ئون بەش يىللار ئىلگىرى قەبرىستانلىقىنى يۆتكەش پەرمانىغا ئاساسەن بىزنىڭ جەمەتنىڭ قەبرىستانلىقىمۇ كۆچۈرۈلگەن. شۇ ۋاقىتتا قاتارى يەتتە قەبرىدىكى جەسەتلەر كۆچۈرۈلگەن بولۇپ، ۋاپات بولغىنىغا ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى چوڭئاپام زېۋەر خېنىم ئىكەن، باشقىلارغا 23كۈن، 40 كۈن، بىر يىل ئەتراپىدا بولغان بولۇپ چوڭئاپامغا تۆت يىل بولغان ئىكەن. ھەيران قالارلىقى ئوخشاش تۇپراققا ، بىر يەرگە دەپنە قىلىنغان بۇ يەتتە كىشىدىن پەقەت چوڭئاپاملا ھېلىلا ئۇخلاپ قالغاندەك شۇنداق نۇرانە ياتقان بولۇپ، ئەخرەتلىكى چىرىپ ، تىتىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزى ھىچقانداق چىرىماپتىكەن، باشقىلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى بىردىن تېرىپ كۆچۈرۈپ، چوڭئاپامنى بوۋاق بالىنى كۆتۈرگەندەك قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ دەپنە قىلغان ئىكەندۇق. ھازىر ئويلىسام تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئاپىرىپ كۆمىدىغان ئىشكەندۇق ، دەپ ئويلاپ قالىمەن. بىر كۈنلەردە قۇمنىڭ تەكتىدىن بايلىق ئىزدەپ يۈرگەن ئىكىسپىدىتسىيىچىلەر چوڭئاپامنى قېزىپ چىقىپ "كروران"مەلىكىسىنىڭ سىڭلىسى دەپ بىرەر مۇزىيخانىغا ئاپىرىپ ياتقۇزۇپ قويسا سېغىنغاندا بىرىپ كۆرۈپ كېلەتتىمدە...
|