فىزىكىدا تەبىئەت دۇنياسىدا ئىپادىلەنمەيدىغان،ئىنسان كەشىپ قىلغان ،ئىنسان ئىرادىسىگە بويسۇندۇرۇلغان قانۇن دەيدىغان قانۇن بولمايدۇ.بولسا ئۇنىڭ ئىسمى،ئېنىقلىمىسى بولۇشى كىرەك.بار دېسىڭىز ئەشۇنداق قانۇندىن بىرەرنى تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ.
سىز مۇھاكىمە تېمىسىدىن بەك چەتنەپ كەتتىڭىز.
______________
سىز گېپىمنى ئازراق بۇرمىلاپ چۈشۈنىۋاپسىز. تەبىئەت دۇنياسىدا ئىپادىلەنمەيدىغان، مۇنداقچە ئېيتقاندا سىز كۆرەلمەيدىغان ھالەت تەبىئەتتە ئەسلىدە بار بولغان، لېكىن ھەرخىل كۈچلەر ئۇنى توسۇۋالغان ھالەتنى كۆرسۈتىدۇ. شۇڭا باشتىكى ئىنكاسىمدا مەن مۇنداق يازغانىدىم
:«تەبىئەت دۇنياسىدىن كۆرەلـمىگىنىڭىزنىڭ سەۋەبى تەبىئەتنىڭ مۇتلەق ھەرىكەتلەرگە يول قويمايدىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، قاسىمكا! مەسىلەن، سۈركىلىش كۈچى، جىسىملارنىڭ تەكشىسىزلىكى، خىلـمۇ ـ خىل كۈچلەرنىڭ تەسىرى دېگەندەك ئامىللار. بۇنداق چاغدا ئادەم مېتافىزىكىلىق تەپەككۈر ئارقىلىق تەبىئەتكە يوشۇرۇنغان ئاشۇ قانۇنىيەتنى تاپىدۇ.»
مۇنازىرىدە نەدە ئەسلى تېمىدىن قېيىپ كەتكەنلىگىنى بىلمىدىم. سىز قېيىپ كەتتى، دېدىڭىز. ئەمما، «فىزىك ئەپەندىلەر...» دېگەن مۇشۇ گېپىڭىزدىن سىز بۇ مۇنازىرىنى زادى نېمىگە ئىشلەتمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى ياخشى بىلدۈرەلمەپسىز. قورساقتىكىنى كۆرسەتمەي تۇرۇپ، قېنى قورسىقىمدىكىنى تاپ دېسىڭىز بولمايدۇ ئەمەسمۇ.
مېنىڭچە، مەن ئۆزۈمنىڭ بىلىدىغان دائىرىسىچىلىك سىز بىلەن ھوزۇرلۇق پاراڭلاشتىم، دەپ قارايمەن. فىزىكىنىڭ بەك چوڭقۇر يەرلىرىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئالى مەكتەپ تەنتەربىيىسىنىڭ نەزەرىيە قىسمى فىزىكا، خېمىيە، فىزىيولوگىيە، پىسخىكا، سىتاتىستىكا ئىلمى، ماتېماتىكا، گېيومېتىرىيە بىلەن ناھايىتى زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەن نەزەرىيەنى خېلى ئوبدان ئوقىغان. بىلەلىگۈچىلىك دائىرىدە مۇنازىرىلىشىپ باقتىم. خالىسىڭىز پات-پات قوشۇق سېلىپ تۇرىشىم مۈمكىن، مۇشۇنداق.