ئاق روماللىق پەرىزاتنىڭ پەريادى
ھۆرىيەت مۇھەممەت
لىرىك شائىر قۇربان باراتقا تەزىيەنامەم
"يېشل ھايات "سارغايدى بۈگۈن
مەن دەسسىگەن تاشلار يېرىلىپ
تۇلۇنئايمۇ چىقماس ئاسمانغا
پەرىزاتنىڭ ئىشكىنى چېكىپ .
تاغدىن چۈشمەس سۈزۈك سۇ ئەمدى
چاڭقاشلاردا قالار تەبىئەت.
يۇرىكىمنى قاقشاتقان ئۆلۈم
شائىر ئۈچۈن سىناقتۇر پەقەت.
تاغدەك بەردەم ئىدى قەلىمى
كائىناتنى قىلاتتى تەسلىم
ئانا تىلنىڭ بۇلاقلىرىنى
ئېچىپ-ئېچىپ قانمايتتى قەلبىم.
ئاھ كەتتىڭىز چېچەكلىك باغدىن
بەلكىم سىزگە گۈللۈك باغ باردۇر
"ئاق رۇماللىق پەرىزات"كەبىي
ھايات سىزگە مەڭگۇ باھاردۇر.
2016-3-6
|