1.جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2016-يىللىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئانا تىلدىكى ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ نەشر قىلىشقا ياردەم بېرىش مەخسۇس تۈرى، بۇ ئۇقتۇرۇش تارقىتىلىپ 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە تۈر يوللاش قوبۇل قىلىدۇ.
2.ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشا، شىنجاڭ، خۇبېي،خۇنەن، چوڭچىڭ، سىچۇەن، گۇيجو، يۈننەن، گەنسۇ، چىڭخەي، يەنبەن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمئىيەتلىرى شۇنداقلار «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى، مىللەتلەر نەشرياتى تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇنلار بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
3. يوللاش دائىرىسى
(1) ئېلىمىز چوڭ قۇرۇقلىقىدا ئاشكارە نەشر قىلىنغان، ئاز سانلىق مىللەت تىللىرىدا ئىجاد قىلىنغان ھەمدە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقۇرى ئەدەبىي مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن نەشر بۇيۇملىرى.
(2) ھېكايە، شىئېر (نەسرى شىئېر)، نەسر، ئادەبىي ئاخپارات (ئەدەبىي خاتىرە، تەرجىمھال ئەدەبىياتى)، ئەدەبىيات نەزەريىسى، ئەدەبىي ئوبزور قاتارلىق ژانىرلاردىكى مەخسۇس ئەسەرلەر توپلىمى.
(3) ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ساغلام، مىللى، دىن سىياسەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
(4) ئەسەرلەر نەشر ۋە ئاپتورلۇق ھوقۇقى مەسىلىلىرىگە چېتىلماسلىقى كېرەك.
(5) ئەسلى ئاپتور، ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىسى بولۇشى كېرەك، تەرجىمانغا چەك قويۇلمايدۇ.
4. يوللاش ئۇسۇلى
(1) بۇ تۈرگە تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇن ئەسەر يوللايدۇ، يەككە ئاپتورلارنىڭ بىۋاستە يوللىغان ئەسەرلىرى بىردەك قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەركەز ۋە گوۋۇيۈەنگە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئەسەر يوللىغۇچىلار، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئىجادىيەت-ئالاقە بۆلۈمىدە تەسىس قىلىنغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىغا بىۋاستە يوللىسا بولىدۇ. ئەسەر يوللاش گىراپىسىنىڭ جوڭگو يازغۇچىلار تورىدىكى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://www.chinawriter.com.cn
(2) ئەسەر يوللىغۇچىلار يوللاش گىراپىسىنى چوقۇم خەنزۇچە تولدۇرۇشى، تەرجىمە پىلانىنى شەرھىلىشى ھەم 10 خەت ئەتراپىدىكى تەرجىمە تېكستى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
(3) تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇن، يوللىنىدىغان ئەسەرلەرگە نىسپەتەن تاللاش ۋە دەلىللەش ئېلىپ بېرىپ، تەۋسىيە پىكرىنى يازغاندىن كېيىن ئۇنى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئىشخانىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە مەسئۇل بولىدۇ.
(4) ھەر بىر تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇننىڭ يوللايدىغان ئەسىرىنىڭ سانى 5 پارچە بىلەنلا چەكلىنىدۇ.
(5) ھەر بىر ئاپتورنىڭ بىر قېتىمدا پەقەت بىرلا پارچە ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بولىدۇ.
5. دەلىللەش، تەستىقلاش ۋە باشقۇرۇش
(1) ئانا تىلدىكى ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىشقا ياردەم بېرىش تۈرىنى دەلىللەش كومىتىتى ئەسەرنىڭ قىممىتى ۋە تەرجىماننىڭ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارىغا نىسپەتەن مۆلچەر ۋە باھالاش ئېلىپ بارىدۇ.
(2) تاللىنىشقا كىرگەن ئەسەرلەر، ئانا تىلدىكى ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىشقا ياردەم بېرىش تۈرىنى دەلىللەش كومىتىتى تەرىپىدىن 3|2 ئاۋازدا بېلەت تاشلاشتىن ئۆتۈپ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى سېكىرتارياتى تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىدۇ.
(3) ئانا تىلدىكى ئەسەرلەرنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلىشقا ياردەم بېرىش تۈرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىشخانە، تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇن، يوللىغۇچى قاتارلىق ئۈچ تەرەپ كېلىشىم تۈزۈپ، ھوقۇق ۋە مەجبۇريەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ.
(4) ئىشخانە ۋە تەۋسىيە قىلغۇچى ئورۇن ياردەم بېرىش تۈرىنى ئىز قوغلاپ ئىگەللەپ تۇرىدۇ. قەرەللىك ھالدا ئەسەرنىڭ تەرجىمە سۈرئىتىدىن ۋاقىپلىنىپ تۇرىدۇ.
(5) ئەسەرنىڭ تەرجىمىسى تۈگىگەندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر ئەسەر تەرجىمىسىنى كۆرۈپ بېكىتىدۇ.
6. خىزمەت تۈزۈمى
دەلىللەش ۋە تەستىقلاش تەرتىپىدە ئەستائىدىل بولۇش، تەۋسىيە قىلىش، دەلىللەش، تەستىلاش خىزمىتىگە مەسئۇل خادىملار ئۇنىڭ نەتىجىسىگە تەسىر قىلىدىغان نامۇۋاپىق ئىشلار بىلەن مەشخۇل بولماسلىقى كرەك. ئۇنداق بولمايدىكەن يوللىنىدىغان ئەسەرنىڭ يوللىنىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ. ناۋادا خىزمەتچى خادىملار ئەسەر يوللىماقچى بولسا، بارلىق ئىش ھالقىلىرىدا ئۇنىڭغا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش تەلىپى قويۇلىدۇ.
申报地址:北京朝阳区东土城路25号中国作家协会创联部
邮政编码:100013
联系电话:010-64489876
传 真:010-64489862
联系人:张绍锋