يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 276|ئىنكاس: 8

تامچە: كەچمىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كەچمىش

بۈۋىھەجەر شىرىپ

كەچمىشنىڭ قوينىغا كۆمدۈم ھەممىنى،
يۇلتۇزلار چۈشىنى،ئاي خىيالىنى.
بىر ئوچۇم توپىغا قويدۇم باستۇرۇپ،
ۋىسالغا يەتمىگەن ئۈمىد زارىنى.

كەچمىشىم قەبرىستان -ئارمان قەبرىسى،
بىر تالاي ئارماننى مەن قىلدىم دەپنە،
دىدىڭمۇ قارچۇقۇڭ تېخىچە نەمدە،
يەنە بىر ئارمانغا ياسىدىم قەبرە.

يەرلىككە قويىمەن ئارمانلىرىمنى،
مەن ئۆزۈم ھازىدار،مەن ئۆزۈم گۆركار.
گۆر قىلدىم قەلبىمنى مىڭ يەردىن تىلىپ،
يېڭى بىر كەچمىشتە ئۈنسۇن چىمەنزار.

2016-3-15

باھا سۆز

بۇ تەلەپ ئورۇندالمىسا ئۆچۈرۈلىدۇ.  ۋاقتى: 2016-3-16 11:39 PM
تەخەللۇس كەينىدىكى ساننى ئېلىۋېتىڭ! يوللاشتا ئۆلچەملىك بولسۇن!  ۋاقتى: 2016-3-16 11:38 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-16 18:53:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىرىكىلىك مەنالارغا تويۇنغان مىسرالاردىن سۈيۈندۈم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-17 10:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇچ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-16 06:53 PM
لىرىكىلىك مەنالارغا تويۇنغان مىسرالاردىن سۈيۈندۈم .

رەھمەت

ۋاقتى: 2016-3-21 02:08:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇندەرىجىدە تۇنجى يازما دەپ ئەسكەرتىلىپتىكەن، لېكىن بۇ ماڭا خېلى پىشقان شىئېردەك تۇيۇلدى، قارىسام سىزدە شىئېرىي دىت باركەن، بوشاشماي تىرىشىڭ سىڭلىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-23 16:00:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 02:08 AM
مۇندەرىجىدە تۇنجى يازما دەپ ئەسكەرتىلىپتىكەن، لېكىن ب ...

مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت

ۋاقتى: 2016-3-23 23:47:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ چوڭقۇرچاقتەك ئويلىدىم. بىراق بۇ مۇنبەرگە يوللانغان تۇنجى يازما بولسىمۇ ئەمما قېرىندىشىمىز بۇۋىھەجەر ئىلگىرىمۇ خېلى كۆپ شېئىرلارنى يېزىپ قەلەمنى پىشۇرغاندەك قىلىدۇ.
ئىزچىل يېزىپ تۇرۇڭ بۈۋىھەجەر.

ۋاقتى: 2016-3-25 10:59:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئ‍ىجادىيەت قەدىمىڭىزگە ئ‍ۇتۇقلارئ‍ۇتۇقلار يار بولسۇن

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش