لىكىن،مۇشۇ ئىدىئال چەمبەر تەبىئەتنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتى دەپ قارالماسلىغى كىرەك.بىزنىڭ ئىدىيەمىزدىكى ئىدىيال رىياللىق ئوبىكتىپ تەبىئەت دۇنياسى بۇيسۇنىدىغان قانۇنىيەت بولالمايدۇ ۋە بولالماسلىغى كىرەك.
تەبىئەت قانۇنلىرىنى تۇرغۇزۇشتا تەبىئەتنىڭ ئوبىكتىپ رىياللىقلىرى ئەندىزە بولىشى،ئەكسىچە ئىدىئال،ئەمىلى بولمىغان،سوبىكتىپ ئىدىيەلەر ئەندىزە بولماسلىغى كىرەك.بىلىش ئوبىكتى بىلەن بىلىشنىڭ ئەمىلى گەۋدىسى بىرمۇ-بىر ماسلىق تۈزگەندىلا ئاندىن بۇ بىلىش توغرا ۋە تولۇق بىلىش ھېساپلىنىدۇ.
___________________________
ھۆرمەتلىك قاسىمكا، تەبىئەتنىڭ ئوبېكتىپ رېئاللىقى، دېگەن نېمە؟ مەنچە، تەبىئەتنىڭ ئوبېكتىپ رېئاللىقى تەبىئەتنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى رېئاللىقىدۇر، ئاخىر! ئادەم تەبىئەتنى قانداق چۈشەنسە تەبىئەت شۇنداقتۇر. بۇ يەردىكى ئادەم يالغۇز يەككە ئادەم بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. نۇرغۇن ئادەم بىرلىشىپ مەلۇم قانۇنىيەتنى توختىتىدۇ. لېكىن بۇ قانۇنىيەتلەر تەبىئەتنىڭ مۇتلەق قانۇنىيىتى ئەمەس. مەسىلەن، «كۈن شەرقتىن چىقىپ غەرپكە پاتىدۇ» دېگەن بۇ قانۇنىيەتنى سىز مۇتلەق توغرا دېيەلەمسىز؟ ياق! مەن ئۇنداق دېمەيمەن! ھامان بىر كۈنى مەلۇم بىر ئاسترونومىيەلىك ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن بىز ئاسمان جىسىملىرىنى شەرت قىلىپ ئېڭىمىزدا تۇرغۇزغان شەرق،غەرپ، جەنۇپ، شىمال دېگەن بۇ ئۇقۇملىرىمىز گۇمران بولىدۇ. شۇ چاغدا قۇياشنىڭ نەدە تۇرغانلىقىنىمۇ ئاڭقىرالماي بىزمۇ گۇمران بولىمىز!
سىز دېگەندەك ھەممە قانۇنىيەت، ھەممە مەلۇمات، ھەممە بىلىملەر تەبىئەت دۇنياسىدا «مانا مەن ماۋۇ يەردە، كەل مېنى تېرىۋال» دېسە ئادەم نېمىگە ئىزدىنىدۇ.
ئادەمنىڭ قانۇنىيەت، مەلۇمات، بىلىملەر دېگىنى، پەقەتلا پەقەت چىنلىقنىڭ مەلۇم بىر يۈزى، مەلۇم بىر تەرىپى، خالاس! بۇ دېگەنلىك، ئادەم مەلۇم بىر قانۇنىيەت، مەلۇم بىر مەلۇمات، مەلۇم بىر بىلىمنى مەجبۇرىي توختىدۇ. ئاشۇ نەرسىلەر ھەقىقەتنىڭ پارچىلىرى، خالاس. ئادەم ئەقلى يەتكەن دائىرىچىلىك ئىزدىنىدۇ ۋە شۇ يەردە توختىتىپ، ئۇ ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ. شۇڭا بىلىشنىڭ دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بارىدۇ. بۇنداقكەن، سىز ئەمدى جاۋاپ بېرىپ بېقىڭ، تەبىئەتنىڭ ئوبېكتىپ قانۇنىيىتى زادى نېمىكەن؟