كۆرۈش: 793|ئىنكاس: 23

دىلمۇرات مۇتەللىپ(ت): گىرۋەك (شېئىرلار)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-19 09:19:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تۆۋەندىكى شېئىرلارنى دىلمۇرات مۇتەللىپ بىۋاسىتە ئېنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان، بۇ شېئىرلارنى باشقا تور، مۇنبەر، سالونلارغا يۆتكەشكە بولمايدۇ، ئېلان قىلىشقا قىزىقىدىغان ژۇرناللار بولسا بىۋاسىتە تەرجىمە ئاپتورى بىلەن ئۇنىڭغا ئىمكان بولمىسا تېما يوللىغۇچى بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ (تېما يوللىغۇچىدىن)

چۈنكى مەن ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرالمايمەن

ئېمىلى دىككىنسون

ئۆلۈم  مەن ئۈچۈن مۇلايىملارچە توختىدى-
ئۇنىڭ مەپىسى توختىدى،ئىچىدە پەقەت ئىككىمىزلا-
يەنە مەڭگۈلۈك ھايات-ئەبەدىلىكمۇ بار ئىدى.

بىز ئاستا يولغا چىقتۇق--ئۆلۈمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئالدىراشتىن ئەسەر يوق
ئاندىن مەن ئۇنىڭ بۇ سالاپىتى ئۈچۈن،
  ئۆزەمنىڭ خىزمەت ۋە كۆڭۈل خوشلۇقلىرىدىنمۇ
ۋاز كەچتىم-

بىز بالىلار پىقىراپ ئويناۋاتقان مەكتەپ يېنىدىن ئۆتتۇق
تەنەپپۇستا-ھەممىنى ئۇنتۇشۇپ-
بىز چەكچىيىپ تۇرۇشقان بۇغداي ئېتىزلىرىدىن ئۆتتۇق-
بىز پېتىۋاتقان قۇياشتىن ئۆتتۇق-

ۋە ياكى-ئۆلۈم بىزدىن ئۆتتى-
مېنىڭ نىپىز يىپەك كۆڭلىكىمدىن-
شايى يىپىنچام ئۈستىدىن-
شەبنەم ئېلىپ كەلگەن تىترەك ھەم سوغۇق شۈركىنىش ئۆتتى

بىز بىر ئۆينىڭ ئالدىدا بىردەم توختىدۇق
ئۆي يەر يۈزىدىن بۆرتۈپ چىققان -
ئۆگزىسىنى پەقەتلا كۆرگىلى بولمايىتتى-
لەمپىسى بولسا يەريۈزىگە چاپلىشىپ كىرىشىپ كەتكەن ئىدى-

شۇندىن تارتىپ-ئەسىر ئەسىرلەر ئۆتۈپ كەتتى-ۋەھالەنكى
مەن ئۈچۈن ئۇ بىركۈندىنمۇ قىسقا بىلىندى
مەن ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم ئۆلۈم مەپىسىنى سۆرىگەن ئاتلار بېشىنىڭ
مېنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا باشلاپ كېتىۋاتقىنىدىن
شۈبھىلەندىم -

‏‏
بۇلۇت

ساندىرا سىسنىروس

بۇلۇتقا ئايلىنىشتىن بۇرۇن،سەن ئەسلى بىر دىڭىز ئىدىڭ،قۇتراۋاتقان  ھەم
خۇددى ئادەمنىڭ ئاغزىغا ئوخشاش غودۇرادۋاتقان.
سەن بۇلۇتنىڭ سايىسى ئىدىڭ كۆركۈمگۈل ئېتىزىنى كېسىپ ئۆتۈۋاتقان.
سەن ياش تامچىسى ئىدىڭ يىغلاۋاتقان بىر ئەرنىڭ
چاقماق گۈللۈك قولياغلىقىغا تۆكۈلگەن.
سەن شىلەپىسى يوق ئاسمان ئىدىڭ.
سېنىڭ يۈرىكىڭ
ئېتىلىپ چىققان ۋە مىۋە بەرگەن ئاندىن تاناپقا ئېسىلغان چايشاپتەك قۇرۇپ كەتكەن.

سەن بىر دەرەخ ۋاقتىڭدا، دەرەخلەرنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئورگانلىرىنىڭ گەپلىرىنى تىڭشىغان.
سەن قىزىل ۋىلىسپىتنىڭ چاقىدىكى شامال ئىدىڭ.
سەن خىيۇستوندىكى شەھەر مەركىزىدىكى بىر ئوغۇل بالىنىڭ قولىغا چېكىلگەن ئۆمۈچۈچۈكسىمان گۈل ئىدىڭ
سەن ماگنولىيە دەرىخىنىڭ شىلىمشىق يوپۇرماقلىرى ئۈستىدىن سىرغىپ چۈشكەن يامغۇر ئىدىڭ .
بىر تۇتام پاخال رەڭلىك چاچ ئىدىڭ
ۋىكتۇر ھىيوگونىڭ رومانىنىڭ ئالا پۇلماچ بەتلىرىگە قىسىلىپ كىرىپ كەتكەن.            
‏سەن
‏بىر
ھىلال شەكىللىك سوپۇن.
بىر
تىرناق رەڭلىك ئۆمۈچۈك.
زەيتۇن دىڭىزىنىڭ ئاستىدىكى
قارا تور.
بىر دۆۋە كۆك پەي.
گىزىتكە ئوراقلىق
بىر كىچىك تەخسە.
قويۇق قايماققا چىلاغلىق
بىر قاچا كۆك ئۈزۈم-
يىشىل رەڭلىك قەدەھتىكى
ئاق ئۈزۈم ھارىقى.
‏ئىدىڭ
سەن قانىتىڭنى چىقىرىپ قاماقخانا ھويلىسى ئۈستىدىكى
پىرىسلانغان قاڭالتىردەك ئاسمانغا قاراپ ئۇچقىنىڭدا بولسا
مەيلى ياشاشقا،مەيلى ئۆلۈشكە بۇيرۇلغانلار بولسۇن
ئاق بۇلۇتنىڭ مىسلىسىز پەرۋازىغا زوق بىلەن قاراپ
قېلىشقان

ئۈمۈت ئۇ پەيلىرى بار بىر جانىۋار

ئېمىلى دىككىنسون

-‏ئۈمۈت ئۇ پەيلىرى بار بىر جانىۋار
‏-روھقا ماكانلىشىدۇ
‏ھەم غەزەلسىز بىر ئاھاڭغا كۈيلەيدۇ
‏ھەم ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ  -ھەرگىزمۇ-
‏ئۇ  - قاتتىق بوراندىمۇ  ئەڭ شىرىن  سايرايدۇ‏-
‏شۇنچە ئىللىق مېھىرنى ئېلىپ يۈرگەن كىچىك قۇشنى پاراكەندە قىلىدىغىنى  -
‏شەك شۈبىسىزكى  بوران چاپقۇن-
‏مەن ئۈمىدنىڭ  سايراشلىرىنى زىمىندىكى ئەڭ  
‏قەھرىتان جايدىمۇ -
‏ئەڭ قورقۇنۇچلۇق دېڭىزدىمۇ -
‏ئاڭلايمەن _
‏ئەمما  - ھەتتاكى-ئەڭ ئاداققى پەيىتلەردىمۇ _
‏ئۇ ئەزەلدىن مەندىن ھىچنىمە تەلەپ قىلىپ باققان ئەمەس--

ئىلاھلار

ئەننى سەكىستون

سەكىستون خانىم سېرىتقا چىقىپ ئىلاھلارنى ئىزدىدى.
ئۇ ئاسمانغا قاراشقا باشلىدى
-كۆك ھاسا تۇتۇۋالغان چوڭ قاناتلىق پەرىشتىنى ئىستىدى.
ھىچكىم كۆرۈنمەيىتتى.

ئاندىن ئۇ دەستۇر كالاملارغا مۇراجىئەت قىلدى
باسما ھەرىپلەر ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈك ياغدۇردى.
ھىچكىم كۆرۈنمەيىتتى.

ئۇ ئۇلۇغ شائىرغا قاراپ تېۋىندى
شائىر ئۇنىڭ يۈزىگە ئوت پۈركىدى.
ھىچكىم كۆرۈنمەيىتتى.

ئۇ دۇنيادىكى بارلىق چىركاۋلاردا مۇناجات ئوقۇدى
ھەم مەدەنىيەتلەر ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى  ئۆگەندى.
ھىچكىم كۆرۈنمەيىتتى

ئۇ ئاتلانتىكقا،تىنىچ ئوكيانغا باردى،سۆزسىزكى تەڭرى ئۈچۈن ئىدى...
ھىچكىم كۆرۈنمەيىتتى.
ئۇ بۇددا،بىراخمان ۋە ئىھراملارغا باردى

ھەم ئىنتايىن كۆپ تەبرىك كارتىلىرىغا ئېرىشتى
ھىچكىم كۆرۈنمەيىتتى.

ئاندىن ئۇ ئۆز ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى
ئىلاھلار ھاجەتخانىدا سولاغلىق ئىدى.

نىھايەت،ئاخىرى!
ئۇ چىقىراپ تاشلىدى
ھەم ئىشىكىنى چىڭ سولىدى

‏تەبىئەت بىزنىڭ كۆرگىنىمىزدۇر

ئېمىلى دىككىنسون


تەبىئەت بىزنىڭ كۆرگىنىمىزدۇر
ئۇ تاغ،ئۇ چۈشتىن كىيىن-
ئۇ تىيىن، ئۇ كۈن تۇتۇلۇش، ئۇ چوڭ سېرىق ھەرە-
ياق-تەبىئەت جەننەتتۇر

تەبىئەت بىزنىڭ ئاڭلىغانلىرىمىزدۇر
ئۇ ناخشىچى قۇش، ئۇ دىڭىز-
ئۇ چاقماق،ئۇ قارا چىكەتكە-
ياق،-تەبىئەت گارمونىيەدۇر.

تەبىئەت بىز بىلىدىغان
ئەمما سەنئەت بىلەن  دەپ بىرەلمىگەنلىرىمىزدۇر
ئۇنىڭدىكى ئاددىلىق ئالدىدا
بىزنىڭ پاراسىتىمىز  ئاجايىپ ئامالسزدۇر.



دادا
سىلۋىيە پلاس

سەن بولالمىدىڭ ، سەن بولالمىدىڭ،
ئەمدى بولالمايسەن بىر پاي قارا ئاياغ
ئۇنىڭ ئىچىدە مەن خۇددى بىر  پۇتقا ئوخشاش
ئوتتۇز يىلدىن بېرى بىچارە ھەم تاتىراڭغۇ ھالدا،
تىنىشقىمۇ پېتىنالماستىن ياشاپ كەلدىم.

دادا  سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىم  كېرەكتى.
ۋاقتى سائىتى كېلىشتىن  بۇرۇن سەن ئۆلدۈڭ...
قورام تاشتەك ئېغىر، تەڭرىگە لىق توشقان سومكا،
يەكپاي كۈلرەڭ پۇتلۇق بەدبەشرە ھەيكەل
بەئەينى سان فىرانسىسكودىكى دىڭىز شىرىدەك چوڭ
كۆك دىڭىز  ئۈستىگە يېشىلرەڭ تۆكۈۋاتقان
كىلەڭسىز ئاتلانتىكتىكى بىر باش
گۈزەل ناسىت دىڭىز ساھىلىدا.
مەن سېنى ساقايسىكەن دەپ مۇناجات قىلغان .
گىرماننىڭ تىلىنى سۆزلەپ، پولشانىڭ بازىرىدا ياشاپ
ئۇرۇشنىڭ، ئۇرۇشنىڭ، يەنە ئۇرۇشنىڭ چاقلىرىدا يانجىلىىپ يەكسان بولغان.
ئەمما بازىرىنىڭ ئىسمى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولغان
بىر پولەك دوستۇم
دەيدۇكى بىزدە بۇنداق بازارلار بەكلا كۆپ.
شۇڭلاشقا دەپ بېرەلمەيمەن زادى قەيەردە،
بار سەن پۇتۇڭنى تىققۇدەك،يىلتىز تارتالىغۇدەك جاي.
گىرمان تىلى بوغۇزۇمغا تاقاشتى .   
تۆمۈر قارماقنىڭ سىمىدەك تاقاشتى.
ئې،ئې،ئې،ئې،
مەن گەپ قىلالمىدىم.
مەن ھەربىرگىرماننى دەل سەن دەپ ئويلايىتتىم.
ئۇلارنىڭ تىلىنىمۇ پوخۇر بىر تىل دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم

ماتور، بىر ماتور
مېنى خۇددى بىر يەھۇدىنى سۈرۈپ ماڭغاندەك ئىتتىرمەكتە.
خۇددى داچۇ، ئوسۋىنسىن، بېلسېندىكى يەھۇدىلارنى سۈپۈرۈپ ماڭغاندەك.
مەن يەھۇدىدەك سۆزلەشكە باشلىدىم.
مەن ئۆزەمنى يەھۇدى بولۇشۇم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن.
تىيرولنىڭ قارلىرى، ۋىنانىڭ سۈزۈك پىۋىلىرى
ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا ساپ ۋە ھەقىقى ئەمەس.
سىگان ئەجداتلىرىم ۋە غەلىتە تەغدىرىمگە قاراپ
مەن ئامراق سىگان پالچىلىرىنىڭ پال ئاچىدىغان كورتلىرىمغا قاراپ
مەن ئۆزەمنى ئازراق يەھۇدى ئوخشايمەن دەپمۇ قالىمەن

مەن ھەمىشە سەندىن قورقۇپ كەلدىم،
سېنىڭ ناتسىس ھاۋا ئارمىيىسىدەك سۈرلۈك تۇرقۇڭ.
سېنىڭ رەتلىك ساقىلىڭ
ھەم سېنىڭ ئارىئانلاردەك كۆپكۆك كۆزلىرىڭ.
  ئاھ،سەن بىر تانكىچى ئەسكەر--
تەڭرى ئەمەس بەلكى ئېس ئېسچىلارنىڭ بەلگىسى
شۇقەدەر قارىكى ئاسمانمۇ ئۇندىن بالقىپ ئۆتەلمەس.
ھەربىر ئايال فاشىسىتقا ئاشىق،
يۈزىگە تېپىلگەندە ئۆتىكى،ساڭا ئوخشاش
رەھىمسىزنىڭ رەھىمسىز يۈرىكى.

مەن ساقلىغان سېنىڭ رەسىمىڭدە،
سەن دوسكا ئالدىدا تۇرىسەن،دادا
جاۋغىيىڭدا بىرتال يېرىق،پۇتۇڭدا يوق
  ئالۋاستىدىن قېلىشقۇسىزسەن،ئەمما
باشقا قارا كىيىملىك كىشىلەردە ئەسلا ئۇنداق ئىزنا يوق
مېنىڭ چىرايلىق قىزىل يۈرىكىمنى ئىككى پارچىلاپ.
سېنى كۆمۈپ قويۇشقىنىدا مەن ئون ياشقا كىرگەن.
ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغاندا مەن  ئون ئىككىگە كىرگەن
ھەم ساڭا،ساڭا ،ساڭا قايىتماقچى بولغان
ھەتتا سۆڭەكلىرىممۇ ئۆلۈشنى خالايدۇ دەپ ئويلىغان.
ئەمما ئۇلار مېنى تاغاردىن قۇتقۇزۇپ چىقىرىۋىلىشتى،
ئاندىن ئۇلار مېنى يىلىم بىلەن  چاپلىۋېتىشتى.
ئاندىن مەن نىمە قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلدىم.
مەن سېنىڭ مودېلىڭنى ياسىدىم،
ناتسىس سىياقىدىكى قارا كىيىملىك ئەر
قىيىن قىستاق شەكلىدىكى مۇھەببەت.
مەن ئىلگىرى دېگەنكى مەن تامامەن خالايمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن دادا، مەن ئاخىرى قۇتۇلدۇم.
قارا رەڭلىك تېلىفۇن ئۈزۈل كېسىل ئۈزۈلدى
ئەمدى ئۇ ئاۋازلار قايتا  تىمىسقىلاپ كىرەلمەيدۇ.
ئەگەر مەن بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسەم ،ئىككىنى ئۆلتۈرگەنگە ھېساپ--
قان شۇرىغۇچى ئالۋاستى ئۆزىنى مەن سېنىڭ داداڭ  دىگەن
ھەم بىلگىنكى ،ئۇ مېنىڭ قېنىمنى بىريىل،يەتتە يىل ئىچكەن.
دادا، ئەمدى ئارام تاپىدىغان ۋاقتىڭ بولدى.

دادا سېنىڭ سېمىز قارا يۈرىكىڭدە بىر سەندەل قوزۇق بار
سەھرالىقلار سېنى پەقەتلا ياقتۇرمايدۇ.
ئۇلار ئەتراپىڭدا ئۇسۇل ئويناپ سېنى دەسسەپ چەيلىمەكتە.
ئۇلار گۇناھكارنىڭ دەل سەل ئىكەنلىكىڭنى بىلىدۇ.
دادا ،دادا ،سەن دەل مەن قۇتۇلماقچى بولغان ئەبلەخ.




ياق رومىيو
‏كىمبىلىي‏ ‏سا‏ئۇسۋىك‏

بىز ئۇنى سۇئال  سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقارمايمىز  
ئەمما ئۇنى بىر ھۇجرىغا قامايمىز  ،ئۆزىمىزنى بولسا  سېرىتقا قامايمىز   
   .ئاشۇ
يۇتۇۋېتىلگەن ئاچقۇچلار بىلەن


بىزنىڭ كۆڭلىمىز  قۇش يۈرىكىنىڭ
‏ئەنسىز  سوقۇشىدۇر  
بىز ئۇنى پاكىت دەپ قارىمايمىز ،ۋەياكى ئەپۇ سوراش دەپمۇ قارىمايمىز
ئۇ پەقەت يۈرەكنىڭ سوقۇشىلارغا تالىق  ئەپۇ .
سەنمۇ مەنمۇ ،ھىچقايسىىمىز ئۇنى قىسقارتالمايمىز

ئاي بىزنىڭ شامىمىز . شامال ئېگىلمەيدۇ  .
ئۇ داۋاملىق شىمالغا سەن تەرەپكە قاراپ ھۇۋلايدۇ .
مەن يۈرەك سوقۇشلارنى مەڭگۈلۈك  دىيەلەمدىم ؟

مەن دۇنيا توغرىلىق ،ھاۋا توغرىلىق قورىقماي سۆزلىيەلەمدىم  ؟ياق .
مەن ئاي نۇرى ھەققىدە ياكى ئۇنىڭ چۈچۈك بۇيىدەك قىرتاق تەمى ھەققىدە سۆزلىيەلەمدىم  ؟ پەقەت كېچىسى ،قارا قۇش قارا تۈنگە قارشى چىققاندىلا .

ئۈمۈت ئۇ بىر قۇش.
سەن ئەزەلدىن نۇر چاچالمىغان  بىراق
مەن سېنى  ئوخشاشلا سۆيگەن   
ھازىرمۇ ھەم شۇنداق .
راس .

بىز پەقەت قۇمغا لىق‏ ‏توشقان قۇشلار ئارامگاھىدا قىسقىلا دېدارلىشىپ،
پەيلىرىمىزنى قېقىشىپ ،تارقاپ كەتكەن  
‏قا‏رلىغاچلار‏‏
‏  
قوزغىتىش  
كىرىس ئېمىسلى

بېلىق قاچىسىنىڭ ئىچىدىن بۇ پىلانىتا باشقىچە كۆرۈنىدۇ .
ھەسەن ھۈسەننىڭ ئاستى بۇ ئويۇن ئۈچۈن ئەڭ بىخەتەر جاي ،بۇ تىل چاقماق لامپىلار كالوننىسغا خشايدۇ .

سەن بۇنى ھاياتلىق ئۈچۈن ماكان ئىزدەش دەپ ئاتامسەن ؟مەن ئۇنى ئاخىرلىشىش ياكى يىڭنىنىڭ تىترەپ تۇرغان بېشى دەپ ئاتايمەن .
ھەپتە ئاخىرلىرى كەلگۈسى مېنى چاقىرىدۇ بىراق مەن ئىشلەيمەن .
مەن ماشىنىنىڭ رولى ئالدىدا مىخلاپ قويغاندەك ئولتۇرىمەن ،چىدىغىلى بولمايدىغان نۇرلۇق بىر جاۋاپ ماشىنىنىڭ كەينىنى كۆرۈش ئەينىكىدە مېنى قوغلاپ كېلىدۇ ،
ئەرزان باھالىق سوكنو كەيگەن  بىر ئوماققىنە مەيۈس يىگىت شېئىرنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى ئاھاڭغا كەلتۈرۈپ كۈيلەيدۇ .

ئۇنىڭ شېئىرىدا قانداقتۇر تىيىنچاقلار
يوق
كۈنلەر رىزىنگە كاۋچۇكقا ئورالغاندا مېنىڭ دەپ بېرەلەيدىغىنىم پەقەت بۇزۇلغان سايمانلار ھەققىدە بولىدۇ

قاقاسلىقتىن ئىرەن پۇرىقى كېلىدۇ  ھەم  بېغىشلىرى  ئۇنىڭ بېشىغا قارىمۇ قارشى تۇرىدۇ

مېنىڭ  قىزىل كىىملىك روھانىلار ھەققىدە دەيدىغىنىم يوق
مېنىڭ قولۇمدىن كېلىدىغىنى پەقەت دۇنيانىڭ قۇرۇپ كېتىۋاتقان نەرسىلىرىگە يېقىنلىشىش
مەندىن قالىدىغانلىرى بىر چاق ئىزلىرىدىن تەركىپ تاپقان ئارمىيە  

خۇددى تارغاق  سېنىڭ ئاپئاق ھاياتىڭنى تاراپ ئۆتكەندەكلا

مانا بۇ نىمە ئۈچۈن مېنىڭ قوللىرىمنى بۇ مۇتلەق خوشاللىققا ئۇزىتىشىمنىڭ سەۋەبى
چۈنكى مەندە ئۇپۇققا قاراپ سالام بېرىدىغان  
گەۋدە بار
مەن سېنىڭ يىڭى ئاۋاز دائىرەمنى قانداق ئويۇشنى دەپ بېرىشىڭگە مۇھتاج  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-19 23:34:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا كۆرمەي قاپتىمەن.
مېنىڭ بىلىشىمچە، ئابدۇمىجىت مەملىكىتىمىز ۋە چەتئەلدە بىلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقان، بىرنەچچە تىل بىلىدىغان، ئاممىباب شېئىرلارنى يازالايدىغان ۋە تەرجىمە قىلالايدىغان ئەدەبىيات شەيداسى، ئىقتىدارلىق ئاسپىرانت. مەن ئېنگلىزچە بىلمەيدىغانلىقىم ئۈچۈن،  ئۇنىڭ تەرجىمىسىنىڭ قانداق چىققانلىقىنى بىلىشكە ئاجىزمەن. بىراق، مەن ئەڭ قىزغىن شېئىرىيەت ئوقۇرمىنى بولغاچقا، شېئىرنىڭ تەمىنى ناھايىتى ياخشى تېتىيالايمەن. شۇ ۋەجىدىن، دىلمۇرات ئىنىمىز تەرجىمە قىلغان شېئىرلار ماڭا ناھايىتى يارىغاچقا، دىلمۇرات ئىنىمىزگە بارىكاللا ئېيتتىم. بىراق، بۇ ماختىشىم ئابدۇمىجىت ئىنىمىزنى بىئارام قىلىپ قويۇپتۇ.
نەق گەپكە كەلسەم،  دىلمۇرات ئىنىمىز تەرجىمە قىلغان شېئىرلار قۇرۇلما، تۇيغۇ ئىپادىسى، تىل...جەھەتلەردە ماڭا يېپيېڭى شېئىرىي تۇيغۇ ئاتا قىلدى. ئابدۇمىجىت تەرجىمە قىلغان شېئىر بولسا بىزنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي قاپىيەچى شائىرلار، ھەۋەسكارلار يازغان، يېزىۋاتقان، مۇشۇ مۇنبەردە كۈندە يورۇتۇلۇپ تۇرۇلىدىغان ئەڭ ئادەتتىكى ئاممىباپ شېئىرلاردىن ھېچ بىر ئالاھىدە پەرقىنى كۆرمىدىم. ھەتتا، ئاۋۇ ئېنگلىزچىدىكى مىسرالار ئاخىرىدىكى سىزىقچىنىمۇ كۆرەلمىدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-19 22:44:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىس يوللىغان ۋاقتى  2016-3-19 10:30 PM
ئابدۇمىجىت، تەرجىمىڭىزدە مەسىلە يوق، بولدى، تالاشم ...

ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئۇ رۇزى سايىت ياكى تىيىپجان ئېلىيۇپ ئەمەس، ئىمىلى دىككىنسون!

ۋاقتى: 2016-3-19 12:42:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمە مانا مۇنداق  ئەسلى مەنبەدىن تەرجىمە قىلىنسا نېمە دېگەن ياخشى! ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئەسلى قانداقلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. دىلمۇرات ئىنىمىزغا قۇتلۇق بولسۇن! ئابدۇرېشىت، رەھمەت سىزگە!

ۋاقتى: 2016-3-19 19:31:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-3-19 12:42 PM
تەرجىمە مانا مۇنداق  ئەسلى مەنبەدىن تەرجىمە قىلىنسا نې ...

ئەرچىن ئەپەندى سەل سالماق بولغاي، ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئەسلى قانداق ئىكەنلىكىنى ئەسلىگە بىر قارىۋەتكەندە تېخىمۇ ياخشى بىلگىلى بولىدۇ...

(Because I could not stop for Death (479

Emily Dickinson, 1830 - 1886


–Because I could not stop for Death

–  He kindly stopped for me

–  The Carriage held but just Ourselves

.And Immortality


We slowly drove – He knew no haste

And I had put away

,My labor and my leisure too

–For His Civility


We passed the School, where Children strove

–  At Recess – in the Ring

–  We passed the Fields of Gazing Grain

–We passed the Setting Sun


–Or rather – He passed us

–The Dews drew quivering and chill

–For only Gossamer, my Gown

–My Tippet – only Tulle


We paused before a House that seemed

–A Swelling of the Ground

–The Roof was scarcely visible

–The Cornice – in the Ground


Since then – ‘tis Centuries – and yet

Feels shorter than the Day

I first surmised the Horses’ Heads

–Were toward Eternity


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-19 20:03:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت ئەپەندى، سىز شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچىسىنى چاپلاپ قويۇپ نېمە دېمەكچى، تەرجىمىدە مەسىلە بار دېمەكچىمۇ؟ پىكرىڭىزنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇڭ، بۇ ئىلىمىي سورۇن، مۇنداق بولۇشى كېرەكتى، دېمەكچى بولسىڭىزمۇ پاكىت كۆرسىتىڭ.

ۋاقتى: 2016-3-19 21:38:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdurexit eli يوللىغان ۋاقتى  2016-3-19 08:03 PM
ئابدۇمىجىت ئەپەندى، سىز شېئىرنىڭ ئېنگىلىزچىسىنى چاپل ...

بولىدۇ ئابدۇرېشىت ئەپەندى، مەن بىرىنچى شېئىرنى مۇنداقراق تەرجىمە قىلسا ياخشى بولامدىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم:


تۇرالمىغاچ كۈتۈپ ئۆلۈمنى

ئېمىلي دىكىنسون


تۇرالمىغاچ كۈتۈپ ئۆلۈمنى،

ئۇ دوستلارچە كۈتۈپتۇ مېنى.

پەيتۇن توختاپ، قالدۇق ئۆزىمىز

ھەمرا قىلىپ ئەبەدىيلىكنى.


ھەيدەپ ماڭدۇق ئاستا، ئۇ تەمكىن

ۋە مەن ئۇنتۇپ كەتكەن تامامەن

جاپالارنى، راھەتلىرىمنى،

ئۇنىڭدىكى سالاپەت ئۈچۈن.


تەنەپپۇستا، سېگىنال ئېچىدە،

قايناپ تۇرغان مەكتەپتىن ئۆتتۇق.

ئالتۇن باشاق قىرلاردىن ئۆتتۇق،

پېتىۋاتقان قۇياشتىن ئۆتتۇق.


بەلكى ئۆتكەن ئۇ دۇر، بىزلەردىن،

ئۈچۈن شايى كۆڭلەك، تونلىرىم.

شەبنەم سېلىپ تېترەك ۋە ئۈششۈك،

يېپىنچام  ھەم گۈللۈك ئېتكىم.


تېنىۋالدۇق تۇرۇپ بىر ھازا.

بۆرتۈپ چىققان قۇرۇ ئالدىدا،

كۆزگە يېقىن ئىدى ئۆگزىلا،

لەمپە قالغان يەرنىڭ قېتىدا.


شۇندىن بۇيان ئۆتتى ئەسىرلەر،

تۇيۇلماستىن ھەتتا بىر كۈنچە.

پەرەز قىلدىم ئاتنىڭ مەنزىلى،

ئەبەدىيەت ئىكەن ئەسلىدە.





 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-19 21:44:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىڭىزنى كۆردۈم، كۆپ ئەجىر قىلغاندەك تۇرىسىز. بىراق ماڭا دىلمۇرات مۇتەللىپنىڭ تەرجىمىسى تېخىمۇ دەلدەك بىلىندى، شېئىر تەرجىمىسىدە مەنانى يەتكۈزۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ، بۇنى بىلسىڭىز كېرەك  يەنە باشقا شېئىرلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ بېقىڭ، تەكلىپىم، قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنىمۇ ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىڭ.

ۋاقتى: 2016-3-19 21:51:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdurexit eli يوللىغان ۋاقتى  2016-3-19 09:44 PM
تەرجىمىڭىزنى كۆردۈم، كۆپ ئەجىر قىلغاندەك تۇرىسىز  بىر ...

شۇنداق چۈنكى سىز قاراپ كۆزەينەك تاقاپ ئولتۇرۇپ، "لەيلىگە پەرھاتنىڭ كۆزى" بىلەن قارايسىز ئەمەسمۇ؟ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكدىن سۆز ئاچقىنىڭىزدىن ھەيران قالدىم. بۇ شېئىرنىڭ قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى بېلىش ئۈچۈن ئىنگىلىزتىلى بىلمىسەكمۇ ھەرىپلەرنىڭ ئاھاڭدارلىق، مىسىرا، ۋە رېتىمنى ھېس قىلغۇدەك سەزگۈگە ئىگە بولساقلا كۇپايە. ھەرھالدا ئەسلى تېكىست ئاستىغا شائىرەنىڭ ياشىغان دەۋرىنىمۇ يېزىپ قويدۇم. شۇ چاغلاردىكى شېئىرىيەت ئەھۋالىغا دېققەت قىلساق جىق نەرسىلەر ئايان بولاتتى بىزلەرگە...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-19 22:06:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز ئاشۇ تەرجىمىڭىزگە تايىنىپ دىلمۇرات مۇتەللىپنىڭ ئەجرىنى يوققا چىقارماقچى بوپسىز، ئەرچىن پەقەت تەرجىمانغا تەھسىن ئوقۇپتۇ، سىز ئەرچىنگە تەنبىھ بېرىپ «ئالدىرىماڭ» دەپسىز، بىز ئالدىرىمايمىز، بىز پەقەت ئەڭ ياخشى تەرجىمىنى كۆرسەك دەيمىز، قاپىيە ئوينىغانغىلا ئەڭ ياخشى تەرجىمە بولۇپ قالمايدۇ، بىزدە بۇنداق قاپىيە ئوينايدىغان، ئەسلىي شېئىرىي قۇرۇلمىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىغان تەرجىمانلار ساماندەك، شېئىر دېگەندە مەنانى يەتكۈزۈشتىن باشقا تىل ئىشلىتىش، قۇرۇلما... ئالاھىدىلىكى دەيدىغان گەپمۇ بار، سىز سوغۇققانلىق بىلەن يەنە باشقا شېئىرلارنىمۇ تەرجىمە قىلىپ بېقىڭ. ئەرچىننىڭ ئىنكاسىغا قايناپ قالغىنىڭىز قىزىق.

ۋاقتى: 2016-3-19 22:30:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئابدۇمىجىت، تەرجىمىڭىزدە مەسىلە يوق، بولدى، تالاشمايلا قويۇڭ! ھازىر، قاپىيە ئوينىماي، گەپ ئوينايدىغان بوپ كەتتى بەزىلەر! ئۇلار قاپىيەلىك شېئىرلارنى كۆرسە خۇددى ئەينى ۋاقىتتىكى ياپۇن ئالۋاستىلىرىنى كۆرگەندەك ئەندىكىپ كېتىشىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-19 22:34:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت، تۆۋەندىكىسى يۇقىرىقى شېئىرغا ئالاقىدار ئۇچۇركەن، كۆرۈپ باقارسىز:
狄金森的诗作现存1700多首,但很难定出实际数字,因为1860年代起狄金森的书信开始“诗化”,有时候很难界定她写的是散文还是诗(苏珊称为“信诗”(letter poem))。狄金森不是个出版的诗人,因此留下的大部分诗作只能看作诗稿,完篇的很少,有句无篇的占大多数。
狄金森的诗歌分为三个截然不同的时期,每一时期的作品都有一些共同的特征:
第一时期为1861年以前,这一时期狄金森的作品风格传统,感情自然流入。在狄金森死后,出版了她的作品的托马斯H·约翰逊,只能给狄金森创作于1858年以前的作品中的五部鉴定年份。
第二时期为1861年~1865年,这是狄金森最富有创造力的时期,她的诗歌在这一时期更具有活力与激情。据约翰逊估计,狄金森在1861年创造了86首诗,1862年366首,1863年141首,1864年174首。同时,他认为在这一时期,狄金森充分表达了永生和死亡这一主题。
第三时期为1866年之后,据估计,所有的狄金森诗集中有2/3写于该年之前。

诗的篇幅短小,多数只有两至五节,经常破格,常押所谓“半韵”(half rhyme);放弃传统的标点,多用破折号,名词多用大写(但这个习惯在当时很平常);常省略句子成分,有时甚至连动词也省掉;句法多倒装,有学者指这是受拉丁文词序的影响。
狄金森的诗富于睿智,新奇的比喻随手抛掷,顺心驱使各个领域的词汇(家常或文学的,科学或宗教的),旧字新用,自铸伟词。喜欢在诗中扮演不同角色,有时是新娘,有时是小男孩,尤其喜欢用已死者的身分说话。狄金森描写大自然的诗篇在美国家喻户晓,常被选入童蒙课本。痛苦与狂喜,死亡与永生,都是狄金森诗歌的重要主题。

狄金森诗作成了批评家关注的题目。其诗用的破折号,时长时短,有时向上翘,有时向下弯,有批评家指这些是音乐记号,代表吟咏或歌唱那首诗时的高低抑扬;其诗的诗行往往不是一写到尾,有时一句诗行会分开两、三行写(即是说每行只有两三个字),有学者认为这是刻意的安排,跟诗意大有关系(另外,狄金森有时会在寄给朋友的诗里会附上“插图”)。因此,有人主张要研究狄金森的诗,必须以她的手稿(或手稿的影印本)为文本,才不致扭曲诗意。

ۋاقتى: 2016-3-19 22:37:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككلا تەرجىمە ياخشى چىقىپتۇ دەپ ئويلۇدۇم ..

ۋاقتى: 2016-3-19 22:51:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنى ئەسلى مەنبەدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلسا بەك ياخشى بولغان بولىدۇ ،بۇنداق بولغاندا شېئىرنىڭ ئەسلىدىكى تاشقى قۇرۇلمىسىغا كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ ....

ۋاقتى: 2016-3-19 23:07:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىر

ۋاقتى: 2016-3-19 23:27:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چاغدا فىتماننىڭ بىر نەچچە پارچە شېئىرنى تەرجىمە قىلىپ خاتىرمگە كۆچۈرۈپ قويۈن ئىدىم .كېيىن ئۇنىڭ شېئىرلىرنى تەرجىمە قىلىمەن دەپ بۇزۇپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلىدىم .
مەن ئۇنىڭ شېئىر توغرىسىدا باشقىلارنىڭ  يازغان بىر نەچچە ماقالىسىنى  ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ شېئىر يېزىش ئالاھدىلىكىنى بىر ئاز چۈشەنگەندەك بولدۇم .شائىرنىڭ شېئىرلىرنىڭ خاسلىقىغا ھۆرمەت قىلىش بىر تەرجىمەن ئىگە بولىشقا تېگىشلىك ساپا ئىكەن. يۇقاردىكى  ئىنكاسىم تەرجىمە ئەسەرلەرنى قىزىقىپ ئوقۇيدىغان بىر ھەۋەسكارنىڭ ئويلىغانلىرى ،خالاس .خاتا بولۇپ قالغان بولسا  كەچۈرۈڭلار ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش