يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 387|ئىنكاس: 6

ھۆرىيەت: مەرھۇم قۇربان باراتقا مەرسىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-3-6 12:12:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئ‍اق روماللىق پەرىزاتنىڭ پەريادى
ھۆرىيەت مۇھەممەت

لىرىك شائىر قۇربان باراتقا تەزىيەنامەم

"يېشل ھايات "سارغايدى بۈگۈن
مەن دەسسىگەن تاشلار يېرىلىپ
تۇلۇنئايمۇ  چىقماس ئ‍اسمانغا
پەرىزاتنىڭ ئ‍ىشكىنى چېكىپ .

تاغدىن چۈشمەس سۈزۈك سۇ ئ‍ەمدى
چاڭقاشلاردا قالار تەبىئەت.
يۇرىكىمنى قاقشاتقان ئ‍ۆلۈم
شائىر ئ‍ۈچۈن سىناقتۇر پەقەت.

تاغدەك بەردەم ئ‍ىدى قەلىمى
كائىناتنى قىلاتتى تەسلىم
ئ‍انا تىلنىڭ بۇلاقلىرىنى
ئ‍ېچىپ-ئېچىپ قانمايتتى قەلبىم.

ئ‍اھ كەتتىڭىز چېچەكلىك باغدىن
بەلكىم سىزگە گۈللۈك باغ باردۇر
"ئ‍اق رۇماللىق پەرىزات"كەبىي
ھايات سىزگە مەڭگۇ باھاردۇر.

2016-3-6


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-6 12:35:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن

ۋاقتى: 2016-3-6 13:43:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋىر تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-3-6 13:56:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر قۇربان بارات مەن ئۇلۇغ بىلىدىغان، قەلبىمدىن چۇڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانتلىق شائىر ئىدى،
ئۆلۈم ھەممىنى ئۆز قوينىغا ئالىدىكەن، مەرھۇمغا جەننەتتىن ئورۇن تىلەيمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-6 13:58:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈم ئاسمىنىدا بىر بايراق  (شائىر، ژۇرنالىست، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىىيىتىنىڭ يىرىك ۋەكىلى قۇربان باراتقا مەرسىيە)  بىر كۈندۈزدىن يەنە بىر كۈندۈزگىچە ئۆتۈپ كېتەر نۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۇلارغا پەرۋا قىلمايمىز كۆرىۋاتقىنمىز ھېچقانچە ئىش بولمايۋاتقان سۆيىۋاتقىنىمىز ھەيكەل، لەۋلىرى مۇز بولىۋاتقان كۈيلەر پەسلىدە، ئاق لېچەكلىك پەرىزاتلار ساماغا كەتكەن مۇشۇنداق كۈنلەردە ئاسمان كۆكسى يېرىم ساڭگىلىغاندىن بۇيان بېشىمىزنى ئۈستۈن قىلمىغان ئەي، مېنىڭ مۇسىبەت مەيلىرىگە قانمايدىغان قەلبىم بۈگۈن نېمە ئىش بولدى… ~ شۇنداق بولدى، دېدىڭ كۆز يېشىم ئىچىڭدە ئاقسۇن ئۆلۈم ئاسمىنىغا يەنە بىر بايراق كۆپەيدى، ئەمدى ئاڭا يىغلان!……  2016/3/6(يەكشەنبە)

ۋاقتى: 2016-3-7 18:12:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-3-7 22:44:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن!!!ھەقىقەتەن  ھەممىمىز پەخىرلىنىدىغان تالانتلىق،مول ھۇسۇللۇق شائىر ئىدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش