«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى» غا تەۋسىيە
غەزەللەر
مۇھەممەد ئىمىن سەئىد ئۆمەر تۈنكۈن
1
ئاقتى پەرىشان نالەمگە دەردى ،
ئويناپ جېنىمدىن ئالەمگە دەردى .
ئاھتىن تۇمارى ، ياقتىن خۇمارى ،
ياتقاي پىچىرلاپ سايەمگە دەردى .
ئۈنلەپ سۆزۈمدە لەيلى كۆزۈمدە ،
مەجنۇن بىقارار ، ئادەمگە دەردى
بۇلبۇل ئۈنىدىن ، قايغۇ گۈلىدىن ،
ئىشقى كۈلىدىن ئايەمگە دەردى .
تۈندىن ئېچىلىپ ، كۈندىن چېچىلىپ ،
قالسۇن ئاخىرى پايەمگە دەردى …
2
ئەمدى مەندىن ئىشقى داستان قالدىمۇ ؟
ئەمدى سەندىن خاكى ئاسمان قالدىمۇ ؟
بىر ئۇچۇپ ياندىم شارابنىڭ دەردىگە ،
دەردىڭە دەرمانغانغا ئەپغان قالدىمۇ ؟
چۆرگىلەر مەجنۇننى چۆللەر ئۆرگىلىپ ،
لەيلىدە گۈل ، گۈلدە بوستان قالدىمۇ ؟
ۋاھكى ، كۈلمەكلىك مۇھەببەتتىن يىراق ،
بادەسىز ئۆتمەككە ئىمكان قالدىمۇ ؟
قانمىغان كىم بۇ شېرىن جانغا ئاۋال ،
جانغا ئەنبەر -مۇشكى يالغان قالدىمۇ ؟
يەتمىسە پىچقان كۆرۈمنىڭ توققۇزى ،
بىر نىگاھ قاتىلدا پىنھان قالدىمۇ ؟
ئەي قەلەندەرۇئەجەل دېۋانىسى ،
ئۆلگۈچە ئۆلگىلى ئىنسان قالدىمۇ ؟
3
قاندىن قىزىلگۈل شەمشەر شادىدىن ،
جاندىن جاسارەت يارنىڭ يادىدىن .
مۈشكۈل مۇھەببەت ، مەشرەپ مۇشەققەت
تاپتى شەرەپشان دارنىڭ دادىن .
گۈل-گۈل گۈلەنبەر ، قەغەز قەلەم بەر ،
قەلبىم قەلەندەر بەرگىڭ قاتىدىن .
شەرھى شاھانە ئاشىق ئاۋارە ،
بولدى بىچارە دىلبەر ئاتىدىن .
تۆكتى يەنە كىم جانغا جۇنۇنلۇق ،
تۈنكۈنى مەستخۇش ئىچسەڭ بادىدىن .
4
قايغۇدا ئاپئاق كۆڭۈل ، شادى يامان كەلتۈرمىشىم ،
يالۋۇرۇپ كۆكتىن يېغىن ، گۈلدىن خازان كەلتۈرمىشىم .
نالەكىم ، ياتقانچە ئالەم پۇتلىرى ئاسمانىدا ،
تولغىنىپ تۇپراق بىلەن مۇڭدىن زامان كەلتۈرمىشىم .
غۇنچەسى كۈلمەس ئىدى ئىككى ئېقىن تەڭ ئاقمىسام ،
چۆللىرىم قانماس سۆيۈپ ئاسىي جاھان كەلتۈرمىشىم .
بەل بېغىدىن ئايلىنىپ يەتسەم تېغى قوشماقىغە ،
كۆزلىرىم جاڭگالىدىن بىرجۈپ قاۋان كەلتۈرمىشىم .
كۆرمىسەم تاڭ بوينى ئۆلمەس ئىدىم جەندەم بىلەن ،
ئاندا رىزۋان ئۆرتىنۇر ، دەۋزەخ ئاسان كەلتۈرمىشىم .
تالۇتال ياتتىم سۆزۈمدە نالە-زار كۈللەر ئارا ،
دانە -دانە ئوت كۆيەر تەندىن سامان كەلتۈرمىشىم .
قىينىما لەۋلىرىدىن جاننى سوراپ ، دېۋانىمەن ،
مەندە نە جان تۈنكۈنى ، جاندىن جانان كەلتۈرمىشىم …
5
مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر ،مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر ،
مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر ،مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر .
قىزىللىق يوق قارا كۈندە ، پاكىزلىق نە ناپاك تۈندە ،
قىقاسلىق بۇ غېرىب ئۈندە مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر .
قېنى تاڭلار ماڭا ئاتقان ، قېنى ھاڭلار قەلەم ياتقان ،
قېنى ئاڭلار سۆزۈم پاتقان ، مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر .
مۇھەببەتتىن چېقىلسۇن زار ، مۇشەققەتتىن يېقىلسۇن يار ،
مۇلاقەتتىن سىقىلسۇن دار ، مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر .
ئاتاي بىردەم قېنىمسىز ئېھ ، ساتاي بىردەم تېنىمسىز ئېھ ،
ياتاي بىردەم جېنىمسىز ئېھ ، مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر .
دوزاختا بىر كۆيۈم بارمۇ ، بىھىشتا كىم سۈيۈم بارمۇ ،
ئۆلۈمسىز راست كۆرۈم بارمۇ ، مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر .
كۆرەي دەيمەن -كۆيەي دەيمەن ، كۆيەي دەيمەن -سۆيەي دەيمەن ،
سۆيەي دەيمەن -ئۆلەي دەيمەن ، مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئۆلتۈر …
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى» مۇكاپاتى سەھىپىسىگە