كۆرۈش: 377|ئىنكاس: 12

بارمان: ئۆلۈپ كېتىدۇ ئەسلىمەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆلۈپ كېتىدۇ ئەسلىمەم

ئەيساجان ئىمىنياز بارمان

1
ئەپسۇسلىنىمەن!يىللارنىڭ دەھشەتلىرىگە ئەپسۇسلىنىمەن.
قۇدرەتلىك ۋاقىت قوينىدىكى مەردانە قەدەملەرنىڭ ھېرىپ چارچاشلىرىدىن كۆرە، ئۈمىد نۇرىنىڭ ئۆچۈشىدىن بەكرەك ئەپسۇسلىنىمەن.
        كىملەرنىڭ دېيەلمىگەنلىكىنى بىلىپ تۇرىمەن،كىملەرنىڭ كۈلەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرىمەن.ئۇلارنىڭ مۇڭلىرىغا مۇڭلانغىم كېلىدۇ،كۆز ياشلىرىغا ئۇلانغىم كېلىدۇ.
بىلىپ تۇرىمەن،مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بىلىپ تۇرىمەن،ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ ئەسلىمەم.
چۈنكى گۈزىلىم  گۈلشەنلىرىدە گۈزەللىك قىسسىلىرىنى داۋراڭ سالىدۇ يۇ؟ پىغانلىق ئەسلىمەمنىڭ قىسمەت دارىنىڭ ئالدىدا سۈرەن سېلىشى گۇناھلىق ئىشمۇ؟
       ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ ئەسلىمەم.ھايات مەندىن يىرگەنگىنىدە ياكى مەن قايتا ھىجران ئوتىدىن يېنىپ ئۈمىد گۈزەللىرىنى باغاش ئەتكەندە....
2
  شاماللار قۇلاق تۈۋىمدە يەڭگىل شىۋىرلىماقتا. ئېيتقانلىرى قەلبىنىڭ ماڭا ئېيتقان سۆزلىرى ئەمەس،قەلبىمنىڭ ئۇنىڭغا ئېيتقان سۆزلىرى.ئىزتىراپ قوينىدا مەست بولۇۋالغان دەقىقىلىرىمنى سوراققا چاقىرىمەن،قەلبىمنىڭ دات ئېيتىشلىرىمۇ؟ ئۈلۈشكە تەييارلانغان ئەسلىمىلىرىمنىڭ ۋىدالىشىش سۆزىمۇ؟
ئاھ شاماللا قۇلاقلىرىمغا توختىماي پىچىرلىماقتا....
ئايال زاتى ئۈستىدە مۇئەللەققە تاقاشقان ھېكمەت دۇردانىلىرىنى قۇلاقلىرىمغا ئۈزۈپ-ئۈزۈپ، دانە-دۇردانىلىرى بىلەن تەقمىس قىلماقتا،ماڭا ئوقۇبەتتىن مىسال ئاچماقتا.مەن كۆڭۈلنى ئىما قىلىپ گاچا بولىۋالدىم،كۆڭۈل كۆزىنى ئىما قىلىپ سەۋەب دۇنياسىغا ئۇنى تاشلىدى،كۆز شۇنداق پىچىرلىدىكى ھاياتلىق ئىشتىراكلىرىدا ئۆزۈمدىن  ئۆزۈمگە ئۆلۈمنى راۋا كۆرسەمتىم، ئەسلىمە مالامەتلىرىنىڭ ئېكرانە سەھىپىلىرى قاپقاراڭغۇلۇقتىن باشقىسى بولماس ئىدى.قاراڭغۇلۇقنى كۆڭۈلگە ئاشنا قىلغۇچە،تارتمىشلىرى ھىجران ئەسلىمىلىرى بولسىمۇ،سەۋدايى ئىشقى ئازارلىرى بىلەن دۇنيا ھەقىقىتىنى بىر چۈشەنگەن ئەۋزەل.
مانا شۇ چاغ چەكمىش سەۋەبىدىن يۈرەكلەر سېسىپ كەتسىمۇ،ئارمانلىرى يېنىپ تۇرغان يۈرەك غايە ئۈچۈن تېپىرلايدۇ.
كۆز پىچىرلىدى بۈگۈن سۆزلىۋال يۈرەك ئەتە ھايات ئېزىپ كېتىدۇ.
ئەسلىمە بىغۇبارسىز ئۆلۈپ كېتىدۇ.
3
          دۈپۈلدە يۈرەك دۈپۈلدە.تارتمىش دۇنيالىرىڭنىڭ مېڭىپ تۈگىمەيدىغان كوچىلىرى ئۈچۈن ئەمەس، ئەتىكى ماڭماقچى بولغان يېڭى كوچاڭ ئۈچۈن دۈپۈلدە.دوقمۇشلارغا دوقۇرۇپ يۈرمە،تۇتۇۋالىدىغانلار بار قوللىرىڭدىن،ئېسلىۋالىدىغانلار بار پۇتلىرىڭدىن.ئىشرەت بەزمىسىگە باشلايدۇ.غەيۋەت سورۇنىغا تاشلايدۇ،ئېزىقىسەن،ئېزىقتۇرىدىغانلار بار.غاجىلىسەن، غاجايدىغانلار بار.شاراب سورۇنىدا رومكىلارغا ئۆزرە ئېيتىسەن.ئىشمەيدىغان پەيىتلىرىڭدىن ئۇزاپ مەستلىكتە بىلىپ-بىلمەي كۈلىسەن،ئەۋج ئۇرغۇچى قەدەھلەر روھىڭنى ئۇرغۇتۇپ غايەڭنى يانپەشكە بوسۇرۇپ ئۇنتۇيسەن،قۇيۇندەك چۆرگۈلەيسەن دېڭىزدەك چايقىلىسەن،پەقەت شۇ كەيپنىڭ كەيپىدە.
ئاشۇنداق دوقمۇشلار بار،ئىشەنچىڭنى قىلچە كەلتۈرمەي كەچمىش دۇنياسىغا پاتۇرىدىغان.ئاشۇنداق دوقمۇشلار بار سىنى موللاقلاپ-موللاق ئاتقۇزىدىغان.ئەسلىمەم پاكىز بولسۇن دېسەڭ دۈپۈلدە يۈرەك ئەڭ ھەقىقىي يىرىڭدىن دۈپۈلدە.
ئاھ قەدىردان يۈرەك سەن ئەسلىمەڭنى قۇچاقلا،مەن ئەسلىمەمنى قۇچاقلاي،بىز سۆزسىز بىر ھايات ئەسلىدىن،بىر گۈزەل بەرگىدىن،بىر ئاتەش قوينىدىن تۇپراققا ئۇزايدىغانلارمىز،تۇپراقتا كۆكلەيدىغانلارمىز.
ئەسلىمە دۇنياسىنى بىراۋلارغا ئىشەنچ بىلەن قالدۇرماسلىق مەۋقەسى نېمە دېگەن توغرا ھە....
ئۇ ئەڭ گۈزەل قىلىپ بېزەلمىگىنىدە قەدرىڭ قەدىرسىز تۆكۈلىدۇ.
ئىشەنگىن ئەي يۈرىكىم، ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ ئەسلىمىمىز.
ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ ئەسلىمەم....
2016.3.1
ئاۋات

باھا سۆز

ئىمىنياز-ئىمىننىياز...  ۋاقتى: 2016-3-11 12:36 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-6 23:21:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىق توختاپ قالغۇدەك قايغا تىنىش بەلگە كېلەتتى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 09:57:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلىمىڭىزدىن سۈيۈندۇم.دىققەت قىلىمەن.رەھمەت سىزگە ئەرچىن...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-7 09:57:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلىمىڭىزدىن سۈيۈندۇم.دىققەت قىلىمەن.رەھمەت سىزگە ئەرچىن...

ۋاقتى: 2016-3-9 12:05:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ نەسىرىڭىزنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .تىرىشىۋاتقىنىڭىزنى كۈرۈپ تۇرۋاتىمەن ،سىزنى قوللايمەن .داۋاملىق ئالغا!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-11 00:24:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4
     مەن تېخىلا تاقەت ئىشىكىنى تاقىغان ئىدىم،ۋىسال ئىشىكى بىر قەپەس تاقىلدىغىلى تۇردى،كۆڭلۈمنىڭ نىزالىرىدا شۇنچىلىك قازى بولۇپ كەتتىمكى،ئۇنىڭ مەيلى ئۈچۈن خۇشاللىق شەھرىدىكى ئەزىزلىرىمنى زىندانغا سولىۋەتتىم.گۇناھلارغا مەجبۇرمەن،تاللاشنىڭ دەھشەتلىرىگە قايغۇرىمەن،يەنە شۇ كۆڭلۈم ئۈچۈن،قەلبىمدە تىپىر-تىپىر قىلىۋاتقان مۇھاببەت ئۈچۈن.مىنى يازمىشلىرىڭلىغا مەيلى يېزىپ قۇيۇڭلار ئەي خوشاللىق سەھىپىلىرى،مەن تاكى ئاشۇ قىسمەتلىك چەكمىشلىرىم بىلەن يەنە، سىلەرنى بىر ۋاقىتلاردا ھامان سېغىنىپ بارىمەن،چۈنكى قايغۇلىرىمنىڭ ھەقىقىي مەنىسى يەنىلا سىلەر ئۈچۈن.
مىنىڭ كىملەر ئۈچۈن قاتتىق كۈيۈشۈمنى ئىشەنگەن دۇنيا،سەن ئاتالغان قايغۇلۇرۇمنىڭ شاتلىق دەقىقىلىرىگە، نەقەدەر تەشنالىقى بىلەن كۈيىدىغانلىقىنىمۇ ھامان ئىشىنىپ قالىدۇ.
بىلەمسەن ،ماڭا سەپەرداش  بولىۋاتقان ئەي قۇرداشلىرىم ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ بۇ ئەسلىمە .
5
دۇنيا سەھىپىلەرسىز قالغان ئەمەس،ئۇ تالاي باھالارغا پۈركەنگەن.   
شۇ تاپتا ئەسلىمە دۇنياسى قەدەملەرنىڭ ھەر بىر چامداشلىرى ئارا يېزىلماقتا،مەن تېخى كۆڭلۈمنىڭ ئىزھار قىلىپ بولالماستا ئۇ گۈلىستان سەھىپىلىرىنى ئازاپ قۇرلىرى بىلەن توشتۇرىۋېتىپتۇ،ھېچقىسى يوق،بۇنىڭغا ھېچقىسى يوق،قارا ئۇ گۈزەللىك دۇنياسىغا ئاشىق بۇلۇپتۇ،ئاشىقلىقتا ھىجران كەچمىشلىرىنىڭ يامراپ تۇرۇشى قەدەمدە بار ئىش.ئۇلۇغ نەۋايىمۇ ئاشىقلىق سەھىپىلىرىنى بىر ئۆمۈر يازغان.
سەنمۇ خۇرسۇنما ئەي كۆڭۈل ئەسلىملىرى،يۈرەكتە كىچىككىنە پىلدىرلاپ تۇرغان بىر يانغىن بار،ئۇنىڭ ئاشۇ يېنىشلىرى يەنىلا شۇ ئارمانلىق دەقىقىلىرى ئۈچۈن.
ئۇلۇغ دەقىقىلەرگە بىللە بارايلى ئەي مەن بىلەن قۇرداش بولغان ھەمداشلىرىم .بۇ يەردە نۇرانە سەھىپىلەر ياڭرىسۇن،چۈنكى ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ بۇ ئەسلىمە.
6
   شاماللارنىڭ پەيلىدىنمۇ ياكى تەقدىرنىڭ چاقچىقىدىنمۇ بىلمىدىم،مەن ئاشىق بولغان يۇلتۇزنى، بۇ كېچە تۈننىڭ قاپقارا پەردىلىرى تامام توسۇۋالدى. مەن ئۇنىڭ چاقنىشىنى كۈتىمەن،سېغىنىشىم ئاسمانغا تاقاشقان،تۈن پەردىلىرى قاپقارا بۇلۇتلىرىنى تامام يايغان،ئۇ يۈرىكىمنى توسماقچى،يۈرىكىم قارا بۇلۇت پەردىلىرىنى تەشمەكچى.ئۇ روھسىز تىنىمدىن سادا كۈتۈپ ھەيۋە قىلىۋاتقان بولسا ،پەرۋاسىزلىقىم يۇلتۇزۇم خىياللىرىدا ئاللى بۇرۇن تۈن پەردىسىدىن ھالقىپ كەتتى.
كەلگىنە قەلەملەر، مۇشۇنداق ئېسىل دەقىقىلەرنى يازماسلىققا رايىڭ بارمۇ؟ سەن بىلىسەنۇ ياكى بىلمەيسەن.گۈزەل پەيىتلىرىڭ قەدەملىرىڭ ئارىسىدا سەن بىلەن ۋىدالىشىش خىيالىنى سۈرمەكتە.
يېزىۋال قەلەم،ئۇلۇغ دەقىقىلەرنى يېزىۋال.ھاياتنىڭ تېلىقىشىنى توسۇپ قالالمايسەن،ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ بۇ گۈزەل ئەسلىمىلەر.
          ئاھ مانا تار كوچىدا ئۇچرىشىپ قالغان دوستۇمنىڭ ھىجاراپ كۈلۈشلىرى ئارىسىدىكى كۆز قىسىشلىرى، ئاللىبۇرۇن ماڭا ئۆز مەنىسىنى ئېيتىپ بولدى،ئۇنىڭچە بولسا قىزىللىققا تولغان كۆزلىرىم بەلكىم، نازىننىڭ بوينىغا ئاسقان قىپقىزىل ئۈنچە-مارجاندەك، ئۇياق-بۇياققا يېپىشىپ ئىشرەت كەيپىدە قىزارغان ئالما.لېۋەنلەر مەيلىنى ئەقلىدىن بوغۇزلايدىغان، مۇھەببەت سېھرى يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قىپقىزىل گىلاس.
شۇنداق كىشىلەر بىلەن قايغۇ ھەم شاتلىق مەنبەسىنى جانان كوچىسىغا باغلايدىغان،شۇڭا قىزارغان كۆزنىڭ كەيىپ يىپلىرىغا باغلىنىپ مەيدانغا چىقىشى ئانچە ھەيران تۇيۇلمايدۇ ماڭا.
7
مەن شۇ تاپ كۆڭۈل داۋاسىنى تىڭشىغۇچى قازى.
مەن شۇ تاپ گۈلنىڭ پىغانلىرىغا ھەمدەمدە بۇلىۋاتقان بۇلبۇل.
مەن شۇ تاپ قۇرۇق قول ئۈلۈپ كېتىۋاتقان ئەسلىملىرىمنى، ئەسلىمە دۇنياسىدىن ئۆچۈرگۈچى قاتىل ھەم كۆز يۇمۇشلاپ تۇرىدىغان گاداي.
مەن شۇ تاپ تۆمۈرچىنىڭ ئالدىدىكى دات باسقان بىرپارچە پولات.
مەن شۇ تاپ تەمى تەڭشىلىپ-تەڭشىلىپ تەڭشەلمىگەن سىن پىيالىدىكى چاي.
مەن شۇ تاپ شورلۇق زىمىنلار بىلەن خىيالەن تولا مۇڭدىشىپ،تۇرمۇشقا ئاشۇ ئاچچىق تەمنى بىللە ئېلىۋالغان يېقىمسىز بىر كارتىنا.
مەن شۇ بۈگۈنكى كۈنلەرنىڭ ئەتىكى كۈنلەرگە داتلاشلىرىنى، سۈكۈت ئىچىدە جىمجىت ئاڭلاپ تۇرغۇچى.
مەن شۇتاپ بۈگۈنكى كۈنلەرنىڭ ئەتىنىڭ ئەتىسىدىكى كۈنلەرگە قىلغان شىكايەتلىرىگە، تىزىلىپ كەتكەن ئامالسىزلىق بىلەن ئاچچىق كۈلۈپ قويغۇچى.
ئەنە ئاچچىق دەقىقىلەر يېتىپ كەلمەكتە.ئەنە قارا ئۆلۈم دارىنىڭ ئالدىغا مەردانە كېتىۋاتىدۇ ئەسلىمەم.كۆزلىرىم قىيالماسلىق نەزىرىدە كۆز ياشلىرىنى خانىسىدىن سۈر توقاي قىلدى.
ئىچىمدە ئۆزۈم بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن.يۈرىكىمنىڭ قان تۇمۇرلىرىنى ئۆزۈم بىر-بىرلەپ ئۈزۈۋاتىمەن،چۈنكى ئۈلۈپ كىتىۋاتقان ھەربىر ئەسلىمەم ئۇنىڭ ھەر بىر قىلچە تۇمۇرلىرى ئىدى.
ئەقلىم يۈرىكىمگە پىچىرلىدى ئېچىنىشى بىلەن،ئەڭ ئاخىرقى ئەسلىمىنى تۇتۇپ قالغىنا ئۈمۈت قوينىدا،تېخى بۇ يەردە تۈگىمىگەن بۇرچلار بار.
2016.3.8
ئاۋات

ۋاقتى: 2016-3-11 10:45:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    بارماننىڭ قەلبىدە كۈچلۈك بىر شېئىرىي ئىلھام، مىللىي ئىچكۆيەرلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك مەۋج ئۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىش مۇمكىن. بارمان مەشىقنى توختىماستىن ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ تۇرسا، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بىزنىڭ ئەدەبىي قوشۇنىمىزدا بىر ھۆرمەتلىك بارمان سەپكە تىزىلغۇسى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-12 20:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنى دېسەم ئىنكاسىڭىزنى نەچچە رەت ئوقۇپ چىقتىم.مىنى شۇنداق ياخشى ئىلھاملارھەم قوللاشلار بىلەن تىرىشىشىمنى ئۈمىد قىلىپسىز،رەھمەت سىزگە ئىمىر.كىيىنكى يازمىلىرىمغىمۇ دائىم كىلىپ،قىممەتلىك تەكلىپلىرىڭىزنى بىرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-14 20:25:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنتۇپ كېتىسەن بەلكىم
                ئەيساجان ئىمىنياز بارمان

1
      پەردىسىز كوچىلارغا ھەيران قالمايمەن،بىلەمسەن سىر بولۇپ تۇيۇلمايدىغان دۇنيا، ئىچ سىرىڭنى سەندىمۇ بەتتەررەك تۆكىۋىتىشكە  ئۇستا،خۇددى ھەرقانداق ئىش مۇقەررەرلىك ئىلكىدىن قۇتۇلمىغاندەك.
ئۇنتۇپ كېتىشىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ، قەلبىمنىڭ نىدالىرىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرمەن.يەنە شۇ پەردىسىز كوچىلاردا مېڭىۋاتىمەن،سەن كۆرسەڭ سەن ئۈچۈن ماڭغاندەك،بىراۋلار كۆرسە ئۆزۈم ئۈچۈن ماڭغاندەك .خالىمىغان يۈز بېرىشلەرگە مەجبۇرلانغىنىمدا دادىل يۈزلىنىشمدىن ئەجەپلەنمە ،چۈنكى بۇ سېنىڭ توساتتىن كۆرۈپ قېلىشىڭ.بەك يۈزەكى ھېس قىلىشىڭ.
لېكىن مەيۈسلەنمەيمەن،ھامان ئۇنتۇپ كېتىسەن بەلكىم.
تۇيغۇمغا ئەسرا بولۇپ ئۇنىڭ مۇڭلىرىدا مۇڭلىنىشنى شۇقەدەر خالايمەنۇ، يەنە ئازاب ئىچىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىشنى ياخشى كۈرىمەن،چۈنكى ئازاپقا بىرىلمەكچى بولغان بەرداش ھەم غايىسى ئۈچۈن.
2
         ئىچىمنى چۈشىنىمەن،ئىچىڭدە ئۇنتۇلىمەن،ئۇنتۇشلىرىڭ ئارا بىر چۆچەككە ئايلىنىمەن.
ئىچىمنى سىر قىلمايمەن،سىرلىرىم سېغىنىشىم بىلەنلا خەلقى ئالەمگە سازايى بولۇپ كەتكەن.مەن سېغىنىشنىڭ قۇربانىمەن،
يۈرىكىمنىڭ لەختە بولۇپ كەتكەنلىكى تىنىمدىن ئىبارەت چۈمپەردىنىڭ ئىچىدە پىنھان قېلىپ،ئۆز قارنىنى يېرىپ كۆرسەتمىگەنلا يىرى بار خالاس.
     ئىچىمگە زەھەر شىشىسىنى سېلىۋالدىم،يا ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ،يا ئۇ زەھەرلەر ئىچىمدە تازلىنىپ ئۆلىدۇ.شاراب دۇنياسىنى خالىمىغان كۆڭۈلنى زەھەردىن قورقىدۇ دەپ قالما،ئاشىقلىق كوچىسىغا قەدەم باسقىنىڭدىن تارتىپ بۇ زەھەرلەر سەن ئۈچۈن تەييارلانغان.ئاشىقلىق بىر قارىساڭ يۈرىكىڭنى ياشناتقۇچى ھېكىمنىڭ مەخپىي رېتسېپى.
ئاشىقلىق بىر قارىساڭ سىنى سەۋدايى قىلغۇچى زەھەر دۇنياسى.
  ئىچىمنى شېئىرىيەت داستانىغا مەلھەم قىلىپ تۆكىۋەتتىم،بۇ تۆكۈشۈم ئۇنىڭ ئۆز ئازابىدىن كۆرە،ئازاب كوچىسىغا تۇيدۇرماي ئات سېلىپ كېلىپ قالغان ئاشىقى بىقارارلارغا ھەمدەم بۇلۇش ئۈچۈن.ئەسلى ماياك بولۇشنى ئىستىگەن ئىدىم،لېكىن ئاشىقلىقتىن ئىبارەت بۇ ساماۋى كوچىدا ماڭا ئۇستاز بولالايدىغانلارمۇ نۇرغۇن،مەن ئۇستاز بولالايدىغانلارمۇ نۇرغۇن.
     ئىچىمنى بابۇر غەزىلىنىڭ مەنىۋىيتىگە تولدۇرۇپ،ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك يەكۈنلىرىنىڭ ھېكمەتلىك ئۇزۇقلىرىنى روھىيىتىمگە كۈچ-مادار قىلىپ،بارماننىڭ ماڭالايدىغان كوچىسىغا يېڭى بىر مەشئەل قىلماقچى بولدۇم.چۈنكى ئىزلىرى بەك تېيىز بولۇپ قالسا ئاسانلا ئۇنتۇلىدىغان ئىنسانىيەت دۇنياسى، مېنى قاتتىق تەئەججۈپ ئىچىگە ئالدى. چۈنكى تۇتۇۋېلىشقا قادىر بولالمايدىغان دەقىقىلەر ئۇنتۇلۇش ئىچىدە ئۆچۈپ كېتىۋاتاتتى.
3
   ساداقەت بېغىدا بىر گۈلگە مەپتۇنكارلىغىمنى يۇشۇرالمىدىم.
ئىپارلار تۆكۈپ تۇرغان ئاي بەرگى ئۆزىنىڭ بۇ شەھىرى باغىستانىنىڭ تەڭداشسىز ھۆسىندارلىرىدىن ئىكەنلىكىگە گۇۋاھچى بولۇپ تۇرۇپتۇ.ئۈشبۇ دەقىقىلەردىكى زوقىمنى قايتۇرۇش ئەمدى مىنىڭ قۇلۇمدىن كېلىدىغاندەك ئەمەس،چۈنكى مەجنۇنلۇغۇم ئاللى بۇرۇن جانانۇ دىلبىرىنى يازما دەپتىرىگە يېزىپ بولدى.ئۇنىڭ ئەس-ھوشى   ئاشۇ گۈلدە .كۆزلەر گۈلگە قادالغان،مەپتۇنلۇق ئاشۇ گۈلگە ئاتلانغان،ھايات يەنە قاناتلانغان!
قوللار ئىشەنمەستىن كۆزلىرىمنى ئۇۋىلىدى.كۆزلەرنى شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بولدىكى گۈزەللىك يۈزلىرىدە بىر توپ ھەرىلەر گۈل چېڭىغا مەپتۇن بولۇپتۇ.
ئاشىقلىق جازاسى مانا مۇشۇ يەردىن باشلانماقچى.مۇھەببەت قىلىچى ئۆچىنى ئالماقچى.ئۆز قېنىدا ئاقمىغان قانلار ئۈشبۇ شاھىتلىقنىڭ گۇۋاھچىسى بولماقچى.ئاچچىقتىن بۇغۇلغان تەپەككۈرلەر ياتار يىرىدىن ئويغىنىپ ئىسيان قىلماقتا.
كىملەرنىڭ چېقىشتۇرۇشلىرى بىلدىم،ئەقلىمنىڭ تەنبىھىگە تۇتۇلدۇم.
ئۇ كايىشلىرى ئارا مۇنۇ ھېكمەتنى زاھىر قىلدى.
ھەرىلەرنىڭ قىلىقلىرىدىن ئاغرىنما،ئۇنىڭ ئىزتىراپلىرى سەن ئۈچۈن ھەم گۈلۈڭ ئۈچۈن.
مەن شەخسىيەتچىلىكىمنى تارتىپ چىقاردىم،بەلكىم شۇنىڭ ئىشى بولسا كېرەك.ئۇ ئۆزىنى ئاقلىدى،مۇھەببەت ئاشۇنداق شەخسىيەتچى.
كۈزنىڭ خاسىيەتلىرى ئارا يۇپۇرماقلارنىڭ سارغىيىغلىرىمۇ ئۇلانغىلى تۇردى،كۆردۈمكى چۈشۈۋاتقان غازاڭلار ئارا گۈلزارلىقتىكى بەرگىلەر تۈكۈلگەىلى تۇرۇپتۇ.يۈرەكىم ئەنسىزلىنىپ جىسمىمنى تىترەتتى.
ئاھ مىنىڭ يىگانە گۈلۈم.تەبىئەت سېھرى ئاياپ ئولتۇرمايدىغان سوۋغىلىرى بىلەن ئۇنى قسمەت ئىلكىگە ئاپتۇ.روھىمدىكى قۇتىغۇرلۇق سۆز باشلىدى.ئۆزۈڭگە ھاي بەرگىن،قىسمەتنىڭ پۈتۈلىشى شۇنداق.
مۇنۇ دەقىقىلەرنى كۆرۈپ تۇرغان قەلبىم ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قويدى.
ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن سەۋەب كېتەمدۇ؟ياكى چۇقۇم ئۇنتۇش كېرەكمۇ؟
نىقابلىرىڭنى چۆرىۋىتىپ ساداقىتىڭ بىلەن جاۋاپ بەر ئىنسان!
2016.3.13
ئاۋات

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 01:02:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4
   مېھرىبان ئاپامنىڭ ئاتەش ئوتلىرى يوللىرىمغا قادالغان تىكەنلىك ئازغانلارنى كۆيدۈردى،پالۋان سۈپەت ئۇلۇغ دادامنىڭ مەردانىلىكلىرى، روھىمغا غايىبتىن كىرىۋالغان قورقۇنچ يەجۇجىلىرىنى ئۆتكۈر قىلىچلىرى بىلەن چېچىپ ئۆلتۈردى.ئۇلار ئەڭ ئاددىي دېھقان،لېكىن قەلبىمدىكى ئۇلۇغ ساھىبىنىڭ ئىگىلىرى .
ئۇلار ئەڭ ئاددىي ياشىدى،لېكىن بىر ئۆمۈر پەرزەنت ئۈچۈن يۈرەك باغرىنى سەرپ قىلدى.
ھېلىمۇ ئېسىمدە زېرىكىپ چۇرقىراشلىرىمدا ئاپام دادامنىڭ پېشىلىرىغا چىڭ ئېسىلاتتىم،ئاپام گۈلنىڭ گۈزەللىك چۆچەكلىرىنى باشلايتى.دادام مەردانىلىك،باتۇرلۇق تەسۋىرلەنگەن چۆچەكلەردىن تارتىپ تاكى ئەپچىلەمنىڭ باينى بابلاشلىرىغىچە ئېيتاتتى.
ئېلىپبەنى تۈگىتىپ قاچان ساۋادىمنى چىقاردىم، شۇندىن چۆچەكلەر دۇنياسىغا چۆمدۈم.تۈگىمەيدىغان خەزىنە ،قەيسەرانە روھ،گۈزەللىك چەشمىلىرى،ئادىمىيلىك پەزىلەتلىرى،جۈملىدىن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ئۇلۇغلۇق ئەنە ئاشۇ چۆچەكلىرىمىزدە.
ئەي ئۇلۇغلۇق ئىگىلىرى بىرى ئاتا-ئانام ،يەنە بىرى چۆچەكلەر دۇنياسى . ئۇلارنىڭ سۈكۈت ئىچىدە ئۇنتۇلۇشلىرىغا چىداپ تۇرالمايمەن،يا قەلبىمنى بۇرچ تۇيغۇسىدا دارغا ئاسىمەن،يا ئۇ قەلەملەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇنتۇلماسلىق تەزكىرىسىنى يازىدۇ.
ئىشەن ئەي قەدىردانلار يۈرەك تۇيغۇ يوللىرىدا چوقۇم ئازمايدۇ.
سىلەرنى ئۇنتۇماسلىق ئۇمنىڭ مەڭگۈلۈك ئەھدى....
5
      مېھرى مۇھەببەتنى نۆل قىلىپ،خەزىنە دۇنياسىغا تۇتقۇن بولغان ئەي نەپسانىيەت دۇنياسى ،كەيپىڭنىڭ شاشلىقىدىن ئۆزۈڭنى تەمەننا ئاسمىنىدا كۆكتىنمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ قاقاقلاپ كۈلگىنىڭدە، رەزىل ئەپتىڭنى كۆرۈپ تۇرغان ھەققانىيەت دۇنياسى، سۈكۈت كوچىسىدا ئۇزۇن-ئۇزۇن چامداپ مېڭىۋاتاتتى.كېلىڭلار ئەي كەچكى شەپەق نۇرلىرى،قارايغان بۇلۇتلارنى قىزغۇچ نۇرلىرىڭلار بىلەن سېھىرلەڭلار.چۈشكۈنلۈكنىڭ چۇقانلىرىغا بوي بەرمەڭلار.ئۈمىد ئويغانسۇن،ئۇ سۈكۈت كوچىسىدىن چىقىپ، ئارمان چوققىسىغا قەدەم ئالسۇن.كىلىڭلار قاتار سۆگەتلەر كىلىڭلار،شوخ ئەركە تاللىرىڭلارنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەي،ئېرپان شەنىگە بەيگىگە چۈشكەنلەرنىڭ
قەدرى ئۈچۈن چاۋاك چېلىڭلار.پىغانلىق سەيناسىغا ئامالسىز چىقىپ قالغان قەلەملەر ساھىبىگە بىردەستە گۈل بىلەن ھۆرمەت سالامىنى بەخشەندە ئېتىڭلار.
ناۋادا بارچە ئىلىم ئەسلى قەلەمنى تاشلاپ،پۇل ئۈچۈنلا ئاتلانسا ئىدى،دۇنيا قورقۇنۇچلۇق مەھكۇمىيەت خارابىلىقىدا ئۆزىنى ھالاك قىلاتتى.
6
ئاھ ئۇنتۇلماس ئىلىم دۇردانىلىرى سەھىپىلەر قوينىڭنى كۆرىۋىتىپ،
ئۇنتۇلۇش ئىلكىدە تۇرغان شۆھرەتلىك ساھىبلىرىمىز ئۈچۈن، ئېچىنىش تۇيغۇم قەلبىمنى لەرزىدە تىلغىدى.بۇرچ تۇيغۇم قاتتىق ئۆكسۈشلەر ئارا قەلەمگە شۇنداق ئىلتىجالار قىلدىكى،ئۆچكەن شۇ مەرھۇملار ئۈچۈن ئۇنتۇلۇش دەقىقىلىرىدىن يىراق بولغان،مەمنۇنىيەت ۋە ھۆرمەت سەھىپىلىرىنى ئاپىرىدە قىلىشنى نىيەت قىلدى.   
       شۇ تاپ يەنە قەلبىمنى ئېغىر سۈكۈنات باستى.قەلەملىرىمدە تىنماي تىزىلىۋاتقان سەھىپىلەر يەنىلا شۇ ئۇنتۇشنىڭ ئېغىر
قىسمەتلىرى ئۈستىدە ئۇزۇن-ئۇزۇن تىزىلماقتا.
ئويغانغان ئېھتىراملىرىم ئۇنتۇلغان ۋە ياكى ئۇنتۇلۇش ئالدىدىكى ئاشۇ بۈيۈك شەرەپ ئىگىلىرى ئۈچۈن، ئۆز قەلبىدىن ھۆرمەت دەستىلىرىنى تۇتۇشنى ئارزۇ قىلماقتا.
ماڭا ئازراق ۋاقىت بەر ئەي ئالدىراڭغۇ دۇنيا،قەلەم كېچىكىپ بۇ ساھەگە كىرىپ كەلدى،لېكىن ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇش پۇرسىتى بار.
ئابدۇشۈكۈرمۇھەممەتئىمىننىڭ سەۋدالىق خاتىرىلىرىگە ئۇلىنىشقا جۈرئىتى بار.
سەۋدايى تۇيغۇلاردا بىرلا ئۇنىڭ كەم قالغان ئاتىلىشى بار،ئۇ ئۇنتۇلماسلىق دەقىقىسى ئۈچۈن ئۇنتۇپ كەتكەنلەر بىلەن بەيگىگە چۈشتى.
بۇ غەمنىڭ پېشانىگە پۈتۈلىشىمۇ ياكى پارلاق گۈلشەننىڭ ئەتىكى نۇرانىلىرى ئۈچۈنمۇ؟
ئەي دۇنيا، ئۆزۈڭ قازىگەرلىك قىلغىن دېگەن ئۈمۈدنى ياياي دېۋدىم،ئەمما ئەپسۇسلۇنۇشۇم تەپەككۈرئېلھاملىرىنى ھاي بەرگۈزدى.ئېھتىمال بىر كۈنلەردە مىسلىسىز ئېتىبارلىق سۈپەتلىرىڭدىن كۆرە،شاھانە نەزەرلىرىڭ بىلەن ئۇنتۇش-ئۇنتۇلۇش سەيناسىغا ئۇسۇلغا چۈشكەنلەرگە، ھەر كىملەر قېچىپ قۇتۇلمايدىغان ئۇنتۇلۇش دەرسىنى تەكرار-تەكرار ئۆزۈڭ ئۆتەرسەن.
2016.3.14
ئاۋات

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-19 23:40:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوينىڭدىكى نېمە
ئەيساجان ئىمىنياز بارمان

1
-مەن قىزىمدىن مېھرىم بىلەن سورىدىم،بوينىڭىزدىكى نېمە؟   
-مارجان.ئۇ قىزىقىپ سورىدى قولىڭىزدىكى نېمە كىتاب؟
دېدىم: مارجاننامە.
    ئاجايىپ سەھەرلەر كەينى-كەينىدىن باشلاندى  مانا،قەلبىمنىڭ لەگلەكسىمان ئۇچۇۋاتقان تۇيغۇلىرى قانچە-قانچە ئادەملەرنىڭ ئاچچىق ھېسلىرىغا قۇتۇلۇپ،قىرتاق سەھىپىلەرنى قەلبىمگە پاش قىلماقتا.
زامان زاماننىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى، بۈگۈندىن باشلانمىغانلىقىنى قەدىمكىلەر ئاللى بۇرۇن سۆزلەپ بولغانلىقى ئۈچۈن،مەن ئۇ سەھىپىدىن چەتنەپ، بارچە گەپنى تىرىك مەۋجۇدىيەت ئۈستىگە ئاچتىم.
ئاچقان سۆزلىرىم خاتا بايانلارغا باشلىسا،توغىرسىنى بىر كۈنلەردە بىلىمەن،ئېيتماي دېسەم قەلبىمنىڭ بوينۇمغا تىكلىگەن بۇرچ تۇيغۇسىدا يانغان ئوتلاردا كۆيىمەن.
2
قانداق قىلىش ئۈستىدە ئويلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە قىسىلدىميۇ،يەنە ئاللىقاياقلارغا كېتىپ بارغان بىر توپ كىشىلەر كەينىدىن كېتىپ بارىمەن.ئۇلارغا تەبىر بېرىشىم شۇنچىلىك قىيىنغا توختىدىكى،ئىششىق ئەھلىدىنمىكىن دېسەم يا ئۇنىڭغا ئوخشىمىدى،لېكىن ھەر كويلاردا يانىدۇ.
ماددىي موھتاجلىقنىڭ قۇربانلىرىمىكىن دېسەم،موھتاجلىقى ئەلىمىدىن ياخشىراق،ئەسلا ئاچ-يالىڭاچلىق ھالىتىنى كۆرمىدىم.لېكىن كۆزۈمدە بىر پاجىئە زاھىر بولدىكى: ئۇلارنى غەيۋەت كوچىلىرىنىڭ ئاۋات كوچىسىدا،نادامەت شەھرىنىڭ چۈشكۈنخانىسىدا تىقما-تىقما بۇلۇشۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
ۋەھىمە پۇراپ تۇرغان ئېزىقىش،ۋارقىرىيالمايدىغان ئاۋاز،قايتىلانمايدىغان ئەكس سادالار،ئۆزىنى يامان يولدىن قايتۇرالمايدىغان پۈچەك مەنىۋى روھ....
قوداڭشىپ كەتكەن مەنىۋى روھىيەت ئۆزىنى ئوتنىڭ قوينىغا ئېتىشنى ياكى ئوت قوينىدىن تارتىپ چىقىرىشنى كېڭەش قىلماقتا،
ئۈلۈۋېلىش ئالدىدا تۇرغان ئۆزلۈك جىددىي-جىددىي سوئاللارغا
دۇدۇقلاپ،ئوقۇغان مەكتەپلىرىنى ساناپ چىقماقتا.
خىجىللىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپ ئۆتمەيدىغان يامان قىتىغۇر بىر روھ ئۆز شۆھرىتىدىن مەغرۇرلانماقتا....
3
       گويا تاماشا مەلئۇنلىرىغا ئوخشاش تۇتقۇنلۇققا چۈشكەن دەقىقىلەردىن خەۋەرسىز، ھايات يولىدا قالتىس بىر مېڭىۋاتىمەن دېگەن بىلەن بەكرەك بەسلىشىپ مېڭىپتىمەن.كىملەر ئالدىغا ئۆتۈپتۇ،مەن پېشىنى تارتىپتىمەن،قەتئىي نىيەتتە مەن دېگەنلەر تېخىمۇ تېزراق مېڭىپتۇ،سەن پېشىنى تارتىپسەن.ئاشۇنداق ئىلمەكسىمان تارتىشلار ئارا غوۋغالاردا چايقىلىپ،تۇرمۇشنىڭ مېڭىش يولىدىكى كەڭرى سەينادا قايناپ توختىمايدىغان قازانلارغا تۇترۇخ بولۇپتىمىز ياكى ئۆت بولۇپ كۈيۈپتىمىز،ئەپسۇس قازاندا قايناپ قۇۋۋەتلەنگەن مەلھەم بولالماپتىمىز.
بارغانچە قېچىپ كېتىۋاتقان پەزىلەت دۇنياسىنى چاقىرىپ-چاقىرىپ ئاۋازلىرىم پۈتكەندە،ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كەتكەن قەلبىمنىڭ تادان قەلبىنى چۈشەندىم.
ئاۋازلىرىمنى پۈتۈن ئۆچۈرۈپ،كۆزلىرىمنىڭ ياش پەردىسىنى مەھكەم يېپىپ،قەلبىمنىڭ بارچە ئەركىنلىكىنى ئۆز قولىغا تۇتقۇزۇپ،ئۆزۈمنى يىغا دۇنياسىغا ئاتتىم.قەددىمنىڭ ھالىتى ھېچ ئىشتىن خەۋەرسىزدەكيۇ، لېكىن يۈرۈكۈم ئۆزىنى تاشلىۋېتىشكە تەييار تۇرماقتا.
پەيتىمنىڭ چاغلىقى پەيمانىمغا زەئىپلەرچە قاراپ تۇرغاندا، بىر تەننىڭ ئادەملىك تەپەككۇر دۇنياسى چاڭ-توزان قاپلىغان زېمىن يۈزلىرىدەك، غۇۋالىقتا قاياققا مېڭىشنى بىلگىلى بولمايدىغان ئاچا يوللارغا گاڭگىراش ئىچىدە تەلمۈرمەكتە.
سەرسان بولۇۋاتقان ئۆزلۈكىمنى يېنىمغا قايتا چاقىرىمەن.
ئېزىقىشنىڭ نۇمۇس تەپتىدىن ئەرلىكىمدە قاتتىق-قاتتىق چىڭقىلىمەن.
-ئۆھھۈ،ئۆھھۈ،ئۆھھۈ....
ئۆمۈر ھەر بىر ۋاراقلىرىنى پەلەك گەردىشىگە يىرتىپ –يىرتىپ تاپشۇرماقتا.ئاپئاق،نەقەدەر ئاپئاق، ئەنە كۆردۈڭمۇ؟ ئاۋۇ ئۆمۈر بەتلىرى.
ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ تەبىر بېرىۋالغان يالغان قالتىسلىقىڭ بىلەن تەمەننا قىلما،تەنلىرىڭ ساڭا پىچىرلاۋاتىدۇ،
نېمە دېگىنى ئاۋۇ سۈڭەكلىرىم چېقىۋاتىدۇ، يۈرەكلىرىم
كۆيۈۋاتىدۇ،يۆتىلىم تولا؟

2016.3.18
ئاۋات

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-30 23:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4
ئەسلى ھاياتقا ھېساب ئىشىكلىرى ئېچىلىۋىتىپتىكەندە،ئالدىراڭغۇ قەدەملەر ئىشىك ئالدىغا كېلىپ بوپتۇ،
ئويغان چۈشكۈن روھىيەت ئويغان،كۈنلەردىن سورا:مەنىسىنى دەپ بىرىدۇ.كىچىك ۋاقىتلىرىڭنى ئەسلە،توزغاق پۈۋلەپ ئۇچۇرۇپ ئوينىغان چاغلارنى،ئاشۇ سەن پۈۋلەپ ئۇچۇرىۋاتقان توزغاقلار مانا بۈگۈن سىنى يانلىرىغا چاقىرماقتا.
ئويغان ھايات ئويغان،سەھىپىلىرىڭ يەنىلا ئاق،يا توزغاق كەبى ئۇچۇپ كۆزلەردىن غايىب بولىسەن،يا گۈلىستان شەنىگە كىرىپ،خۇش ھىدلىرىڭ بىلەن مەڭگۈ دىللاردا داستان بولىسەن.
سەن بىلەمسەن :ھايات بىر قارىسا كېمىيىۋاتقان تۇلۇن ئايغا ئوخشايدۇ،سەن ئۇنىڭ تولغان گۈزەللىكىدىن مەمنۇنلانسەڭ ئۇ ئەتىلا ئورغاق ئايغا ئايلىنىدۇ،كۈنلەر پەقەت تۇلۇن ئايدىن ئورغاق ئايغا ئايلىنىش قانۇنيىتىنىلا ئۆگەنگەن،لېكىن ئۇنىڭ دەۋرلىنىشىدىن ئەزەلدىنلا مۇستەسنا.
بىر دەقىقە كۆتۈرۈلگەن خام-خىيالنىڭ ئارزۇسى
كۆزلىگەن نىشانىدا، سىنى شەۋكەتلىك تەنتەنىسىگە چاقىرىدۇ دېگەندىن كۆرە ھايات ئېزىقىۋاتىدۇ دېگەن تۈزۈكرەك.
ئېيىتقىنا ئەي ئىنسانىيەت ئارىسىغا سەييارىلەردەك كېلىپ كېتىپ تۇرىدىغان تەپەككۇر دۇنياسى، ھايات گۈللىرىنى ئاشۇنداق سىلىق سۆز ،ھىيلە مىكىر،ئويۇن تاماشا بىلەن كۆكلىتىپ گۈلىستان قىلىدىغان ئىش بولسا، ئاشىقلار دۇنياسى بىلەن ھەقىقەت دۇنياسى بۇ باقى دۇنيادا يەنە نېمىلەرنى ساقلايدۇ؟
مەن ئاڭلىدىم.سەن ئاڭلىدىڭمۇ؟
5
  لايلايغا قېتىلىپ ئېيتىلىۋاتقان مۇھەببەت زېمىنغا پىچىرلىماقتا، ئادەم ئاتا- ھەۋۋا ئانا بىلەن تەڭ
زېمىنغا ئاپىرىدە بولغانمەن.
ئىنسانىيەت ياشىسا تەڭ ياشايمەن،ئۇلار ئۆلسە تەڭ ئۈلىمەن.
بوسۇغا تۈۋىدە ماراپ تۇرغان مۇھەببەت زىمىنغا پىچىرىلىماقتا،بۇلبۇل گۈلنىڭ ۋەسلى ئۈچۈن ئىششىق سەۋداسىدا ئاغزىدىن مۇھەببەت قېنىنى قۇسقىنىدا ،شۇ قىپقىزىل قانلار ئارىسىدا مەن بار ئىدىم.
كۆپ ئويلاندىم،سەۋرىمنى ئۇنتۇلۇپ،سۆزلىمەي دېسەممۇ سۆزلەۋاتقان مۇنۇ بايانلار ھەققىدە ئويلاندىم.
ئەسلى بىلسەم قەلبىمدە يېنىۋاقىنى مۇھەببەت،مېنى داغدام باشلاپ كېتىۋاتقىنى ھايات ھەقىقىتى،مېنى تەئەججۈپلەندۈرىۋاتقىنى بوينۇمدىكى بۇرچ تۇيغۇسى ئىكەن.
      كىتاپلارنى كەزدىم ،ئابدۇقادىر گىلانىنى ئۆز خىجالەتچىلىكى ئۈچۈن تەڭرىدىن كۆزلەرگە قارغۇلۇقنى ئىستەپتۇيۇ،مەن ئۆز خىجالەتچىلىكىم ئۈچۈن ئەتىكى يالغانچىلىقنى ئىستەپتىمەن.
گەر دېمىسەممۇ تاپالامسەن سەن!
ئېيتسام،ئىچىمگە ئوغرى كىرىپتۇ.بۇ ئوغرى كىملەرنىڭ ئىچىدىن قېچىپ كەلدىكىن بىلمىدىم.ئۇ بۇ ساراينى ئاختۇرۇپ،ئالتۇن –كۈمۈش مال-دۇنيا تاپالمىغاننىڭ ئەلىمىگە بۇدۇشقاق ئۇرۇقىنى چېچىپ قۇيۇپتۇ.شۇندىن بېرى ئەقلىمگە بۇدۇشقاق ئەگىشىپ،روھىمغا چاپلىشىدىغان،ئارغىماقتەك ئالدىغا چېپىۋاتقانلارنى كىملەر بىلەن بىرلىشىپ تارتىشىدىغان بولدۇم مانا.
بەلكىم تارتىۋاتقىنى مەن،سەن ياكى ئۇ ....
بەلكىم ئۇ بۇرچنى ئۇنتۇغان روھىيەت ئالىمى....
ساڭا قاچان قايتۇرۇپ بولارمەن ئاھ بوينۇمدىكى قەرزىيەت دۇنياسىنىڭ قەرزىنى!
2016.3.26
ئاۋات

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش