يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: مەردان

مەردان: «جۇاڭزى» دىن پارچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-13 20:22:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر ئىككىمىز مۇنازىرىلەشسەك، سەن يېڭىپ، مەن يېڭىلسەم، سېنىڭ راستىنلا توغرا، مېنىڭ راستىنلا خاتا بولامدۇ؟
ئەگەر مەن يېڭىپ، سەن يېڭىلسەڭ، مېنىڭ راستىنلا  توغرا، سېنىڭ راستىنلا خاتا بولامدۇ؟
ئەجىبا ئىككىمىزنىڭ بىرى چوقۇم توغرا، بىرى چوقۇم خاتامۇ؟
ئەجىبا ئىككىلىمىزنىڭ توغرا ياكى ئىككىلىمىزنىڭ خاتامۇ؟
بۇنى ئىككىمىزنىڭ ئايرىشىغا ئىمكان يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشىلەر ئەسلىدىنلا نادان تۇرسا، بۇنى كىممۇ ئايرىپ بېرەلىسۇن؟
قارىشى سېنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىرىنى ئايرىغۇزامدۇق؟
مادامىكى قارىشى ساڭا ئوخشايدىكەن، قانداقمۇ توغرا ئايرىيالىسۇن؟
قارىشى مېنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىرىنى ئايرىغۇزامدۇق؟
مادامىكى قارىشى ماڭا ئوخشايدىكەن، قانداقمۇ توغرا ئايرىيالىسۇن؟
قارىشى ئىككىمىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىرىنى ئايرىغۇزامدۇق؟
مادامىكى قارىشى ئىككىمىزگە ئوخشىمايدىكەن، قانداقمۇ توغرا ئايرىيالىسۇن؟
قارىشى ئىككىمىزنىڭكىگە ئوخشايدىغان بىرىنى ئايرىغۇزامدۇق؟
مادامىكى قارىشى ئىككىمىزگە ئوخشايدىكەن، يەنە قانداقمۇ توغرا ئايرىيالىسۇن؟
سەنمۇ، مەنمۇ، باشقىلارمۇ بۇنى ئايرىيالمىسا، يەنە كىممۇ بۇنى ئايرىيالىسۇن؟
توغرا بولغىنى ھەقىقەتەن توغرا بولسا، ئۇ تەبىئىيلا خاتاسىدىن پەرقلىنىدۇ، مۇنازىرە قىلىش كەتمەيدۇ،
راست بولغىنى ھەقىقەتەن راست بولسا، ئۇ تەبىئىيلا يالغىنىدىن پەرقلىنىدۇ، مۇنازىرە قىلىش ھەم كەتمەيدۇ.
ئوخشىمىغان ئاۋازلاردىكى ئوخشاش ئاۋازنى تىڭشا.
بىر نەرسىنىڭ مىڭ خىل ئۆزگىرىشىنى تونۇ ۋە ئۇنىڭ يۈرىشىگە ئەگەش.
ئۇنىڭ يۈرىشىگە ئەگەشكەن ھالەت قانداق بولىدۇ؟
ئۇندا توغرا بولغىنى توغرا ئەمەس، خاتا بولغىنى خاتا ئەمەس كۆرىنىدۇ.
ھايات بىلەن ماماتنى، ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇنتۇپ، ئاشۇ بىرلىكنىڭ چەكسىزلىكىدە تۇر.
مانا بۇ پۈتكۈل تۇيغۇچىلارنىڭ پۈتمەسلىكتە ئولتۇراقلىشىشىنىڭ سەۋەبى.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-17 23:40:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ياشاشنىڭ ئېزىش ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەي؟
ئۆلۈمنىڭ زاكىلىقىدا ئايرىلىپ، قېرىغۇچە قايتمىغان بىر ماكان ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەي؟
چۈشىدە شاراب ئىچكەن ئادەم، تاڭ سەھەردە يىغلىشى مۇمكىن؛
چۈشىدە قان يىغلىغان ئادەم، ئەتىسى ئات چاپتۇرۇپ يۈرىشى مۇمكىن.
چۈشتىكى ئادەم ئۆزىنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
چۈشىدە بىر چۈشنىڭ تەدبىرىنى سورىغان ئادەم، ئويغانغاندىن كېيىن ئۇنىڭمۇ چۈش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئىنساننىڭ ئەڭ تۇيغۇنىلا ئۆزىنىڭ بىر چوڭ چۈشتە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
ئىنساننىڭ ئەڭ ھاماقىتىلا ئۆزىنى ئويغاق ۋە ھەممىنى بىلەرمەن سېزىدۇ.
كۇڭزىمۇ، سەنمۇ چۈش ئىچىدە، سىلەرنى چۈش ئىچىدە دېگەن مەنمۇ ھەم چۈش ئىچىدە.
مانا بۇ تىلسىمات دېيىلىدۇ."



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 11:54:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋ راست ھەم چىندۇر، شەكىلسىز ھەم بولۇمسىزدۇر؛
تۇيغۇلى بولار دېگىلى بولماستۇر، تۇرغىلى بولار كۆرگىلى بولماستۇر؛
ئۆزى ئۆزىگە ئۇل، ئۆزى ئۆزىگە يىلتىزدۇر، ئاسمان-زېمىندىنمۇ بۇرۇن، ئەزەلىيدۇر؛
روھلارنى ئۇ ئاپىرىدە قىلغان، ئاسمان-زېمىننى ئۇ بەرپا قىلغان؛
ئەرشىئەلادىنمۇ ئۈستۈندۇر ئەمما يۇقىرىدا ئەمەس، ئالتە قۇتۇپتىنمۇ پەستۇر ئەمما تۆۋەندە ئەمەس؛
ئالەمدىنمۇ بۇرۇن شۇندىمۇ ئۇزۇن ئەمەس، قەدىمدىنلا بولغان شۇندىمۇ كونا ئەمەس؛
شى ۋېي ئۇنىڭ بىلەن ئالەمنى تىزگىنلىگەن؛
فۇشى ئۇنىڭ بىلەن ئەسلىيەتنى تەڭشىگەن؛
يەتىكەن يۇلتۇزى ئۇنىڭ بىلەن مەڭگۈلۈككە قېقىلغان؛
كۈن-ئاي ئۇنىڭ بىلەن ئۆچمەسلىككە يۈرگەن؛
كەن خۇەي ئۇنىڭ بىلەن كوئىنلۇنغا كىرگەن؛
فېڭيى ئۇنىڭ بىلەن دەريالارنى كەزگەن؛
جىيەن ۋۇ ئۇنىڭ بىلەن تەيشەننى قولىغا ئالغان؛
خۇاڭدى ئۇنىڭ بىلەن پەلەككە چىققان؛
جۇەن شۈ ئۇنىڭ بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئوردا قىلغان؛
يۈ چىياڭ ئۇنىڭ بىلەن شىمالىي قۇتۇبتا پۇت تېرىگەن؛
ئوماي ئۇنىڭ بىلەن شاۋ گۇاڭ تېغىدا ئورۇنلاشقان؛
پېڭ زۇ ئۇنىڭ بىلەن سەككىز يۈز يىل ياشىغان؛
فۇ يۆ ئۇنىڭ بىلەن شەرق يۇلتۇزىنى ھارۋا، قاپلان يۇلتۇزىنى ئات، ئوت يولۋاس يۇلتۇزىنى چاق قىلىپ،
يۇلتۇز ئىلاھلىرى قاتارىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغان؛
ئۇنىڭ باش- ئاخىرىنى بىلگىلى بولماستۇر.


*شى ۋېي، فۇشى... فۇيۆ: خەنلەرنىڭ قەدىمكى ھەرخىل ئىلاھ، خانلىرى.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 13:42:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"مەن داۋنى سۆزنىڭ ئوغلىدىن ئاڭلىغان،
سۆزنىڭ ئوغلى ئەسنىڭ نەۋرىسىدىن ئاڭلىغانىكەن،
ئەسنىڭ نەۋرىسى سۈزۈك سەزگۈدىن ئاڭلىغانىكەن،
سۈزۈك سەزگۈ تىرەن ھادىسىدىن ئاڭلىغانىكەن،
تىرەن ھادىسە ئىنچىكە تۇيغۇدىن ئاڭلىغانىكەن،
ئىنچىكە تۇيغۇ چوڭقۇر تەنھالىقتىن ئاڭلىغانىكەن،
چوڭقۇر تەنھالىق كەڭرى بوشلۇقتىن ئاڭلىغانىكەن،
كەڭرى بوشلۇق ھېچنېمىدىن ئاڭلىغانىكەن."



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 01:51:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقيا، تور، قاپقان قاتارلىق نەيرەڭ كۆپەيسە،
قۇشلار ئېگىز ئاسماندىلا ئۇچۇپ يۈرىشىدۇ؛
قارماق، تور، قەپەس قاتارلىق نەيرەڭ كۆپەيسە،
بېلىقلار چوڭقۇر دېڭىزدىلا ئۈزۈپ يۈرىشىدۇ؛
قاشا، توسۇق، رېشاتكا قاتارلىق نەيرەڭ كۆپەيسە،
ھايۋانلار قويۇق ئورماندىلا تاقلاپ يۈرىشىدۇ؛
يالغان-ياۋىداق، ھىيلە-مىكىر، پەندى-نەسىھەت دېگەندەك رەڭۋازلىق كۆپەيسە،
كىشىلەر نۇتۇققىلا ئالدىنىپ يۈرىشىدۇ.
شۇڭلاشقا جاھاننىڭ مالىمان بولۇش سەۋەبىنى
نەيرەڭۋازلىقنىڭ ئارتىپ كېتىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
ھەممە بىلمىگەنلىرىنى تولۇقلاش بىلەن ئاۋارە،
بىلگەنلىرىگە قاراپ بېقىشقا ئادەم يوق؛
ھەممە ئۆزى توغرا ئەمەس دەپ قارىغىنىنى تەڭلىكتە قويۇش بىلەن ئاۋارە،
توغرا دېيىلگەنلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ئادەم يوق.
شۇڭا جاھان پاتپاراقچىلىق ئىچىدە قالىدۇ.
جاھاننى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغىنى
دەل ئاشۇ ناكەس نۇتۇقچىلارنىڭ
سۇسلۇق ۋە بولۇمسىزلىقنى ئۇنتۇپ،
ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي قىلىشقان ۋەزلىرى.



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-31 15:55:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇلىرى قۇرىغان جىرا تېخىمۇ ھەيۋەت كۆرىنىدۇ،
ئويمانلىقلار ئولتۇرۇشقىنىدىن تېخىمۇ بولۇق كۆرىنىدۇ.
دانىشمەنلەر ئۆلسىلا،
ئوغرى-قاراقچىلارمۇ قايتا ئەۋجىمەي، جاھان تىنجىيدۇ.
دانىشمەنلەر ئۆلمىسە،
ئوغرى-قاراقچىلارمۇ تىنجىمايدۇ.
جاھاننى مەيلى قانچە دانىشمەنلەرچە باشقۇرۇشمۇ،
ئوغرى-قاراقچىلارغا چوڭ يول ئېچىپ بېرىشتۇر.
كىشىلەرگە جىڭ، تارازا قاتارلىق ئۆلچەم بېكىتىلىپ بېرىلسە،
قاراقچىلار جىڭى، تارازىسى بىلەن بىللە بۇلاپ كېتىدۇ؛
كىشىلەرگە ماندات، مۆھۈر قاتارلىق كىملىك بېكىتىلىپ بېرىلسە،
قاراقچىلار ماندىتى، مۆھۈرى بىلەن بىللە بۇلاپ كېتىدۇ؛
كىشىلەرگە ئادىللىق، رەھىمدىللىك قاتارلىق ئەخلاق بېكىتىلىپ بېرىلسە،
قاراقچىلار ئادىللىق، رەھىمدىللىكى بىلەن بىللە بۇلاپ كېتىدۇ.
نېمىشقا بۇنداق بولىدۇ دەيمىز؟
ئالتۇن-مەرۋايىت، ئىشتان-كەمەر ئوغرىلىغان كىشى جازاغا تارتىلىدۇ،
يۇرت-ماكان، دۆلەت ئوغرىلىغان كىشى بولسا، پادىشاھ ئاتىلىدۇ.
بىرئوغرىلانغان دۆلەتتىمۇ يۇقارقى ئۆلچەملەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغان تۇرسا،
بۇ پۈتكۈل دانىشمەنلىك بىلەن ئەخلاقنى بىللە ئوغرىلىغىلى بولىدىغانلىقى بولماي نېمە؟
شۇڭلاشقا، ئاشۇ بارلىق چوڭ-كىچىك ئۆلچەملەرنى بىللە ئوغرىلايدىغانلارنى
يۈكسەك ئىنئام ياكى ۋەھشى جازا بىلەنمۇ توسىغىلى بولمايدۇ.
قاراقچىلارنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋېتىدىغان بۇ ھەممە تەدبىرلەرگە
ئەنە ئاشۇ دانىشمەنلەر سەۋەبچىدۇر.



ۋاقتى: 2016-3-31 16:34:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جۇاڭزى»نى خەنچە ئوقۇپمۇ چۈشىنىش بەك تەس ئىدى. لېكىن سىز بەك ئېسىل تەرجىمە قىلىپسىز.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-31 22:11:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭلاشقا، دانىشمەنلەرنى يېقىتىپ، ئەقىلنى تاشلىغاندا،
قاراقچىلىقنى توختاتقىلى بولۇر؛
ئالتۇن-مەرۋايىتنى بۇزۇپ، قاشتاشلارنى تاشلىغاندا،
ئوغرىلىقنى توختاتقىلى بولۇر؛
مۆھۈرنى چېقىپ، مانداتنى يىرتىپ تاشلىغاندا،
سۈنئىيلىكنى توختاتقىلى بولۇر؛
جىڭنى ئۆرۈپ، تارازىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغاندا،
دە-تالاشنى توختاتقىلى بولۇر؛
دانالارنى يوقۇتۇپ، تەدبىرلەرنى تاشلىغاندا،
خەلقنىڭ ئاھىنى توختاتقىلى بولۇر.
نوتىلارنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، چالغۇلارنى بۇزۇپ، شىكۇاڭنىڭ* قۇلىقىنى ئەتكەندە،
ئەڭ تەبىئىيسىنى ئاڭلىغىلى بولۇر؛
نەقىشلەرنى تۈزلەپ، رەڭلەرنى ئۆچۈرۈپ، لىجۇنىڭ* كۆزىنى ئەتكەندە،
ئەڭ تەبىئىيسىنى كۆرگىلى بولۇر؛
ئىلمەك-تانابنى چۆرۈپ، سىركۇل-سىزغۇچنى ئۇرۇپ، گوڭچۈينىڭ* بارماقلىرىنى سۇندۇرىۋەتكەندە،
ئەڭ تەبىئىيسىگە قايتقىلى بولۇر.
شۇڭلاشقا دېيىلەر:
"ئەڭ ياخشى ماھارەت كالامپايلىقتۇر"
سېڭ، شىنىڭ* قىلىقلىرىنى يوق قىلىپ، ياڭ، مونىڭ* كالپۇكلىرىنى ئامبۇردا قىسىپ، رەھىمدىللىكنى تاشلىغاندا،
جاھان ئۆز يولىدا بولۇر.
كىشىلەر ئەڭ تەبىئىيسىنى كۆرسە، جاھاندا بۇزۇلۇش بولماس؛
كىشىلەر ئەڭ تەبىئىيسىنى ئاڭلىسا، جاھاندا بوغۇلۇش بولماس؛
كىشىلەر ئەڭ تەبىئىيسىنى بىلسە، جاھاندا قايمۇقۇش بولماس؛
كىشىلەر ئەڭ تەبىئىيسىدە تۇرسا، جاھاندا دوقۇنۇش بولماس.
ئاشۇ سېڭ، شى، ياڭ، مو، گوڭ، لى دېگەنلەرنىڭ
كىشىلەرگە ئۆزىنى كۆرسىتىپ ۋە بۇنى ئۇلارنى ئالداش ئۈچۈن قىلىپ يۈرۈشلىرى
دانالارچە دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ نەقەدەر بىكېرەك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.


*شىكۇاڭ: ئەمىنىيە دەۋرىدىكى مەشھۇر مۇزىكانت.
*لىجۇ: خۇاڭدى زامانىدىكى كۆرەرمەن.
*گوڭچۈي: قەدىمكى دەۋردىكى ئۇستات.
*سىڭ، شى: سىڭزى بىلەن شى، قەدىمكى دەۋردىكى رەھىمدىللىك ۋە ساداقەت تەلىماتچىلىرى.
*ياڭ، مو: يېغىلىق دەۋرىدىكى مېھرى-مۇھەببەت ۋە كۆپچىللىك تەلىماتچىلىرى.




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-3 00:26:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"ھېچبىر شەيئى پۈتمەستۇر، بىراق كىشىلەر چېكى بار دەپ ئويلىشىدۇ؛
ھېچبىر شەيئىنى ئۆلچىگىلى بولماستۇر، بىراق كىشىلەر مەركىزى بار دەپ ئويلىشىدۇ.
سۆزدىكى داۋنى ئوقۇيالىغان ئادەم، ئۈستىدە خان، ئاستىدا بەگ بولالايدۇ؛
سۆزدىكى داۋنى ئوقۇيالمىغان ئادەم، ئۈستىدە يۇلتۇز كۆرۈپ، ئاستىدا توپىغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
بۈگۈنكى بۇ پۈتۈن گۈللىنىشلەر تۇپراقتىن كەلگەن، تۇپراق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
شۇڭا مەن سىلەردىن ئايرىلىپ، ئاشۇ ئاخىرلاشمايدىغىنىنىڭ ئىشىكىدىن كىرىپ، يوقلۇق باياۋىنىدا كەزمەكچىمەن.
ئۇندا مەن كۈن-تۈنگە ئارىلىشىمەن، ئاسمان-زېمىنغا بىرلىشىمەن.
ئۇندا مەن كەلگىنىنى قارشى ئالمايمەن، كەتكىنىنى ئۇزاتمايمەن.
ھەممە ئادەم ئۆلۈپ كېتىدىغان تۇرسا، مەن ياشاپ قېلىپ نە قىلاي؟"




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-3 20:32:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
"نەگە بېرىشىڭنى بىلمىگەن ھالدا، ئەركىن-ئازادە يۈر؛
نېمىگە ئېرىشىشىڭنى بىلمىگەن ھالدا، خالىغانچە ھەرىكەت قىل.
يۈرىكىڭنى بولۇمسىزلىق سۈيىدە سۇغار، ھەممىنى ئۆزىگە قويۇۋەت.
شەكلىڭنى تەرك ئېتىپ، ئەقلىڭنى تاشلا،
ئېتىكا بىلەن مەۋجۇتلۇقنى تەڭلا ئۇنتۇپ، قاراڭغۇلۇققا قوشۇلۇپ كەت.
ئوي-پىكىرىڭنى بوشات، روھىڭنى يەش، كۈلدەك سوغۇق ۋە روھسىز بول.
كۈللى شەيئى ھەر خىل ئېيتىلسىمۇ، ئېيتىلمايدىغان بىر يىلتىزدا بىرلىكتىدۇر.
ئاشۇ يىلتىزنى تۇيغىنىڭ، غۇۋالىق تۇمانىدىن بىر ئۆمۈر ئايرىلالمايدىغانلىقىڭنى بىلگىنىڭدۇر.
ئېنىق كۆرىمەنلا دەيدىكەنسەن، ئايرىلارسەن.
ئېتىنى سورىما، ئەھۋالىنى بىلىشكە ئۇرۇنما، ئۇ يېپىقلىقتىلا ئاشكارىدۇر."



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-6 01:20:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆۋەن ئەمما قويمىسا بولمايدىغىنى، شەيئىدۇر؛
پېقىر ئەمما باقمىسا بولمايدىغىنى، خەلقتۇر؛
ئىزسىز ئەمما قىلمىسا بولمايدىغىنى، ئىشتۇر؛
يىرىك ئەمما دېمىسە بولمايدىغىنى، قانۇندۇر؛
يىراق ئەمما تۇتمىسا بولمايدىغىنى، ئادالەتتۇر؛
يېقىن ئەمما تارقاتمىسا بولمايدىغىنى، رەھىمدۇر؛
ئۇششاق ئەمما يېغمىسا بولمايدىغىنى، يوسۇندۇر؛
ئوتتۇرا ھال ئەمما كۆتۈرمىسە بولمايدىغىنى، ئەخلاقتۇر؛
بىر ئەمما ئۆزگەرمىسە بولمايدىغىنى، داۋدۇر؛
سىرلىق ئەمما ئەگەشمىسە بولمايدىغىنى، جاھاندۇر.
شۇڭا دانىشمەنلەر جاھاننى كۆزىتىدۇ-يۇ، ئوڭشىمايدۇ،
كامالەتكە ئېرىشىدۇ-يۇ، توختاتمايدۇ،
داۋغا يۈرۈيدۇ-يۇ، پىلانلىمايدۇ،
رەھىمدىللىققا كىرىدۇ-يۇ، ساقلىمايدۇ،
ئادالەتكە يېقىنلىشىدۇ-يۇ، تۇتمايدۇ،
يوسۇننى قايتۇرىدۇ-يۇ، قاچمايدۇ،
ئىشلارنى چۈشىنىدۇ-يۇ، رەت قىلمايدۇ،
قانۇن بىلەن تەڭ تۇرىدۇ-يۇ، قالايمىقانچىلىق چىقارمايدۇ،
خەلققە بېقىنىدۇ-يۇ، ئىشلەتمەيدۇ،
شەيئىلەرگە قوشۇلىدۇ-يۇ، كېتىپ قالمايدۇ.
جاھانغا ئېچىلمايدىغىنى كامالغا يەتمەس،
داۋغا يۈرمەيدىغىنى ھېچيەرگە بارالماس!




 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-7 00:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ا

جۇاڭزى ئېيتىدۇ:" ئۇستازىم! ئەي بۈيۈك ئۇستازىم!
جىمى مەۋجۇداتنى ۋەيران قىلىسەنۇ، قەبىھ ھېسابلانمايسەن،
پۈتكۈل زامانغا مەرھەمەت قىلىسەنۇ، مېھرىبان ھېسابلانمايسەن،
يىراق قەدىمدىن بولغانسەنۇ، قېرى ھېسابلانمايسەن،
ھەممىنى يۆگەپ، بارلىقنى ئويۇپ چىقىسەنۇ، كاسىپ ھېسابلانمايسەن.
سەندە ئوقۇغان كىشى
ھاياتىدا تەڭرىدەك يۈرىدۇ، ئۆلگەندە قاراڭغۇلۇقتەك تۇرىدۇ.
جىملىقى مۇئەننەسنىڭ تىنچلىقىدا، ھەركىتى مۇزەككەرنىڭ دولقۇنلىقىدا بولىدۇ.
ئالەمدىن غەم يىمەيدۇ، كىشىدىن ئاغرىنمايدۇ،
شەيئىلەر تەرىپىدىن باغلىنىپ قالمايدۇ، جىنلار تەرىپىدىن ئەيىبلەنمەيدۇ.
ھەمدە دېيىلىدۇ:
ماڭسا ئاسماندەك يۆتكىلىدۇ، توختىسا زېمىندەك چۆكىدۇ.
سۆزى بارچىغا سۈكۈناتنى يەتكۈزىدۇ، يۈرىكى خەلقىئالەمگە يېمەك بولىدۇ."



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-9 14:40:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرەخلەر كېرەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈنلا كېسىلىدۇ:
ياغىچى بولغانلىقى ئۈچۈن چېپىلىدۇ،
يېغى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆيدۈرىلىدۇ،
مېۋىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈزۈلىدۇ،
يېلىمى بولغانلىقى ئۈچۈن قاينىتىلىدۇ.
ھەممە ئادەم كېرەكلىك بولۇشنىڭ پايدىسىنى بىلىدۇ-يۇ،
كېرەكسىزلىكنىڭ تېخىمۇ چوڭ پايدىسىنى بىلمەيدۇ.



ۋاقتى: 2016-4-24 18:41:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېچنېمىزىمنىڭ  بېشى جۇاڭزىمۇ نېمە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش