كۆرۈش: 584|ئىنكاس: 27

تۇرغۇن مىجىت: قەبرە كۆچۈرۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-16 09:17:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قەبرە كۆچۈرۈش


باشلاندى،
ئۆلۈكلەرنى قايتا ئۆلتۈرۈش.
تۇيۇقسىز
تومۇزغا ئايلاندى،
دېكابىردا چىڭقىچۈش.
ئاتامنىڭ يېنى تېخى ئەمدى سوۋۇغان،
ئاپامنىڭ كۆزى تېخى ئەمدى ئۇيقىغا بارغان.
بىر توپ كىشىلەر كېلىپ
چەكتى قەبرىنىڭ ئىشىكىنى
مۇسىبىتىم يىرتىلدى يەنە.
كېلىپ يۈرەكنى ئەزدى،
بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈش.

2016-يىلى مارت

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 11:36:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تومۇز دېگەن سۆز زېمىستان دەپ خاتا ئېلىنىپ قاپتۇ.

ۋاقتى: 2016-3-16 22:59:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون بەش يىللار ئىلگىرى  قەبرىستانلىقىنى يۆتكەش پەرمانىغا ئاساسەن بىزنىڭ جەمەتنىڭ قەبرىستانلىقىمۇ كۆچۈرۈلگەن. شۇ ۋاقىتتا قاتارى يەتتە قەبرىدىكى جەسەتلەر كۆچۈرۈلگەن بولۇپ،  ۋاپات بولغىنىغا ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى چوڭئاپام زېۋەر خېنىم ئىكەن، باشقىلارغا 23كۈن، 40 كۈن، بىر يىل ئەتراپىدا بولغان بولۇپ چوڭئاپامغا تۆت يىل بولغان ئىكەن. ھەيران قالارلىقى ئوخشاش تۇپراققا ، بىر يەرگە دەپنە قىلىنغان بۇ يەتتە كىشىدىن پەقەت چوڭئاپاملا ھېلىلا ئۇخلاپ قالغاندەك شۇنداق نۇرانە ياتقان بولۇپ، ئەخرەتلىكى چىرىپ ، تىتىلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزى ھىچقانداق چىرىماپتىكەن، باشقىلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى بىردىن تېرىپ كۆچۈرۈپ، چوڭئاپامنى بوۋاق بالىنى كۆتۈرگەندەك قۇچاقلاپ كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ دەپنە قىلغان ئىكەندۇق. ھازىر ئويلىسام تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئاپىرىپ كۆمىدىغان ئىشكەندۇق ، دەپ ئويلاپ قالىمەن. بىر كۈنلەردە قۇمنىڭ تەكتىدىن بايلىق ئىزدەپ يۈرگەن ئىكىسپىدىتسىيىچىلەر چوڭئاپامنى قېزىپ چىقىپ "كروران"مەلىكىسىنىڭ سىڭلىسى دەپ بىرەر مۇزىيخانىغا ئاپىرىپ ياتقۇزۇپ قويسا سېغىنغاندا بىرىپ كۆرۈپ كېلەتتىمدە...

باھا سۆز

ئويلىمايمۇ چاقچاق قىلغىلى بولامدۇ؟چاقچاق دېگەن خىيالنىڭ مېغىزى!  ۋاقتى: 2016-3-18 10:42 PM
چاقچاق دېگەننىمۇ ئويلاپ قىلغۇلۇق  ۋاقتى: 2016-3-17 11:10 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-16 23:53:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسان ئۈچۈن ئاتا—بوۋىلىرىنىڭ قەبرىسىنى ئېچىشتىنمۇ ئېغىر ئىش بولمىسا كېرەك. ياكى بىراۋلارنىڭ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن قانداق بۇلىدىغانلىقىنى بىلەئۈسى كېلىپ شۇنداق قىلىۋاتامدىكىن.

ۋاقتى: 2016-3-17 11:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈم يېرىم  بولۇۋاتىدۇ.بىر يىللىرى مۇشۇ مۇنبەردىكى«داڭگال»نىڭ ئانىسىنىڭ قەبرىسىنى يوتكىگەن تېمىسىنى ئوقۇغان ئىدىم.
دادامنىڭ قەبرىسىمۇ تەھدىت ئىچىدە قەبىرىدىن نەچچە 10مېتىر كېلىدىغان يەرگە زاۋۇتلار سېلىنىپ كەتتى.

ۋاقتى: 2016-3-17 14:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇنجان يەنە مەن شائىر دىسىلە ،مۇبارەك بولسۇن

ۋاقتى: 2016-3-17 15:39:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم، بۇ شېئىرىڭىز ھەممىمىزنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان مۇھىم بىر تېما ئۈستىدە يېزىلىپتۇ. بىراق ماۋۇ « ئاپامنىڭ كۆزى تېخى ئەمدى ئۇيقىغا بارغان.» مىسرادىكى « ئاپامنىڭ» دېگەن سۆزنىڭ ئورنىغا « ئانامنىڭ» دېگەن يېقىملىق سۆزنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن. گەرچە « ئانا»نى « ئاپا»تەك « مەدەنىيلىك» ئومۇملىشىۋاتقان بولسىمۇ...ئالماشتۇرۇپ ئوقۇپ باقتىم، ئۈنۈمى يۇقىرى بولىدىكەن. يەنە مۇشۇ مىسرادىكى « ئۇيقىغا» دېگەن سۆزنى « ئۇيقۇغا» دەپ تەھرىرلەپ قويسىڭىز، ئامەتلەك بولۇڭ، دوستۇم!

ۋاقتى: 2016-3-17 16:13:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇنجان ئەسلىدىنلا بىر ياخشى شائىر ئىدى، بۇ شېئىردىكى تۇيغۇلار شائىرانە بالاغەتتىن دېرەك بېرىپ تۇرۇپتۇ....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-17 16:27:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلفۇندا يوللاپ بولغان نەرسىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن، ئابلاجان،تەكلڭپىڭىزگە كۆپ رەخمەت. قۇبۇل قڭلىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-18 13:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈكلەرنى قايتا ئۆلتۈرۈش.

ئاز ۋە ساز ھالەتتە ياخشى چىقىپتۇ. ئازلىق بىلەن كۆپلۈكنى ئىپادىلەش شېئىرىي تەپەككۇردىكى تىل ماھارىتى بولسا كېرەك.
زىمىننىڭ تۇپرىقى شۇنچىۋالا كەڭرى  بولغاندىكىن، ئەسلى قەبرىنى كۆچۈرمەي، قەبرىنىڭ ئورنىغا قىلىدىغان ئىشنى باشقا يەردە قىلسا بولاتتى. ئۆلۈكلەرنى ئۆگەيلىگەندەك قەبرىسىنى چەتكە يۆتكەش بىمەنىچىلەرنىڭ قىلىقى بولسا كېرەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 19:01:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تۈگەپ كەتكىنىگە ئالتە يىل بولغان ئاپامنىڭ شۇ ھالەتتە تۇرغىنىنى كۆرۈپ يۈرىكىم ئېزىلدى،مەھەللە كويلارمۇ ھەيران قالدى.

ۋاقتى: 2016-3-18 19:09:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىېرىڭىز ئىىخچام تېتىملىق چىقىپتۇ. قەلىمىڭىز بەرىكەتلەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-18 23:21:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇنجان شېئىرنىمۇ ياخشى يازىدىكەن ئەمەسمۇ ، ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2016-3-19 09:01:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چىققان شېئىرىكەن ،باشقىلار بۇ ھەققىدە تېخى يېزىپ باقىمىغان ئىدى

ۋاقتى: 2016-3-19 09:01:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى چىققان شېئىرىكەن ،باشقىلار بۇ ھەققىدە تېخى يېزىپ باقىمىغان ئىدى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش