كۆرۈش: 178|ئىنكاس: 6

نۇرتېكىن: مەن سېنى چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن سېنى چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي


ئابدۇسالام ھۇشۇر نۇرتېكىن


كىرپىكىڭ دولقۇنلاپ تەشنالىقىمغا،
بارخاندەك دەۋرەيدۇ يۈرەك تىۋىشىڭ.
شىلدىرلاپ ئاققاندا مەھەللەڭ ئارا،
يۈزۈمنى سىلاشقا چىقار چاچلىرىڭ.

قاقلىنىپ ياتىمەن يارىم كېچەڭدە،
كۆزۈڭدىن تۆكۈلگەن ئاينىڭ نۇرىغا.
يۇلتۇزنى ئاسىمەن بىر تىزىق قىلىپ،
يۈرىكىمدە ئېچىلغان گۈلنىڭ بوينىغا.

ياشىنىپ قالغاندەك يىراقتا ھىجىران،
ياپىراققا دەرت تۆكەر كۈلۈپ خۇش چىراي.
پۇرىتىپ گۈللەرنىڭ خىياللىرىغا،
مەن سېنى چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-19 13:07:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاقلىنىپ ياتىمەن يارىم كېچەڭدە،
كۆزۈڭدىن تۆكۈلگەن ئاينىڭ نۇرىغا.
يۇلتۇزنى ئاسىمەن بىر تىزىق قىلىپ،
يۈرىكىمدە ئېچىلغان گۈلنىڭ بوينىغا.



4-مىسرانى ئوڭشاپ قۇيامسىز!

ۋاقتى: 2016-3-19 21:21:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                  مەن سېنى چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي


                               ئابدۇسالام ھۇشۇر نۇرتېكىن

                            كىرپىكىڭ دولقۇنلاپ تەشنالىقىمغا،
                            كۆڭلۈمنى ئەكتىدۇ يۈرەك تىۋىشىڭ.
                            «باياۋان» تۇرسىمۇ ئارلىقىمىزدا،
                             يۈزۈمنى ئۆپكەندەك تۇرار چاچلىرىڭ.

                             قاقلىنىپ ياتىمەن دائىم ئىنتىلىپ،
                             كۆزۈڭدىن تۆكۈلگەن ئاينىڭ نۇرىغا.
                              يۇلتۇزنى ئاسىمەن بىر تىزىق قىلىپ،
                              پىراقتىن ئېچىلغان گۈلنىڭ بوينىغا.

                              ياشىنىپ قالغاندەك يىراقتا ھىجىران،
                              ياپىراققا دەرت تۆكەر كۈلۈپ خۇش چىراي.
                              پۇرىتىپ گۈللەرنى ساڭا خىيابان،
                              سېنىلا چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي.


       مۇشۇنداقمۇ ئوقۇپ باقتىم، «بۇزغان» بولسام ئوقۇرمەنلەر ھەم ئاپتۇرغا ئۆزرەم يەتكەي!

باھا سۆز

ئەلرام ياخشى تۈزىتىپتۇ، ئەگەشتىم...  ۋاقتى: 2016-3-20 10:33 PM
ۋاقتى: 2016-3-20 17:54:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلرام يوللىغان ۋاقتى  2016-3-19 09:21 PM
مەن سېنى چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي

ما شېئىرنىڭ كىيىن ئۆزگەرتىپ يازغىنى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-20 17:54:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلرام يوللىغان ۋاقتى  2016-3-19 09:21 PM
مەن سېنى چۆلۈمگە قىلدىم ھىلال ئاي

ما شېئىرنىڭ كىيىن ئۆزگەرتىپ يازغىنى ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-20 18:43:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىسى

كىرپىكىڭ دولقۇنلاپ تەشنالىقىمغا،
بارخاندەك دەۋرەيدۇ يۈرەك تىۋىشىڭ.
شىلدىرلاپ ئاققاندا مەھەللەڭ ئارا،
يۈزۈمنى سىلاشقا چىقار چاچلىرىڭ.

ئەلرام تۈزەتكىنى

  كىرپىكىڭ دولقۇنلاپ تەشنالىقىمغا،
كۆڭلۈمنى ئەكتىدۇ يۈرەك تىۋىشىڭ.
باياۋان تۇرسىمۇ ئارلىقىمىزدا،
يۈزۈمنى ئۆپكەندەك تۇرار چاچلىرىڭ.
                               (قىزىل بۇيالغان  سۆز شىئىرنىڭ لىرىكاچانلىقنى ئاجىزلىتىۋەتكەن دەپ قارايمەن.)
«مىنىڭ پىكىرىم

كىرپىكىڭ دولقۇنلاپ تەشنالىقىمغا ،
ھىجراننى چىللايدۇ يۈرەك تىۋىشىڭ.
شىلدىرلاپ ئاققاندا مەھەللەڭ ئارا،
تۇيغۇمدا لىۋىمگە لەۋ ياقار ھىدىڭ.




كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش