كۆرۈش: 190|ئىنكاس: 3

تۈنكۈن(ئىزگۈگە ): غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«ئ‍ىزگۈ تور ئ‍ەدەبىياتى» غا تەۋسىيە

غەزەللەر

مۇھەممەد ئ‍ىمىن سەئىد ئ‍ۆمەر تۈنكۈن

                1

ئاقتى پەرىشان  نالەمگە دەردى ،
ئ‍ويناپ جېنىمدىن ئ‍الەمگە دەردى .
ئ‍اھتىن تۇمارى ، ياقتىن خۇمارى ،
ياتقاي پىچىرلاپ سايەمگە دەردى .
ئ‍ۈنلەپ سۆزۈمدە لەيلى كۆزۈمدە ،
مەجنۇن بىقارار ، ئ‍ادەمگە دەردى
بۇلبۇل ئ‍ۈنىدىن ، قايغۇ گۈلىدىن ،
ئ‍ىشقى كۈلىدىن ئ‍ايەمگە دەردى .
تۈندىن ئ‍ېچىلىپ ، كۈندىن چېچىلىپ ،
قالسۇن ئاخىرى  پايەمگە دەردى …



                2

ئ‍ەمدى مەندىن ئ‍ىشقى داستان قالدىمۇ ؟
ئ‍ەمدى سەندىن خاكى ئ‍اسمان قالدىمۇ ؟
بىر ئ‍ۇچۇپ ياندىم شارابنىڭ  دەردىگە ،
دەردىڭە دەرمانغانغا ئەپغان قالدىمۇ ؟
چۆرگىلەر مەجنۇننى چۆللەر ئ‍ۆرگىلىپ ،
لەيلىدە  گۈل ، گۈلدە بوستان قالدىمۇ ؟
ۋاھكى ، كۈلمەكلىك  مۇھەببەتتىن يىراق ،
بادەسىز  ئ‍ۆتمەككە ئ‍ىمكان قالدىمۇ ؟
قانمىغان كىم بۇ شېرىن جانغا  ئ‍اۋال ،
جانغا ئ‍ەنبەر -مۇشكى يالغان قالدىمۇ ؟
يەتمىسە پىچقان  كۆرۈمنىڭ توققۇزى ،
بىر نىگاھ قاتىلدا پىنھان قالدىمۇ ؟
ئ‍ەي قەلەندەرۇئ‍ەجەل دېۋانىسى ،
ئ‍ۆلگۈچە ئۆلگىلى ئىنسان قالدىمۇ ؟

               3

قاندىن قىزىلگۈل شەمشەر شادىدىن ،
جاندىن جاسارەت يارنىڭ يادىدىن .
مۈشكۈل مۇھەببەت ، مەشرەپ مۇشەققەت
تاپتى شەرەپشان دارنىڭ دادىن .
گۈل-گۈل گۈلەنبەر ، قەغەز قەلەم بەر ،
قەلبىم قەلەندەر بەرگىڭ قاتىدىن .
شەرھى شاھانە ئ‍اشىق ئ‍اۋارە ،
بولدى بىچارە دىلبەر ئ‍اتىدىن .
تۆكتى يەنە كىم جانغا جۇنۇنلۇق ،
تۈنكۈنى مەستخۇش ئ‍ىچسەڭ  بادىدىن .

                   4

قايغۇدا ئ‍اپئاق كۆڭۈل ، شادى يامان كەلتۈرمىشىم ،
يالۋۇرۇپ كۆكتىن يېغىن ، گۈلدىن خازان كەلتۈرمىشىم .
نالەكىم ، ياتقانچە ئ‍الەم پۇتلىرى ئ‍اسمانىدا ،
تولغىنىپ تۇپراق بىلەن مۇڭدىن زامان كەلتۈرمىشىم .
غۇنچەسى كۈلمەس ئ‍ىدى ئ‍ىككى ئ‍ېقىن تەڭ ئ‍اقمىسام ،
چۆللىرىم قانماس سۆيۈپ ئ‍اسىي جاھان كەلتۈرمىشىم .
بەل بېغىدىن  ئايلىنىپ يەتسەم  تېغى قوشماقىغە ،
كۆزلىرىم جاڭگالىدىن بىرجۈپ قاۋان كەلتۈرمىشىم .
كۆرمىسەم تاڭ بوينى ئ‍ۆلمەس ئ‍ىدىم جەندەم بىلەن ،
ئ‍اندا رىزۋان ئ‍ۆرتىنۇر ، دەۋزەخ ئ‍اسان كەلتۈرمىشىم .
تالۇتال ياتتىم سۆزۈمدە نالە-زار كۈللەر ئ‍ارا  ،
دانە -دانە ئ‍وت كۆيەر تەندىن سامان كەلتۈرمىشىم .
قىينىما لەۋلىرىدىن جاننى سوراپ ، دېۋانىمەن ،
مەندە نە جان تۈنكۈنى ، جاندىن جانان كەلتۈرمىشىم …

                      5

مېنى ئۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر ،مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر ،
مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر ،مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر .
قىزىللىق يوق قارا كۈندە ، پاكىزلىق نە ناپاك تۈندە ،
قىقاسلىق بۇ غېرىب ئ‍ۈندە مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر .
قېنى تاڭلار ماڭا ئ‍اتقان ، قېنى ھاڭلار قەلەم ياتقان ،
قېنى ئ‍اڭلار سۆزۈم پاتقان ، مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر .
مۇھەببەتتىن چېقىلسۇن زار ، مۇشەققەتتىن يېقىلسۇن يار ،
مۇلاقەتتىن سىقىلسۇن دار ، مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر .
ئ‍اتاي  بىردەم قېنىمسىز ئ‍ېھ ، ساتاي بىردەم تېنىمسىز ئ‍ېھ ،
ياتاي بىردەم جېنىمسىز ئ‍ېھ ، مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر .
دوزاختا  بىر كۆيۈم بارمۇ ، بىھىشتا كىم سۈيۈم بارمۇ ،
ئ‍ۆلۈمسىز راست كۆرۈم بارمۇ ، مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر .
كۆرەي دەيمەن -كۆيەي دەيمەن ، كۆيەي دەيمەن -سۆيەي دەيمەن ،
سۆيەي دەيمەن -ئ‍ۆلەي دەيمەن ، مېنى ئ‍ۆلتۈر ، مېنى ئ‍ۆلتۈر …

«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى» مۇكاپاتى سەھىپىسىگە

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-17 11:50:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-2-3-غەزەللىرىڭىزنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن مەشرەپنى كۆرگەندەك بولدۇم،
4- غەزىلىڭىزمۇ ياخشى چىقىپتۇ ،ئىجادىيەت ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-17 14:53:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويناق تۇيغۇلارغا تۇيۇنغان يارقىن مىسرالىرىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2016-3-18 13:42:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەزەللەرنىڭ رىتىمى بەك پەيزى چىقىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش