كەچمىش
بۈۋىھەجەر شىرىپ
كەچمىشنىڭ قوينىغا كۆمدۈم ھەممىنى،
يۇلتۇزلار چۈشىنى،ئاي خىيالىنى.
بىر ئوچۇم توپىغا قويدۇم باستۇرۇپ،
ۋىسالغا يەتمىگەن ئۈمىد زارىنى.
كەچمىشىم قەبرىستان -ئارمان قەبرىسى،
بىر تالاي ئارماننى مەن قىلدىم دەپنە،
دىدىڭمۇ قارچۇقۇڭ تېخىچە نەمدە،
يەنە بىر ئارمانغا ياسىدىم قەبرە.
يەرلىككە قويىمەن ئارمانلىرىمنى،
مەن ئۆزۈم ھازىدار،مەن ئۆزۈم گۆركار.
گۆر قىلدىم قەلبىمنى مىڭ يەردىن تىلىپ،
يېڭى بىر كەچمىشتە ئۈنسۇن چىمەنزار.
2016-3-15
|