نورۇز ناۋاسى
تۆتتاش
تۈنۈگۈنلا تۇراتتۇق تىترەپ،
غىچىرلىتىپ دەسسىشىپ قارلار.
باھار كىلىپ يۇمشىسا تۇپراق،
گۈل قىسىشار بۇندا يالپۇزلار.
قىزىماقتا نورۇز ناۋاسى،
كائىناتقا سىزىشىپ نەقىش.
يۇرت-يۇرتلاردا توي، ساما مەشرەپ،
بەل تۇتۇشۇپ كەتتى چېلىشىش.
نەغمىلەرگە ئېچىپ باغرىنى،
سۇۋادانلار چۈشەر ساماغا.
ھاياجاندىن تۇغۇتلۇق ئانا،
بوۋاق بىلەن چىقار تالاغا.
يېشىل ھايات، يېشىل كائىنات،
كۆز قىسىشىپ ئوينار كەڭ دالا.
نورۇز ئېشى ئىچمەك بۇلۇشۇپ،
يۈگرەپ كىلەر ئوغۇل-قىز بالا.
بۈگۈن بايرام كۈلدى زىمىنمۇ،
لەۋ ياقىدۇ تاللار شامالغا.
بوۋايلارمۇ كېرىپ غۇلاچنى،
ئۇسۇل ئوينار بېقىپ مومايغا.
شاختىن شاخقا سەكرەپ تورغايلار،
توختىماستىن توۋلىشار مۇقام.
نورۇز بىلەن قايناق ئەمگەكتە،
قىزىپ كەتتى گۈل ماكان يېزام.
نورۇز بىلەن كۈلەر ھەممە جان،
ھاياجاندا سۈيەر شاماللار.
چوڭ قازاندا نۇرۇز تامىقى،
پەتنۇس كۆتىرىپ يۈرەر جۇۋانلار.
ئىناقلىقتا توۋلايدۇ ناخشا،
شاخلىرىدا كۈلگۈنچەك چېچەك.
كۆك مايسىغا ھازىرلاپ ئورۇن،
ئېتىز قىرلار ئېچىشار ئېتەك.
كۈن بىلەن تۈن تەڭلىشەر بۈگۈن،
بۇ نورۇزنىڭ ئۆلمەس ناخشىسى.
مول ھۇسۇلنىڭ بەختىنى كۆزلەپ،
ئىناق ياشار قېرى ياشلىرى.
توقسۇ
2016-يىل 17-مارت
|