4
مەن تېخىلا تاقەت ئىشىكىنى تاقىغان ئىدىم،ۋىسال ئىشىكى بىر قەپەس تاقىلدىغىلى تۇردى،كۆڭلۈمنىڭ نىزالىرىدا شۇنچىلىك قازى بولۇپ كەتتىمكى،ئۇنىڭ مەيلى ئۈچۈن خۇشاللىق شەھرىدىكى ئەزىزلىرىمنى زىندانغا سولىۋەتتىم.گۇناھلارغا مەجبۇرمەن،تاللاشنىڭ دەھشەتلىرىگە قايغۇرىمەن،يەنە شۇ كۆڭلۈم ئۈچۈن،قەلبىمدە تىپىر-تىپىر قىلىۋاتقان مۇھاببەت ئۈچۈن.مىنى يازمىشلىرىڭلىغا مەيلى يېزىپ قۇيۇڭلار ئەي خوشاللىق سەھىپىلىرى،مەن تاكى ئاشۇ قىسمەتلىك چەكمىشلىرىم بىلەن يەنە، سىلەرنى بىر ۋاقىتلاردا ھامان سېغىنىپ بارىمەن،چۈنكى قايغۇلىرىمنىڭ ھەقىقىي مەنىسى يەنىلا سىلەر ئۈچۈن.
مىنىڭ كىملەر ئۈچۈن قاتتىق كۈيۈشۈمنى ئىشەنگەن دۇنيا،سەن ئاتالغان قايغۇلۇرۇمنىڭ شاتلىق دەقىقىلىرىگە، نەقەدەر تەشنالىقى بىلەن كۈيىدىغانلىقىنىمۇ ھامان ئىشىنىپ قالىدۇ.
بىلەمسەن ،ماڭا سەپەرداش بولىۋاتقان ئەي قۇرداشلىرىم ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ بۇ ئەسلىمە .
5
دۇنيا سەھىپىلەرسىز قالغان ئەمەس،ئۇ تالاي باھالارغا پۈركەنگەن.
شۇ تاپتا ئەسلىمە دۇنياسى قەدەملەرنىڭ ھەر بىر چامداشلىرى ئارا يېزىلماقتا،مەن تېخى كۆڭلۈمنىڭ ئىزھار قىلىپ بولالماستا ئۇ گۈلىستان سەھىپىلىرىنى ئازاپ قۇرلىرى بىلەن توشتۇرىۋېتىپتۇ،ھېچقىسى يوق،بۇنىڭغا ھېچقىسى يوق،قارا ئۇ گۈزەللىك دۇنياسىغا ئاشىق بۇلۇپتۇ،ئاشىقلىقتا ھىجران كەچمىشلىرىنىڭ يامراپ تۇرۇشى قەدەمدە بار ئىش.ئۇلۇغ نەۋايىمۇ ئاشىقلىق سەھىپىلىرىنى بىر ئۆمۈر يازغان.
سەنمۇ خۇرسۇنما ئەي كۆڭۈل ئەسلىملىرى،يۈرەكتە كىچىككىنە پىلدىرلاپ تۇرغان بىر يانغىن بار،ئۇنىڭ ئاشۇ يېنىشلىرى يەنىلا شۇ ئارمانلىق دەقىقىلىرى ئۈچۈن.
ئۇلۇغ دەقىقىلەرگە بىللە بارايلى ئەي مەن بىلەن قۇرداش بولغان ھەمداشلىرىم .بۇ يەردە نۇرانە سەھىپىلەر ياڭرىسۇن،چۈنكى ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ بۇ ئەسلىمە.
6
شاماللارنىڭ پەيلىدىنمۇ ياكى تەقدىرنىڭ چاقچىقىدىنمۇ بىلمىدىم،مەن ئاشىق بولغان يۇلتۇزنى، بۇ كېچە تۈننىڭ قاپقارا پەردىلىرى تامام توسۇۋالدى. مەن ئۇنىڭ چاقنىشىنى كۈتىمەن،سېغىنىشىم ئاسمانغا تاقاشقان،تۈن پەردىلىرى قاپقارا بۇلۇتلىرىنى تامام يايغان،ئۇ يۈرىكىمنى توسماقچى،يۈرىكىم قارا بۇلۇت پەردىلىرىنى تەشمەكچى.ئۇ روھسىز تىنىمدىن سادا كۈتۈپ ھەيۋە قىلىۋاتقان بولسا ،پەرۋاسىزلىقىم يۇلتۇزۇم خىياللىرىدا ئاللى بۇرۇن تۈن پەردىسىدىن ھالقىپ كەتتى.
كەلگىنە قەلەملەر، مۇشۇنداق ئېسىل دەقىقىلەرنى يازماسلىققا رايىڭ بارمۇ؟ سەن بىلىسەنۇ ياكى بىلمەيسەن.گۈزەل پەيىتلىرىڭ قەدەملىرىڭ ئارىسىدا سەن بىلەن ۋىدالىشىش خىيالىنى سۈرمەكتە.
يېزىۋال قەلەم،ئۇلۇغ دەقىقىلەرنى يېزىۋال.ھاياتنىڭ تېلىقىشىنى توسۇپ قالالمايسەن،ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ بۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر.
ئاھ مانا تار كوچىدا ئۇچرىشىپ قالغان دوستۇمنىڭ ھىجاراپ كۈلۈشلىرى ئارىسىدىكى كۆز قىسىشلىرى، ئاللىبۇرۇن ماڭا ئۆز مەنىسىنى ئېيتىپ بولدى،ئۇنىڭچە بولسا قىزىللىققا تولغان كۆزلىرىم بەلكىم، نازىننىڭ بوينىغا ئاسقان قىپقىزىل ئۈنچە-مارجاندەك، ئۇياق-بۇياققا يېپىشىپ ئىشرەت كەيپىدە قىزارغان ئالما.لېۋەنلەر مەيلىنى ئەقلىدىن بوغۇزلايدىغان، مۇھەببەت سېھرى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قىپقىزىل گىلاس.
شۇنداق كىشىلەر بىلەن قايغۇ ھەم شاتلىق مەنبەسىنى جانان كوچىسىغا باغلايدىغان،شۇڭا قىزارغان كۆزنىڭ كەيىپ يىپلىرىغا باغلىنىپ مەيدانغا چىقىشى ئانچە ھەيران تۇيۇلمايدۇ ماڭا.
7
مەن شۇ تاپ كۆڭۈل داۋاسىنى تىڭشىغۇچى قازى.
مەن شۇ تاپ گۈلنىڭ پىغانلىرىغا ھەمدەمدە بۇلىۋاتقان بۇلبۇل.
مەن شۇ تاپ قۇرۇق قول ئۈلۈپ كېتىۋاتقان ئەسلىملىرىمنى، ئەسلىمە دۇنياسىدىن ئۆچۈرگۈچى قاتىل ھەم كۆز يۇمۇشلاپ تۇرىدىغان گاداي.
مەن شۇ تاپ تۆمۈرچىنىڭ ئالدىدىكى دات باسقان بىرپارچە پولات.
مەن شۇ تاپ تەمى تەڭشىلىپ-تەڭشىلىپ تەڭشەلمىگەن سىن پىيالىدىكى چاي.
مەن شۇ تاپ شورلۇق زىمىنلار بىلەن خىيالەن تولا مۇڭدىشىپ،تۇرمۇشقا ئاشۇ ئاچچىق تەمنى بىللە ئېلىۋالغان يېقىمسىز بىر كارتىنا.
مەن شۇ بۈگۈنكى كۈنلەرنىڭ ئەتىكى كۈنلەرگە داتلاشلىرىنى، سۈكۈت ئىچىدە جىمجىت ئاڭلاپ تۇرغۇچى.
مەن شۇتاپ بۈگۈنكى كۈنلەرنىڭ ئەتىنىڭ ئەتىسىدىكى كۈنلەرگە قىلغان شىكايەتلىرىگە، تىزىلىپ كەتكەن ئامالسىزلىق بىلەن ئاچچىق كۈلۈپ قويغۇچى.
ئەنە ئاچچىق دەقىقىلەر يېتىپ كەلمەكتە.ئەنە قارا ئۆلۈم دارىنىڭ ئالدىغا مەردانە كېتىۋاتىدۇ ئەسلىمەم.كۆزلىرىم قىيالماسلىق نەزىرىدە كۆز ياشلىرىنى خانىسىدىن سۈر توقاي قىلدى.
ئىچىمدە ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.يۈرىكىمنىڭ قان تۇمۇرلىرىنى ئۆزۈم بىر-بىرلەپ ئۈزۈۋاتىمەن،چۈنكى ئۈلۈپ كىتىۋاتقان ھەربىر ئەسلىمەم ئۇنىڭ ھەر بىر قىلچە تۇمۇرلىرى ئىدى.
ئەقلىم يۈرىكىمگە پىچىرلىدى ئېچىنىشى بىلەن،ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمىنى تۇتۇپ قالغىنا ئۈمۈت قوينىدا،تېخى بۇ يەردە تۈگىمىگەن بۇرچلار بار.
2016.3.8
ئاۋات