يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 1

تۆتتاش: نورۇز ناۋاسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نورۇز ناۋاسى

تۆتتاش

تۈنۈگۈنلا تۇراتتۇق تىترەپ،
غىچىرلىتىپ دەسسىشىپ قارلار.
باھار كىلىپ يۇمشىسا تۇپراق،
گۈل قىسىشار  بۇندا يالپۇزلار.

قىزىماقتا نورۇز ناۋاسى،
كائىناتقا سىزىشىپ نەقىش.
يۇرت-يۇرتلاردا توي، ساما مەشرەپ،
بەل تۇتۇشۇپ كەتتى چېلىشىش.

نەغمىلەرگە ئېچىپ  باغرىنى،
سۇۋادانلار چۈشەر ساماغا.
ھاياجاندىن تۇغۇتلۇق ئانا،
بوۋاق بىلەن  چىقار تالاغا.

يېشىل ھايات، يېشىل كائىنات،
كۆز قىسىشىپ ئوينار كەڭ دالا.
نورۇز ئېشى ئىچمەك بۇلۇشۇپ،
يۈگرەپ كىلەر ئوغۇل-قىز بالا.

بۈگۈن بايرام كۈلدى زىمىنمۇ،
لەۋ ياقىدۇ تاللار شامالغا.
بوۋايلارمۇ  كېرىپ غۇلاچنى،
ئۇسۇل ئوينار بېقىپ مومايغا.

شاختىن شاخقا سەكرەپ تورغايلار،
توختىماستىن توۋلىشار مۇقام.
نورۇز بىلەن قايناق  ئەمگەكتە،
قىزىپ كەتتى گۈل ماكان يېزام.


نورۇز بىلەن كۈلەر ھەممە جان،
ھاياجاندا سۈيەر شاماللار.
چوڭ قازاندا نۇرۇز تامىقى،
پەتنۇس كۆتىرىپ يۈرەر جۇۋانلار.

ئىناقلىقتا توۋلايدۇ ناخشا،
شاخلىرىدا كۈلگۈنچەك چېچەك.
كۆك مايسىغا ھازىرلاپ ئورۇن،
ئېتىز قىرلار ئېچىشار ئېتەك.

كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشەر بۈگۈن،
بۇ نورۇزنىڭ ئۆلمەس ناخشىسى.
مول ھۇسۇلنىڭ بەختىنى كۆزلەپ،
ئىناق ياشار قېرى ياشلىرى.

توقسۇ

2016-يىل 17-مارت

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 00:30:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆتتاش ئاكا نورۇز توغرۇلۇق پۈتۈلگەن ئۇشبۇ چەشمىلىرىڭىزدىن ھوزۇرلاندىم! سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن! ئامان بولۇڭ!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش