارخاندەك دەۋرەيدۇ يۈرەك تىۋىشىڭ.
شىلدىرلاپ ئاققاندا مەھەللەڭ ئارا،
يۈزۈمنى سىلاشقا چىقار چاچلىرىڭ.
قاقلىنىپ ياتىمەن يارىم كېچەڭدە،
كۆزۈڭدىن تۆكۈلگەن ئاينىڭ نۇرىغا.
يۇلتۇزنى ئاسىمەن بىر تىزىق قىلىپ،
يۈرىكىمدە ئېچىلغان گۈلنىڭ بوينىغا.
ياشىنىپ قالغاندەك يىراقتا ھىجىران،
ياپىراققا دەرت تۆكەر كۈلۈپ خۇش چىراي.
پۇرىتىپ گۈللەرنىڭ خىياللىرىغا،
مەن سېنى چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي.
|